باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

كومپيۇتېر نېمە ئۈچۈن ‹‹ئېلېكترونلۇق مېڭە›› دەپ ئاتىلىدۇ

      بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن جايلاردا كومپيۇتېرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ: ماگىزىن، بانكىلاردا كومپيۇتېر خېرىدارلارغا ھېسابات قىلىپ بېرىدۇ؛ كۇتۇپخانىلاردا كىتابلارغا ماتېرىيال ئىزدەپ بېرىدۇ؛ دوختۇرخانىلاردا كومپيۇتېر ئورنىتىلغان CT ئاپپاراتى بىمارلارنىڭ تېنىنى تەكشۈرىدۇ...  قىسقىسى، كومپيۇتېر بىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ياراملىق ياردەمچىمىزگە ئايلاندى.

      كومپيۇتېر بىلەن ئادەم مېڭىسى نۇرغۇن ئوخشاشلىققا ئىگە. مەسىلەن، ئادەم مېڭىسى ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، كومپيۇتېرمۇ ئاۋاز، يېزىق، سۈرەت ۋە ھەرخىل ساۋاتلارنى ‹‹ئەستە قالدۇرالايدۇ›› ھەمدە ئۇلارنى ساقلاپ قالالايدۇ: ئادەم مېڭىسى تەپەككۇر قىلالايدۇ، ھۆكۈم قىلالايدۇ، كومپيۇتېرمۇ لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ھۆكۈم قىلالايدۇ، خۇلاسە چىقىرالايدۇ، يەنە تېخى ھەرخىل بىلىملەرنى ئۆگىنىپ توپلىيالايدۇ؛ ئادەم مېڭىسى ھېساب ئىشلىيەلەيدۇ. كومپيۇتېر ھەرخىل مۇرەككەپ ھېسابلارنى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ھېسابلاپ چىقالايدۇ.

      كومپيۇتېرغا ئادەم مېڭىسىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ ئادەم مېڭىسىنىڭ ئورنىدا بەزى خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالالايدۇ، شۇڭا ئۇنى ئادەم مېڭىسى فۇنكسىيىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى دېيىشكە بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارنى ستاتىستىكا قىلىش، ھۆججەت - ئارخىپلارنى رەتلەش قاتارلىق كۈندىلىك خىزمەتلەرنى كومپيۇتېر ئادەم مېڭىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ تەرتىپلىك، توغرا ئورۇندىيالايدۇ. ئادەم يېمەكلىك ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلايدۇ. كومپيۇتېر بولسا ئېلېكتر (توك) ئارقىلىق خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا، بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردا، كىشىلەر كومپيۇتېرنى ‹‹ئېلېكترونلۇق مېڭە››، مىكرو كومپيۇتېرنى ‹‹مىكرو ئېلېكترونلۇق مېڭە›› دەپ ئاتايدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مەۋلان