باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

ئۇخلاش كىيىمى

      مەلۇم دۆلەتتە بىر قەدىمىي يادىكارلىقلار سودىگىرى بار ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئۆيىدە يېڭى تونۇشقان بىر دوستىنى كۈتۈۋاپتۇ. ئۇنىڭ يېڭى دوستىنىڭ ئىسمى سمىت بولۇپ، قەدىمىي يادىكارلىقلارغا باھا بەرگۈچى ئىكەن.

      بىرمۇنچە دەتالاشتىن كېيىن، قەدىمىي يادىكالىقلار سودىگىرى يېقىندا قولغا كىرگۈزگەن يۇقىرى باھالىق قەدىمىي يادىكارلىقنى سمىتنىڭ كۆرۈشىگە بېرىپتۇ. سمىت ئۇلارنى قولىغا ئېلىپ تازا ماختاپتۇ. ئۇ كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، قەدىمىي يادىكارلىقلار سودىگىرى بۇ نەرسىلەرنى بىر كىچىك ئۆيگە  قۇلۇپلاپ قويۇپتۇ – دە، ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا يوغان بىر بۆرە ئىتنى ئىشىككە قارىغىلى قويۇپتۇ. بۇ كۈنى كەچتە سمىت قەدىمىي يادىكارلىقلار سودىگىرىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قاپتۇ.

      يېرىم كېچە بولغاندا، سمىت ئورنىدىن تۇرۇپ ھېلىقى قەدىمىي يادىكارلىقتىن بىرنەچچىنى ئوغۇرلاپتىكەن، قەدىمىي ياردىكارلىقلار سودىگىرى تۇيۇپ قېلىپ ئۇنىڭغا ئېسىلىپتۇ –دە، ئىككىسى ئۇرۇشۇپ كېتىپتۇ. كىم بىلسۇن، سودىگەرنىڭ ئىشىك ساقلاپ ياتقان ئىتى ئوغرىنى قويۇپ، ئىگىسىنى چىشلەپ يارىلاندۇرۇپتۇ، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن سمىت ئوغۇرلىغان نەرسىلىرىنى ئېلىپ تىكىۋېتىپتۇ.

      سودىگەر ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ساقچى ئىدارىسىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىپتۇ.

      بىردەمدىن كېيىن، ساقچى باشلىقى ئىككى ساقچىنى باشلاپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەپتۇ، مال – مۈلۈك ئىستراخۇۋانىيە شىركىتىمۇ ئادەم ئەۋەتىپتۇ. ئەگەردە نەرسىلەر راستتىن يوقالغان بولسا، ئىستراخۇۋانىيە شىركىتى بەلگىلىمە بويىچە سودىگەرگە پۇل تۆلەيدىكەن.

      نەق مەيداندىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، سودىگەر ئېيتقاندەك، ئۇنىڭ قىممەت باھالىق يادىكارلىقلىرىنىڭ ئوغۇرلانغانلىقى راست، ئەمما ئادەمنى گۇمانغا سالىدىغان يېرى، نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىتى ئۇنىڭ ئۆزىنى چىشلەيدۇ؟ بۇنىڭ نېمىشقا شۇنداق بولغانلىقىنى سودىگەرنىڭ ئۆزىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىكەن.

      — بۇ ئىش كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ، — دەپتۇ ئىستراخۇۋانىيە شىركىتىدىن كەلگەن ئادەم، — ئۆگىتىلگەن بۆرى ئىتنىڭ ئوغرىنى چىشلىمەي، ئىگىسىنى چىشلىگەن ئىش زادى بولۇپ باققان ئەمەس. بۇ ئىشقا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، بىز بۇنىڭغا تۆلەم بېرەلمەيمىز. ئىت چىشلەپ تىتماكاتاڭ قىلىۋەتكەن ئۇخلاش كىيىمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىتنىڭ ئاشۇ كىيىمنى ئەگىپ كېتەلمەيۋاتقانلىقىغا قاراپ، ساقچى باشلىقىنىڭ كۆڭلى بىردىنلا يورۇپ كېتىپتۇ. ئۇ سودىگەردىن سوراپتۇ:

     — سودىگەر ئەپەندىم، بۇ كىيىمگە تازا ئوبدان قاراپ بېقىڭ، بۇ ئۇخلاش كىيىمى زادى سىزنىڭمۇ، ئەمەسمۇ؟

      سودىگەر كىيىمنى قولىغا ئېلىپ، تازا سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن، بىردىنلا ۋارقىراپ كېتىپتۇ:

      ياق ئەمەس، بۇ مېنىڭ كىيىمىم ئەمەس، مېنىڭ ئۇخلاش كىيمىمنىڭ ئىككى يېڭىگە قىزىم ئويناپ گۈل ئىشلەپ قويغان.

      — ئەھۋال ناھايىتى ئېنىق، — دەپتۇ ساقچى باشلىقى، — سىلەر قاراڭغۇدا ئېلىشقان، ئىت پەقەت كىيىمدىكى پۇراق بويىچە ئادەم چىشلىگەن، ھېلىقى سمىت ئەپەندى نەرسىلەرنى ئوغۇرلاشتىن بۇرۇن كىيىمنى سىزگە تۇيدۇرماي ئالماشتۇرۇۋەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى  ئىشتىن  بۇرۇن پىلانلىغان. شۇڭا، ئېنىق ئېيتىمەنكى، ئەنزىنىڭ مۇشۇنداقلىقىدا گۇمان يوق.

      ھېلىقى‹‹قەدىمىي يادىكارلىقلارنى باھالىغۇچى›› سمىت ئاخىرى قولغا ئېلىنىپتۇ، ئەسلىدە ئۇ ئاشۇنداق قەدىمىي يادىكارلىقلارنى ئوغۇرلاپ ساتىدىغان كونا ئوغرى ئىكەن.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل - پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەردىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي