باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

شەرەپنى شوتا قىلغان پاتىگۈل

      ‹‹ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرغان سەبىيلەرنى كۆرسەم تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىمەن. ئۇلارنىڭ ئۈمىدلىك كۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش، قاراڭغۇ دىلىنى يورۇتۇش مېنىڭ بۇرچۇم ۋە مەسئۇلىيىتىم››. بۇ يوپۇرغا ناھىيەسى يەكشەنبە بازىرى چۈرۈچ كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پاتىگۈل غوپۇرنىڭ قەلب سۆزى.

      پاتىگۈل مۇئەللىم 2002 – يىلى يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ چۈرۈچ كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە تەقسىم قىلىندى. بۇ مەكتەپ يېزا مەركىزىدىن يىراق بولغاچقا ئوقۇتقۇچى ئىنتايىن كەمچىل ئىدى. پاتىگۈل مۇئەللىم رەھبەرلىك تاپشۇرغان ۋەزىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ مۇنبەرگە چىققان تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ قېتىرقىنىپ ئىزدەندى. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئۇلارنى چۈشەندى، قېرىندىشىدەك كۆردى. ئۇ ھەربىر سائەتلىك دەرسنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، قىزىقىشى بويىچە ناھايىتى ئەستايىدىل، پۇختا تەييارلىدى. ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش ئۈچۈن يېڭىچە ۋە ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەندى.

      پاتىگۈل مۇئەللىم مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتكە جانلىق تەدبىقلاش ئۈچۈن پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، خاتىرە يېزىش، دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىدىن ئۆرنەك ئالدى، ئۇلار بىلەن پىكىرلەشتى، ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنىڭ دەرسىنى ئاڭلىدى، گېزىت – ژۇرناللاردىن ماتېرىيال توپلىدى. رەھبەرلىك ئۇنىڭغا ماتېماتىكا دەرس بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغاندا ئۇ ماتېماتىكا دەرسىنى قىزىقارلىق چۆچەك، مەسەللەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆتتى. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ ئۇلارنى جانلىق تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئاساس قىلىپ ئۇلارغا ئايرىم – ئايرىم ھالدا تاپشۇرۇق لايىھەلەپ بەردى. نەتىجىدە ئۇ دەرس بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى يېزا، ناھىيە بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.

      پاتىگۈل مۇئەللىم ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ئايرىم ئارخىپ تۇرغۇزدى. ساۋاقداشلار ئارىسىدا زىدىيەت يۈز بەرگەندە ئادىل، ۋاقتىدا ھەل قىلىدى. دەرستە يېتىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوستلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بىللە تەكرار قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئوقۇغۇچىلارنى مۇسابىقىلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى. ئىككىنچى دەرسخانا پائالىتىيىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەشكىللىدى.

      پاتىگۈل مۇئەللىم خىزمەتكە قاتناشقان 10 يىلدىن بۇيان يېزا، ناھىيە بويىچە 25 قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر تەربىيەچى››، ‹‹تايانچ ئوقۇتقۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى››، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ مەسئۇلى›› دېگەندەك ناملار بىلەن تەقدىرلەندى. ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دەرسخانا لايىھەسى تۈزۈش، دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىلىرىدە 1 – دەرىجىگە ئېرىشتى. 2011 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ مەسئۇلى›› بولۇپ باھالاندى. ئۇ تەربىيەلىگەن بىر نەپەر ئوقۇغۇچى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەسىلە يېشىش مۇسابىقىسىدە 1 – دەرىجىگە ئېرىشتى.

سۈرەتتە: پاتىگۈل مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىمەكتە.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر