باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

تۇجيالارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى

 

      * تۇخۇم بېسىش تۇجيا ياشلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى. بىر كىشى ئىككى قولى بىلەن يەرگە تىرىلىپ تۇرۇپ ‹‹تۇخۇم›› باسىدۇ. ئۈچتىن بەشكىچە ئادەم تۇخۇمنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇيۇن تۇخۇمنى ئوغرىلاپ تۈگەتكىچە داۋاملىشىدۇ.

      * تۈگمەن تېشى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى تۇجيا ياشلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار بىردىن تۈگمەن تېشىنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈپ، تىكلەنگەن ياغاچ بەلگىدىن ئايلىنىپ باش پەللىگە يۈگۈرۈپ قايتىپ كېلىدۇ.

      * بەلۋاغ تارتىشىش ئويۇنى غەربىي خۇبېي رايونىدىكى تۇجيالارنىڭ بىر خىل چېلىشىش ھەرىكىتى. بۇ خىل چېلىشىشتا ئىككى كىشى بېشىدىكى لۆڭگىنى بەلۋاغ قىلىپ بېلىگە باغلاپ، بىر ـ بىرىنىڭ بەلۋىغىنى تۇتۇپ چېلىشىدۇ، لېكىن پۇت بىلەن تېپىشكە ياكى قول بىلەن ئۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

      * توقماق ئۇچۇرۇش ئويۇنى تۇجيالار قەدىمكى زاماندا زىرائەتلەرنى قوغداش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان. شۇ چاغدا كىشىلەر يىغىم مەزگىلىدە ئوقيا، توقماقلارنى ئېلىپ ئېتىزلىقتا قۇشلار ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنى قوغلايدىكەن. بەزىدە ئارىلىق يىراق بولۇپ قالسا، ئىككى ئادەم بىر بولۇپ توقماق ئاتىدىكەن. ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىي قىلىپ ئۆزگۈرۈش مابەينىدە توقماق ئۇچۇرۇش ھەرىكىتى بۈگۈنكى كۈندىكى يۈرۈشلەشكەن مۇسابىقە ۋە ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىگە ئايلانغان.

      * ئېگىز پۇتلۇق ئات ئويۇنى تۇجيا ياش-ئۆسمۈرلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ياغاچ ئاياغدا مېڭىش ئويۇنىدىن ئىبارەت.

 

 

      * بەدەن ئويۇنى تۇجيالارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ئويۇن قەدىمكى تۇجيالارنىڭ ئەجدادى بولغان بارنىلارنىڭ تەزىيە مۇراسىمىدىن ئۆزگىرىپ شەكىللەنگەن. بۇ ئويۇن كۆڭلەڭسىز ئوينىلىدۇ. ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئىككى قولىنى بەدىنىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئۇرۇپ، رىتىملىق ئاۋاز چىقىرىدۇ.

      * سارخا ئويۇنى ‹‹ماتەم دۇمبىقى چېلىش›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئويۇن بارنىلاردىن قالغان بولۇپ، ھازىر بىر خىل ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرىگە ئايلاندى. بۇ ئويۇندا بىر ئادەم دۇمباق چېلىپ ناخشا ئېيتىدۇ، بىرنەچچە ئادەم دۇمباقنىڭ رىتىمىگە كەلتۈرۈپ ناخشا ئېيتقاچ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. ئويۇن جەريانىدا ئۇلار قائىدە بويىچە بەزىدە بىر - بىرىگە مۇشت ئاتىدۇ، بەزىدە بىر -بىرىنى قولتۇقلايدۇ، بەزىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ چۆرگىلەيدۇ.

      * تۇلۇق ئوينىتىش ئويۇنى تۇجيالارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنى. بۇنىڭدا تەخمىنەن 1.6 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كالتەكنىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن تۇلۇق ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار بىر قولى ياكى ئىككى قولى بىلەن كالتەكنى تۇتۇپ كۆتۈرۈپ، باش ئۈستىدە ئىككى قولىنى ئالماشتۇرۇپ ئايلاندۇرىدۇ ياكى ھەرقايسى تەرەپلەرگە قارىتىپ ئاتىدۇ.

      * قېيىق ئويۇنى تۇجيا ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى يېزىلاردا ئوينىلىدىغان بىر خىل ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ئويۇنى. بۇ ئويۇندا ئۈچ ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ئىككىسى يەردە قارىمۇ ـ قارشى ئولتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ پۇت ۋە بەدەننىڭ كۈچىشى بىلەن دولقۇنسىمان ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. يەنە بىر ئادەم كېمىچى بولۇپ كەينىدە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلاشقان ھالدا سۇدا قېيىق ھەيدىگەندەك ھەرىكەت قىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى: پولات ئاماننۇرى

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مېھراي