باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

بالىلىقنى ئەسلەش

خاسىيەت جاپپار

 

ئاق تاش، كۆك تاش،

دەريا بويى سۈزۈك تاش.

ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟

كۆل بويىغا چىق ئاداش!

      بالىلىقنىڭ تاتلىق ئويۇنلىرىغا قانماي شېرىن خىياللارنىڭ لەززىتىنى سۈرۈپ بولالمايلا چوڭلار قاتارىغا قېتىلدىم. ئالدىراش تۇرمۇش، جىددىي خىزمەت بالىلىقتىكى كاتتا نېمەتلىرىمدىن مەھرۇم قىلىۋەتكەنىدى. بوۋام – مومامدىن ئاڭلاپ قانمايدىغان «ياغاچ ئات»، «ئالتۇن كەش»، «ئەلى بابا ۋە قىرىق قاراقچى» قاتارلىق چۆچەكلىرىم مەندىن ئاستا – ئاستا يىراقلىشىشقا باشلىدى.

      كىچىكىمدە بىر توپ دوستلىرىم بىلەن مەھەللىمۇمەھەللە چېپىپ ئوينايتتىم. بىراق، ھازىرقى بالىلار ئوينايدىغان تالانىڭ يوقلۇقىدىن «قارا – قارا قۇشلارىم»، «چامغۇر يۇلۇش»، «مۈشۈك بىلەن چاشقان»، «ۋاللەي» قاتارلىق قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئۇنتۇشقا باشلاپتۇ. يىراقتا قالغان بالىلىقىمنى ھازىرقى بالىلارنىڭ بالىلىقىغا سېلىشتۇرۇپ ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلدىم. ئالدىراش يىللار قەدىمى ئاستىدا كۆمۈلۈپ كېتىۋاتقان بالىلىقىمنى قوغلاپ بالىنىڭ نەزىرى بىلەن بالىلىق دۇنياسىغا تەبالىلىقنىڭ ئۆزى كۆپكۆك ئاسمان. ئۇنىڭدا ھەربىر بالا ئۆز تەسەۋۋۇرى، ئارزۇ – ئارمانلىرىنى قاناتلاندۇرۇشقا موھتاج.

      بالىلىقنىڭ ئۆزى مىڭ بىر كېچە، ھەربىر بالا ئۇنى ئۆز خىيالى، ئارمىنى، تاتلىق تۇيغۇلىرى بىلەن سۆزلەيدۇ، يازىدۇ.

      بالىلىقنىڭ ئۆزى تۈگىمەس ناخشا، ئۇنى ئالدىنقىلار ئېيتقان، بىز ئېيتتۇق، كېيىنكىلەر ئېيتىدۇ، لېكىن يەنىلا تۈگىمەيدۇ.

      بالىلىقنىڭ ئۆزى بىر سۈزۈك ئېقىن، بۇ ئېقىن كەلگۈسىدە ئەزىم دەرياغا، بىپايان دېڭىزغا قۇيۇلۇپ تېخىمۇ يىراققا بارىدۇ.

      بالىلىق قەسىرىدىن قايتىپ چىققان چوڭلار، بالىلارغا كەڭرى تالا بېرەيلى. ئۇلار تاپشۇرۇق، تور، تېلېۋىزورغا باغلىنىپ قالماستىن دالىلارنىڭ كەڭلىكى، پايانسىزلىقنى ھېس قىلسۇن. بالىلارنى ئۆزىمىزنىڭ جىددىي، ئالدىراش دۇنياسىغا سۆرەپ كىرمەي ئۇلارنى بالىلىقنىڭ چەكسىز ئاسمىنىغا قويۇپ بېرەيلى، ئۇلار بۈركۈتلەر بىلەن سىرداشسۇن، بۇلۇت بىلەن مۇڭداشسۇن، ساما بىلەن بوي تالاشسۇن. مېھرىمىز بىلەن بالىلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا يامغۇر بولۇپ چۈشەيلى، بالىلار بىزدىن يامغۇر كەبى سۆيۈشنى، سۆيۈلۈشنى، بېغىشلاشنى، مېھىر بېرىشنى ئۆگەنسۇن!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر