باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

قومۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مۇراسىملىرىدىكى چاچ چۈشۈرگىلىك توغرىسىدا

سەمەت ئەسرا تۇرا

(قومۇل ۋىلايەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىدە)

      ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن قومۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىملىرىدا بىر يۈرۈش قېلىپلاشقان ئۆزگىچە توي قىلىش مۇراسىم-ئادەتلىرى بولۇپ، باشقا جايلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. قومۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادەتلىرىدە ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغىنى يىگىت تەرەپتىكى يىگىتنىڭ چاچ چۈشۈرگىلىك مۇراسىمى بىلەن قىزنىڭ يۈز ئاچقۇلۇق مۇراسىمىدۇر.

      چاچ چۈشۈرگىلىك دېسە ھازىر بىزنىڭ ياشلىرىمىز ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئاساسەن بىلمەيدۇ. تويلاردا بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى رېئال ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. بۇنداق ئېسىل ئادەتلەرنىڭ كىشىلەر نەزەرىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقى، ئېتىبارسىز قارىلىۋاتقانلىقى، كىشىلەر ئارىسىدىن يىراقلاپ بارغانچە ئۆز مەزمۇنىنى يوقىتىۋاتقانلىقى كىشىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مەن ئالدى بىلەن چاچ چۈشۈرگىلىكنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى سۆزلەشتىن ئاۋۋال مۇراسىمنىڭ بىر پۈتۈن جەريانىنى بايان قىلىمەن.

      قومۇل شەھەر ئىچىنى ئاساس قىلغان يېزا - كويلاردىن تارتىپ تاكى بەش شەھەر، ئون ئىككى تاغقىچە توي-تۆكۈنلەردە چاچ چۈشۈرگىلىك ئادەتلىرى ئومۇملاشقان بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردا ئانچە-مۇنچە پەرق بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن چوڭ پەرق يوق.

      چاچ چۈشۈرگىلىك دېسە ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئادەتتىكى تويى بولغان يىگىتنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش پائالىيىتى دەپ تونۇيدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەك، بۇ مۇراسىم ئادەتتىكى چاچ چۈشۈرۈش مۇراسىمى بولۇپلا قالماي، بۇنىڭ چوڭقۇر تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە مۇجەسسەم قىلغانلىقىنى بايقايمىز. بىزدە ‹‹ئادەت يوقالمايدۇ›› دېگەن ھېكمەت بار. قومۇل ئۇيغۇرلىرى ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىلا بۇ ئېسىل ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ تويلارنىڭ ئالاھىدە كۆركى بولۇپ قالغان. ئادەتتە يىگىتنىڭ يىگىت بېشى چاچ چۈشۈرگىلىكنى مەھەللىدە كىمنىڭكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇ مۇراسىم ئومۇمەن يىگىتنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭكىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. قېرىندىشى بولمىسا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بولمىسا، يېقىن ئاغىنە - بۇرادەرلىرى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

      چاچ چۈشۈرگىلىك توينىڭ تۇنجى كۈنى نىكاھتىن يېنىپلا باشلىنىدۇ. بۇ مۇراسىمغا ئادەتتە يىگىتنىڭ نىكاھ مۇراسىمىغا بىللە بارغان ئاغىنە-بۇرادەرلىرىدىن باشقا، يۇرت ئىچىدىكى تەڭتۇشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كېلىپ پەتىلەپ تويى بولغان يىگىتنى تەبرىكلىشىدۇ. يىگىت تويلۇق كىيىملىرىنى كىيىپ، ئىشىك تۈۋىدە يىگىت بېشى باشلىق بىر قانچە ئاغىنىلىرى بىلەن پەتىگە كەلگەن ئاغىنە-بۇرادەرلىرىنى قارشى ئالىدۇ. ئادەت بويىچە چاچ چۈشۈرگىلىككە ئوغۇل بالىلارلا قاتنىشىدۇ. ئاغىنە-بۇرادەرلەر يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن، يىگىت بېشى قائىدە بويىچە چاچ چۈشۈرگىلىك مۇراسىمى باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ (ئادەتتە يىگىت بېشىنى تاللىغاندا قائىدە- يوسۇنلۇق، بىلىملىك، ئاجراشمىغان، تۇنجى ئوغۇللۇق بولغان، يۇرت ئىچىدە مەلۇم ئىناۋەتكە ئىگە يىگىت تاللىنىدۇ). چاچ چۈرۈشگىلىك مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگۈچى ساھىبخان ئالدى بىلەن ئۆزى تەييارلىغان مېۋە-چېۋە، تاتلىق - تۈرۈملەرنى كەلتۈرىدۇ، ئاندىن تاماققا تۇتۇش قىلىدۇ. ئادەتتە تاماقنىڭ تۈرى چەكلەنمەيدۇ. ‹‹تاپقىنى قوي كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز›› دېگەندەك، ھەر كىم قول ئىلكىگە قاراپ بەلگىلەيدۇ. ھال-ئوقىتى ياخشىلار قوي سويۇپ قان ئاققۇزۇپ، ئىككى ياشقا بەخت تىلەيدۇ ھەمدە ياپما، پولو دېگەندەك ئېسىل تائاملارنى ئېتىدۇ. قول ئىلكىدە يوقلار ھېچبولمىغاندا سۇيۇقئاش قىلىپ بولسىمۇ مېھمانلارنى رازى قىلىدۇ. تاماق تارتىلىش ئارىلىقىدا ياشلار ئارىسىدىكى سازەندىلەر ساز قىلىپ مەشرەپ سالىدۇ. تاماق تارتىلىش بىلەن مەشرەپ توختىتىلىپ تاماق يېيىلىدۇ. تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، چاچ چۈشۈرگىلىك مۇراسىمى رەسمىي ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىگىتنىڭ چېچىنى چۈشۈرىدىغان كىشى چوقۇم توي قىلغان، قايتا نىكاھلانمىغان، بەش ۋاخ ناماز ئۆتەيدىغان، ئەقلى-ھوشى جايىدا، ئوقىتى ئىلگىرى باسىدىغان، قولىدا ھۈنىرى بار ئادەم بولۇشى كېرەك. ئىلگىرىكى زامانلاردا يىگىت تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ نىكاھى ئوقۇلغانغا قەدەر ھېچقانداق يېرىگە تىغ تەگكۈزۈلمەيدۇ. بۇ قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ئادەت بولۇپ، ساقال-بۇرۇتىغا تىغ تەگكۈزۈلگەن يىگىتلەرنى نىكاھلانغان دەپ بىلىدۇ. بۇ ئادەت يېقىنقى يىللارغىچە داۋام قىلىپ كەلدى. چاچ چۈشۈرىدىغان يىگىت دۇئا قىلغاندىن كېيىن قولىغا قايچا، ئۇستىرا قاتارلىق بۇيۇملىرىنى ئېلىپ چاچنى رەسمىي چۈشۈرىدىغانلىقىنى خالايىققا جاكارلايدۇ. يىگىتلەر ئارىسىدىن توي قىلمىغان بەستىلىك كەلگەن بىرەرسىنى تاللاپ، ئۇنى تۆت ئاياغ (يەنى ئات شەكلىدە) يۈكۈندۈرۈپ، دۈمبىسىگە تويى بولغان يىگىتنى ئولتۇرغۇزۇپ چېچىنى رەسمىي چۈشۈرۈشكە باشلىغاندا، ئەتراپىدىكى دوست-بۇرادەرلىرى تۆت ئاياغ بولغان يىگىتكە ھەر خىل چاقچاق ۋە ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا باشلايدۇ. تۆت ئاياغلانغان يىگىت ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ تويى بولغان يىگىتنى تىنچ ئولتۇرغىلى قويمايدۇ. ئەتراپىغا يىغىلىۋالغانلار بىرسى بېشىغا چەكسە، بىرسى چېچىنى تارتىدۇ. تۆت ئاياغ بولغان يىگىت دۈمبىسىدىكى يىگىتنى تىنچ تۇرغىلى قويماي چايقاپ تۇرىدۇ. ئەتراپتىكىلەر ‹‹ھەجەپ شاش يىگىتكەن، ھەجەپ شوخ بالىكەن، ھەجەپ مىجەزى ياخشى يىگىتكەن›› دەپ چۇرقىرىشىپ، تۆت ئاياغلىق يىگىتكە چاقچاق قىلىشىدۇ. بۇ ئويۇننىڭ مەنىسى تويى بولغان يىگىتنىڭ بالىلىق خۇيلىرىنى، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تاشلاپ بالاغەتكە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، ئىناق، ياخشى ئائىلىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغانلىقىنى، زىممىسىگە بىر ئائىلىنىڭ يۈكى يۈكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. چاچ چۈشۈرۈش مۇراسىمى ئاياغلىشىشى بىلەن خىنىلىق قىلىش (سوۋغا تەقدىم قىلىش) پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. قەدىمدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ياكى يار-بۇرادەرلىرى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ، ئالدى بىلەن چاچ چۈشۈرگىلىك قىلغۇچى ئۆزىنى كۆڭلىنى ئىزھاھ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قالغانلار مەن بىر ئىنەك سوۋغا قىلدىم دېسە، يەنە بىرى مەن بىر قۇلۇنلۇق ئات سوۋغا قىلدىم دەپ، ئازدۇر - كۆپتۇر يىگىتكە ئاتا خىنا (سوۋغات) بېرىدۇ. بۇ سوۋغاتلارنىڭ تۈرى، سانى چەكلەنمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە چاچ چۈشۈرگىلىكنىڭ شەكلى، مەزمۇنى ئۆزگىرىپ، تويلاردا ياشلار پەقەت پۇللا ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، رېستۇراندا يەپ-ئىچىپ، ھېچقانداق مۇراسىم پائالىيەتمۇ قىلمايدۇ. چاچ چۈشۈرگىلىكنىڭ ئىجتىمائىي رولى ۋە مەدەنىيەت قىممىتىنى چۈشەنمەيدۇ. قەدىمدە ياشلار بۈگۈنكى كۈندىكى ياشلارغا ئوخشاش توي قىلىمەن دەپ تۈمەنلەپ قەرزگە بۇغۇلۇپ قالمايدۇ. چاچ چۈشۈرگىلىكتىكى خىنا تەقدىم قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياشلار يەنە بىردەم مەشرەپ ۋە كۈلكە-چاقچاقلارنى قىلىشىپ، قىزنى كۆچۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قىز تەرەپكە ماڭىدۇ. يىگىت بېشى ۋە ئىككىدىن تۆتكىچە ئاغىنىلىرى يىگىتكە ھەمراھ بولۇپ قالىدۇ. يۇقارقى مۇراسىمنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش جەريانى ۋە مەقسىتىدىن بۇ مۇراسىمنى چوقۇم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تەركىبىگە كىرگۈزۈپ قوغداش ۋە ساقلاپ قېلىش بەكمۇ زۆرۈردۇر. چۈنكى، بۇ مۇراسىمنىڭ ئىجتىمائىي رولى ۋە قىممىتى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت. بۇ مۇراسىم ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىش جەريانىدا، بۇنىڭغا كۆپ مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت ئامىلى سىڭدۈرۈلگەن. بۇ مۇراسىمنى باشتىن - ئاخىر بىر خىل مەدەنىيەت قىممىتى سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە ئومۇمىيلىق قىممىتى، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى قىممىتى ۋە ئېستېتىك قىممىتى، شۇنداقلا، تەربىيەۋى قىممىتى ۋە ئىقتىسادىي قىممىتىنىمۇ مۇھىم ئورۇندا قويۇش كېرەك. ئىجتىمائىي رولى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ چاچ چۈشۈرگىلىكتىن ئىبارەت بۇ خىل ئادەت ياشلاردا ئۇيۇشقاقلىق ۋە كوللېكتىۋىزىملىق ئىدىيەنى يېتىلدۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى بولغان بىر ئىناق بەختلىك ئائىلىسىنىڭ ئاساسىنى سېلىپ، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزىدۇ. مانا بۇ قومۇلدىكى ئۇيغۇرلار ياراتقان مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى. بۇ خىل ئۆزگىچە ئادەت قومۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەپەككۇر يولى، پىسخىكىسى ۋە ئېستېتىك قاراشلىرىنى نامايەن قىلىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر