باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ۋەتىنىمنى سۆيىمەن

(نەسىر)

مەدىنە ئېلى

      سۆيۈملۈك ئانا ۋەتىنىم، ھەر قېتىم مۇبارەك نامىڭنى تىلغا ئالغىنىمدا قەلبىم چەكسىز ئىپتىخارغا تولىدۇ. ساڭا بولغان ئىشەنچ، ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. سۆيۈملۈك ئانا ۋەتىنىم، سەن نەقەدەر ئۇلۇغ، مېھرىبان – ھە!

      دوستۇم، ئەگەر بىرەرى سىزدىن ‹‹دۇنيادا كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟›› دەپ سورىسا بەلكىم ‹‹ئانا›› دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، مەن ھېچ ئىككىلەنمەيلا ‹‹ۋەتەن›› دەپ جاۋاب بېرىمەن. چۈنكى، گۈل – گىياھ تۇپراق ئارقىلىق ھاياتقا ئىگە بولغاندەك ھەممىمىز ئانا ۋەتەن ئارقىلىق ھاياتلىققا ئىگە بولغان. ئانا بىر ئائىلىنىڭ قۇياشى بولسا ۋەتەن پۈتۈن ئەلنىڭ قۇياشى. سۆيۈملۈك ۋەتىنىم، سېنىڭ بۈيۈك نامىڭ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا پۈتۈلگەن. سېنى مەڭگۈ ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىمەن ھەم كۈيلەيمەن. سېنىڭ گۈللەپ ياشنىشىڭ، گۈزەل ماكانغا ئايلىنىشىڭ ئۈچۈن ياخشى ئوقۇيمەن.

(ئاپتور پەيزاۋات ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ 2 – يىللىق 7 – سىنىپتا)

يېتەكچى: روشەنگۈل روسۇل

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر