باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

ھېكمەتلەر

      1. خەلقنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ زىيىنىغا رازى بول.

      2. مەدھىيە مۇبالىغەڭ ئۆرلىگەنسېرى يالغانچىغا ئايلىنىسەن.

      3. سەن باشقىلارغا ئازاب كەلتۈرسەڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزۈڭمۈ خورلۇق ئىچىدە ياشايسەن.

      4. ئۆزۈڭنى ئاسراي دېسەڭ ئاچچىقىڭنى ئاشكارىلىماسلىققا بەرداشلىق بەر.

      5. نادان ۋە جاھىل بىلەن مۇنازىرىلىشىمەن دەپ ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما.

      6. كىشىگە دۈشمەن بولما، ئەگەر كىشى دۈشمەن بولىمەن دېسە قورقما.

      7. سەۋەبسىز تەتۈر قارىغان دوستۇڭغا ئۆزرە ئېيتما، چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە ساختا دوستلۇق ئورۇن ئالغان.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر