باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

دادامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن

   ئايشەمگۈل جاپپار (مۇخبىرىمىز)

      ‹‹دادام بەك تىرىشچان. ئۇ ھەر كۈنى سەھەر چىقىپ كېتىپ قاراڭغۇ چۈشكەندە قايتىپ كېلىدۇ. قەھرىتان سوغوق، پىژغىرىم ئىسسىقتا باققاللىق قىلىپ بىز بەش بالىنى بېقىپ چوڭ قىلدى. مەن تىرىشىپ ئوقۇپ دادامنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلايمەن››.

      بۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 65 – ئوتتۇرا مەكتەپ باشلانغۇچ بۆلۈم 5 – يىللىق 4 – سىنىپنىڭ باشلىقى ئابدۇشۈكۈر ئالىمنىڭ يۈرەك سۆزى.

      ئابدۇشۈكۈر يېزىدا چوڭ بولغاچقا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن خەنزۇ تىلى دەرسىدە بەك قىينالدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ۋاقتىدا تەكرار قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەنزۇ تىلىنى تىرىشىپ ئۆگەندى. سەھەر تۇرۇپ خەنزۇچە تېكىستلەرنى يادلىدى، خام خەتلەرنى ئۆگەندى. مەھەللىسىدىكى خەنزۇ بالىلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ خەنزۇ تىلى تەلەپپۇزىنى توغرىلىدى. ئابدۇشۈكۈرنىڭ يۇقىرىقى تىرىشچانلىقى تېزلا ئۈنۈم بېرىپ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى كۈندىن كۈنگە ئۆستى. ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ 1 – يىللىقتىلا سىنىپ باشلىقى بولۇپ سايلاندى.

      ئابدۇشۈكۈر سىنىپ باشلىقى بولغاندىن كېيىن ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ تىرىشىپ ئۆگەندى. ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەش، سىنىپ ۋە مەيداننىڭ تازىلىق ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتلەردە ئۈلگىلىك رول ئوينىدى. قىش كۈنلىرى قار ياغقان ھامان ساۋاقداشلىرىنى تەشكىللەپ مەيداندىكى قارنى تازىلىدى. يامغۇر ياغقان كۈنلىرى تۆۋەن يىللىقتىكى ساۋاقداشلارنى يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويدى. مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.

      ئابدۇشۈكۈر كىتاب ئوقۇشقا بەكمۇ ھېرىسمەن. ئۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەي كۇتۇپخانىغا بېرىپ كىتاب ئوقۇدى. ئاتا – ئانىسى بەرگەن پارچە پۇللارنى يىغىپ ئايدا بىر پارچە كىتاب سېتىۋالدى. ئوقۇغان كىتابلىرىدىن خاتىرە قالدۇردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېزىقچىلىق سەۋىيەسى ئۆسۈپ يازغان ماقالىلىرى يىللىقلار بويىچە ئۈلگىلىك ماقالە بولۇپ تاللاندى. سىنىپنىڭ ‹‹قارا تاختا›› گېزىتىنى ئىشلەشنى ۋەزىپىسىگە ئايلاندۇرۇپ ھەپتىدە بىر قېتىم يېڭىلاپ تۇردى. كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى. ئائىلىسى نامرات بولسىمۇ نەچچە ئاي تېجەپ يىغقان 20 يۈەن پۇلىنى ۋېنچۇەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلدى. ئۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن ساۋاقداشلىرى ئاپەت رايونىغا بەس – بەستە پۇل ئىئانە قىلدى.

      ئابدۇشۈكۈر بوش ۋاقىتلىرىدا پۇتبول ئويناپ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ غوللۇق ھۇجۇمچىسى بولۇپ قالدى. ئۇ مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹ئىلغار سىنىپ كادىرى››، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر››، ‹‹كىتاب ئوقۇش ماھىرى›› بولۇپ باھالانغاندىن سىرت مەسىلە يىيىش، كىتاب ئوقۇش، چىرايلىق خەت يېزىش مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچى، ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى، 2011 – يلى 5 –، 6 – ئايلاردا مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئۆسمۈر – بالىلارغا قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسى ۋە ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش تەربىيەسى بېرىش›› پائالىيىتىدە ‹‹بالىلارنىڭ تۆت چوڭ ھوقۇقىنى قوغدايلى››، ‹‹بالىلارنى خورلاشنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى›› دېگەن تېمىلاردا تەسىرات سۆزلىدى.

سۈرەتتە: ئابدۇشۈكۈر (سولدىن 1 – ئوقوغۇچى) ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر