باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

‹‹ئەترەت پائالىيىتى(دەرسلىكى) يېتەكچى پىروگراممىسى››نى يولغا قويۇپ، ئەترەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرەيلى(2)

        مۇھەررىر: بۇ قېتىم سىز كۆپچىلىككە ‹‹ئەترەت پائالىيىتى (دەرسلىك) يېتەكچى پىروگراممىسى››نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇردىڭىز. تەربىيەچىلەر بۇنىڭدىن مۇئەييەن تەسىرات ئېلىپ، نېمىنى قىلىش لازىملىقىنى بىلىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك يەنە قانداق قىلىش، پىروگراممىنى قانداق يولغا قويۇشنى بىلىۋالىدۇ؟

      جاۋ گوچاڭ: مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ‹‹پىروگرامما››نى تەشكىلىي تۇرمۇش، كوللېكتىپ پائالىيەت، ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋە شەخسىي يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يولغا قويسا بولىدۇ. بۇنداق ئۇسۇللاردىن پايدىلانغاندا تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، ئەترەت تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەرقايسى ياش باسقۇچىدىكىلەرنى تەربىيەلەش نىشانى، تەربىيەلەش مەزمۇنى ۋە تەربىيەلەش ۋاسىتىسى جەھەتتىن كونكرېتلاشتۇرۇپ ۋە شەكىلگە ئىگە قىلىپ تىرىشىپ دەۋرچانلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك.

      مۇھەررىر: ئەترەت پائالىيىتى دەرسلىكى بىر خىل ئۇنېۋىرسال سىستېما، تەربىيەچىلەر پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ۋە پائالىيەت ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈپ نىشان ۋە ۋەزىپىگە سەل قارىماسلىقى كېرەك. بۇ تۆت خىل ئۇسۇل قانداق كونكرېت پائالىيەت مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

      جاۋ گوچاڭ: تەشكىلىي تۇرمۇش بىرىنچى خىل ئۇسۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاساسلىقى: 1. مۇراسىم ئۆتكۈزۈش. ئەترەتنىڭ قائىدە – يوسۇن تەربىيەسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ ئەترەتنىڭ مۇھىم مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ، قىزىل گالىستۇك تاقاش، ئەترەت سالىمىنى توغرا بېرىش، ئەترەت بايرىقى چىقىرىش، ئەترەت شۇئارى توۋلاش، قەسەم بېرىش قاتارلىقلاردا چىڭ تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 2. ئەترەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش. ئەترەت ئىشخانىسى، بارابانچىلار ئەترىتى، ئوتتۇرا ئەترەت بۇلۇڭى، كىچىك سەھنە، كىچىك دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق ئەترەت بازىسى ۋە نۆۋەتچى ئوتتۇرا ئەترەت تۈزۈمىنى قۇرۇپ، ئەترەتنىڭ تۇرمۇشىنى مۇستەقىل باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 3. كوللېكتىپ ئۆگىنىش. ئەترەت ئەترەتكە كىرىشتىن بۇرۇنقى تەربىيە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى تەربىيە، ئەترەت نىزامنامىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەش، ئەترەت كىچىك كادىرلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 4. دېموكراتىك قاتنىشىش. ئەترەت يىغىنى، ئەترەت كادىرلىرى يىغىنىنى تەشكىللەش، پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىش، ۋەكىللەرنى كۆرسىتىش، ئەترەت كىچىك كادىرلىرىنى سايلاش، قىزىل گالىستۇك كىچىك لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، مۇنەۋۋەر پىيونېرلارنى سايلاش، ئەترەتنىڭ ئىچكى ئىشىنى مۇلاھىزە قىلىپ بەلگىلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      مۇھەررىر: ئەترەت تەشكىلىي تۇرمۇشىنىڭ ئۇسۇلى كۆپ، مېنىڭچە پىيونېرلارغا مۇلازىمەت قىلىش، مەسىلەن، ئۆزىنىڭ ھەمراھىغا ئۆزى ياردەم بېرىش، ھەمراھلار ئارا ئالاقە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئىدىيە، ئۆگىنىش، پائالىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە ئەسكەرتىش، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى قىلسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايمەن.

      جاۋ گوچاڭ: ‹‹پىروگرامما››نى يولغا قويۇشنىڭ ئۈچىنچى خىل ئۇسۇلى كوللېكتىپ تۇرمۇش. مەسىلەن، كوللېكتىپ پائالىيەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەترەت تەشكىلىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن مەكتەپنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، پىيونېرلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئېھتىياجى، كوللېكتىپنىڭ تەييارلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆزئارا قانات يايدۇرغان پائالىيىتى؛ ئىجتىمائىي تەشكىلات خاراكتېرلىك پائالىيەت پىيونېرلارنىڭ مۇستەقىل قاتنىشىشى، مۇستەقىل باشقۇرۇش، قەرەللىك قانات يايدۇرش، ئالاھىدىلىكى بار شەخسلەرنى ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ پىدائىي تەربىيەچىلىكىگە تەكلىپ قىلىپ ئالاھىدە ئىجتىمائىي ئۆمەك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تارقاق

      خاراكتېرلىك پائالىيەت دەرستىن سىرتقى، دەرس ئارىلىقى ۋە ئارام ئالغان ۋاقىتتا قانات يايدۇرۇلغان كىچىك، تارقاق ئويۇن، پائالىيەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      مۇھەررىر: ئېنتېرنىت دەۋرىدە ئۇچۇر ئۆسمۈر – بالىلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە، تەربىيەچىلەر ئېنتېرنىت تورى ۋە يېڭى تاراتقۇنىڭ ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئوينايدىغان ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

      جاۋ گوچاڭ: شۇنداق، بۇ ‹‹پىروگرامما››نى يولغا قويۇشنىڭ ئۈچىنچى خىل ئۇسۇلى ئۇچۇر يەتكۈزۈش. ئۇچۇر يەتكۈزۈشنىڭ تۈرى كۆپ. بىرىنچى، ئاممىۋى تاراتقۇلار: كىتاب، گېزىت – ژۇرنال، تېلېۋىزور، رادىيو قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئاممىۋى تاراتقۇلار، ئۆسمۈرلەر تورى، بىلوگ، تور مەھەللىسى، QQ قىسقا ئۇچۇرى، يانفون گېزىتى، يانفون قىسقا كۆرۈنمىسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئېلانى قاتارلىق ئېنتېرنىت تورى ۋە يېڭى تاراتقۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شۇنىڭ ئىچىدىن ئۆسمۈرلەرگە ماس كېلىدىغان مەزمۇنلارنى ئاڭلاشقا، كۆرۈشكە تەشكىللەش كېرەك. ئىككىنچى، مەكتەپ ئىچى تاراتقۇسى: ئەترەت ئىشخانىسى، قىزىل گالىستۇكلۇقلار رادىيو ئۇزېلى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئوقۇغۇچىلار لايىھەلىگەن كىچىك گېزىت، تەشۋىقات تاختىسى، تەشۋىقات كارىدورى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، تاختا گېزىتى، كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش ئۆسكۈنىسى، ئوتتۇرا ئەترەت بۇلۇڭى قاتارلىق مەكتەپ ئىچى تاراتقۇلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى پايدىلىنىپ، ئەترەتنىڭ تەربىيەلەش مەزمۇنىنى يەتكۈزۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئەترەت تاراتقۇسى: پىيونېرلارنى ھەردەرىجىلىك ئەترەت گېزىتى، ئەترەت ژۇرنىلى، ئەترەت تورىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. تۆتىنچى، كىشىلەر ئارا يەتكۈزۈش: تەربىيەچىلەر، ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارنى تەربىيەلىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەمراھلار ئارا ئۆزئارا ئالاقە قىلىش، تەسىر قىلىشقا يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

      مۇھەررىر: ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى يولداش لۇ خاۋ بۇ يىللىق ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ تەشۋىقات مەدەنىيەت خىزمىتىنى ‹‹مەزمۇن بىلەن تەمىنلەشتىن›› باشقا يەنە ‹‹مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بىز ‹‹پىروگرامما››نى يولغا قويۇش جەريانىدا بۇ تەلەپكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

      جاۋ گوچاڭ: بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تەربىيەچىلەر مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى بايقاشقا ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، جەمئىيەتتىكى مۇنەۋۋەر بالىلار قوشاقلىرى، شېئىر، ھېكايە، مەسەل، ناخشا، تور ئويۇنى، كارتون فىلىم، كىنو، بالىلار سەھنە سەنئىتى، كىچىك چاستوتىلىق كۆرۈنۈش، مىكرو كىنو، ئەلنەغمە، رەسىم قاتارلىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۆسمۈر – بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنى ئۆزلىرى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. تۆتىنچى خىل شەكىلدىكى شەخسىي تەكرار قىلىش ئىشىنىش، ئاڭلاش، ئىلھاملاندۇرۇش، ئويغىتىش، ئۆزئارا بىرلىككە كېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      مۇھەررىر: ‹‹پىروگرامما››دا ھەرقايسى يىللىقلار بىر باش تېمىنى نىشان قىلىش بەلگىلەنگەن، بىزگە تونۇشتۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.

      جاۋ گوچاڭ: 1 – يىللىق ‹‹بىرىنچى قەدەم››. بۇنىڭ مەنىسى ئىدىيە ئاڭ يېتىلدۈرۈشنىڭ باشلىنىشى؛ 2 – يىللىق ‹‹بىخ ئۇرۇش››. بۇنىڭ مەنىسى ياخشى ئاڭنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشى؛ 3 – يىللىق ‹‹تەربىيەلەش››. ئۆزىنى باشقۇرۇش جەريانىدا ئاڭ يېتىلدۈرۈش؛ 4 – يىللىق ‹‹ھېس قىلىش››. ھېس قىلىش جەريانىدا ئىدىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ 5 – يىللىق ‹‹ئەمەلىيەت››. ئەمەلىيەت جەريانىدا تېخىمۇ تاۋلىنىش؛ 6 – يىللىق ‹‹ئۆستۈرۈش››. ئالاقە جەريانىدا ئۆستۈرۈش؛ 7 – يىللىق ‹‹پەرق ئېتىش››. ئانالىز قىلىش ئارقىلىق پەرق ئېتىش؛ 8 – يىللىق ‹‹ئىرادە تىكلەش››. دەسلەپكە قەدەمدە كىشىلىك ھايات ئىرادىسىنى تىكلەپ توغرا ئىدىيەۋى ئاڭنى شەكىللەندۈرۈش.

      مۇھەررىر: ئەمەلىيەت جەريانىدا مەكتەپ ‹‹پىروگرامما››نى يولغا قويۇشتا ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟

      جاۋ گوچاڭ: ئەترەت پائالىيەت دەرسلىكى 1 – يىللىقتىن 8 – يىللىققىچە ئۆتۈلىدۇ،

      ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەپتىدە بىر سائەت ئىتتىپاق، ئەترەت پائالىيىتى دەرسلىكى ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەترەت پائالىيەت دەرسلىكىنىڭ دەرسلىك ئوقۇتۇشىدىن پەرقلىنىدىغان تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا تەربىيەچىلەر ھەر خىل مۇكەممەل ۋە تارقاق دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشقىمۇ ماھىر بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، بايرام، خاتىرە كۈنلەردىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش؛ دەم ئېلىش كۈنى قاتارلىق درستىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىش؛ بولۇپمۇ قىشلىق، يازلىق تەتىلدە ئەترەت پائالىيىتىنى دەرسلىكىنى يولغا قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىش.

      مۇھەررىر: ‹‹پىروگرامما››دا نۇرغۇنلىغان يېڭى ئاتالغۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، مەسىلەن، ‹‹قوش ئاساسىي گەۋدە››، ‹‹قوش يۆنىلىش›› يەنە ‹‹قوش دەرسلىك››. تەربىيەچىلەر قانداق قىلغاندا بۇلارنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىۋالالايدۇ؟

      جاۋ گوچاڭ: ‹‹قوش ئاساسىي گەۋدە›› ئەترەت پائالىيەت دەرسلىكىنى ئېچىش بىلەن يولغا قويۇشتا تەربىيەچىلەر بىلەن پىيونېرلارنىڭ ئورتاق قاتنىشىشىنى كۆرسىتىدۇ؛ ‹‹قوش يۆنىلىش›› ئېنتېرنىت تورى ۋە يېڭى تاراتقۇنىڭ ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، توردىكى پائالىيەت بىلەن تورنىڭ سىرتىدىكى پائالىيەتنىڭ زىچ بىرلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ؛ ‹‹قوش دەرسلىك›› كۆرۈنىدىغان دەرسلىك ۋە يوشۇرۇن دەرسلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇھىت يارىتىش، بازا قۇرۇلۇشى، تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇش، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى يوشۇرۇن دەرسلىكنىڭ ھەرقايسى ئامىللىرىغا سىڭدۈرۈپ پىيونېرلارنى تەربىيەلەش مەقسىتىگە يېتىش كېرەك.

      مۇھەررىر: ‹‹پىروگرامما››دا پىيونېرلارنى باھالاش ۋە تەربىيەچىلەرنى باھالاش مەزمۇنىنىڭ قانداق ئاساسلىق شەكلى بار؟

      جاۋ گوچاڭ: پىيونېرلارنى باھالاپ ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ۋاسىتىسى ‹‹كىچىك بۈركۈت‹ ›مېدالى. ‹‹پىروگرامما›› دۆلەت دەرىجىلىك، يەرلىك دەرىجىلىك، مەكتەپ دەرىجىلىك قاتارلىق ئۈچ دەرىجىلىك كىچىك ‹‹بۈركۈت مېدال››نى تەسىس قىلغان. دۆلەت دەرىجىلىك مېدال ھەر قايسى يىللىقتا ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر ‹‹كىچىك بۈركۈت›› مېدالىدىن بىرنى، ئاساس مېدالىدىن ئالتىنى تەسىس قىلغان. ھەرقايسى يىللىقلار بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت ئاساس مېدالىغا ئىرىشەلىسە ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر ‹‹كىچىك بۈركۈت›› مېدالىغا ئېرىشەلەيدۇ. ھەرقايسى يىللىقنىڭ مېدالىنىڭ رەڭگى ئايرىم – ئايرىم ھالدا قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق، يېشىل، قېنىق يېشىل، كۆك، سۆسۈن، ئالتۇن رەڭدە بولىدۇ. ‹‹پىروگرامما››دا تەربىيەچىلەرنى باھالاشتا تەربىيەچىلەرنىڭ ئەترەت پائالىيەت دەرسلىكىنى تەشكىللەش، پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قابىلىيىتى ۋە ئەمىلىي ئۈنۈمنى چىقىش قىلغان ھالدا باھالايدۇ. باھالايدىغان ئاساسىي گەۋدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەترەت تەشكىلاتى؛ باھالاش ئۇسۇلى سوئالغا جاۋاب بېرىش، باھالاش جەدۋىلى، زىيارەت قىلىش، خىزمەت خاتىرىسى قاتارلىقلار؛ باھالاپ ئىلھاملاندۇرۇش ئوبيېكتى ھەر دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر تەربىيەچىلەر.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر