باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

بىز سەھرالىق بالىلار

روزى ياسىن

 

ئىجىل – ئىناق، ئۇيۇشچان،

 بىز سەھرالىق بالىلار.

گۈلباغچىمىز، يەسلىمىز

 ساپ ھاۋالىق دالىلار.

 

بىز سەھرالىق بالىلار،

سەھرا بىزگە ئانىدەك.

تەلپۈنىمىز ئۇنىڭغا

خۇددى يۇمران مايسىدەك.

 

بىز سەھرالىق بالىلار،

چۆلدە يۇلغۇن چېچىكى.

گۈللەر بىلەن ئورالدى،

تەبىئەتنىڭ ئېتىكى.

 

بىز سەھرالىق بالىلار،

پەن بېغىدا كۆكلىگەن.

ئەلگە مېۋە بېرىشنى،

ۋەتەن بىزگە يۈكلىگەن.

(ئاپتور يېڭىسار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىدا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر