باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

شېئىرىي تېپىشماقلار

يالقۇن قارى

 

پۇتلىرى بار جانىۋار،

بىر قەدەممۇ ماڭمايدۇ.

ئولتۇرىمىز ئۈستىدە،

بىز ھارمىساق ھارمايدۇ.

2

‹‹چىك – چىك›› سۆزلەيدۇ،

ۋاقىت ئۆلچەيدۇ.

3

ئەتىۋارلىق گۈل ئۆزى،

تېپىلمايدۇ باغلاردىن.

ئورۇن ئالغان چۈنكى ئۇ،

ئېگىز قارلىق تاغلاردىن.

4

تۇرار بۇلۇڭ – پۇچقاقتا،

بارماقلىرى يوق، ئالىقان.

ئەخلەت ئېلىپ تۆكىدۇ،

تازىلىققا ئەسقاتقان.

5

ماكان تۇتقان تۆشۈكتىن،

بەك قورقىدۇ مۈشۈكتىن.

6

ئاغزى يوغان، چىشى يوق،

قورسىقى بار، ئىچى يوق.

ئاغزى بىلەن سۇ ئىچىپ،

ئاغزى بىلەن چىقىرار،

سېپى گويا ھىلال ئاي،

قۇلىقىغا تۇتىشار.

7

كۆكتىن چۈشكەن پاختا ئۇ،

قېتىپ كەتسە تاختا ئۇ.

8

كېلىپ تۇرار پوچتىدىن،

ھەر كۈن ئۇنىڭ بىر سانى.

كۆرۈپ ئۇندىن يېڭىلىق،

تەرەققىيات، ئۆزگىرىش،

چۈشىنىمىز دۇنيانى.

9

سىزىق بويلاپ يۈرىدۇ،

ئىزىدىن خەت پۈتىدۇ.

10

توغرىلاپلا نىشانغا،

ئۇچلاپ قويغان ئۇچىنى.

شۇ بويىچە ماڭىدۇ،

توقماقلىساڭ بېشىنى.

11

زىقتا قاتار گۆش توغرام،

چوغدا پىشقان ئاش، تائام.

12

يەردە ياتقان شوتىدۇر،

بەكمۇ ئۇزۇن پۇختىدۇر.

ماڭار پەقەت ئۈستىدە،

تۇتاش كەتكەن ئۆيى بار،

يۈكى ئېغىر جانىۋار.

13

يازدا چۈشەر مۇز تۇرۇپ،

گۈل – گىياھنى سۇندۇرۇپ.

14

تام – تورۇستا تۇرىدۇ،

يېقىن قىلىپ يىراقنى.

قۇيرۇقىنى تارتساڭلا،

يورۇتىدۇ چىراغنى.

(ئاپتور ئاتۇش شەھەرلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر