باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئات بىلەن ئۆچكە

    (مەسەل)

      ئېگىز چوققىلىرى كۆككە تاقاشقان، ئوت – چۆپلىرى بولۇق ئۆسكەن تاغدا ئات بىلەن ئۆچكە بىللە ياشايدىكەن. ئۆچكە ئات بىلەن ئۇچراشقاندا ئەدەپ بىلەن سالام بېرىپ قىزغىن ئەھۋال سورايدىكەن. ئۆزىنى ھەمىشە كۈچلۈك ھېسابلايدىغان ئات ئۆچكىنى بويى پاكار، تېنى ئاجىز، ھېچنېمىگە يارىمايدۇ دەپ مەنسىتمەيدىكەن. ئۆچكە ھەر قېتىم سالام قىلغاندا ئۇنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالماي غادايغان پېتى تۇرۇۋالىدىكەن.

      كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تاغ باغرىدىكى ئوت – چۆپلەر تۈگەپ ئۇلار تاغ ئۈستىگە چىقىپ ئوتلاشقا مەجبۇر بوپتۇ. تاغ ئېگىز، قىيالىرى تىك بولغاچقا چىقىش بەكمۇ تەس ئىكەن. ئۆچكە مىڭبىر جاپادا تىرىشىپ – تىرمىشىپ تاغ ئۈستىگە چىقىپتۇ. ئات ھەرقانچە قىلىپمۇ چىقالماپتۇ. ئۆچكە ئوت – چۆپكە تازا تويغاندىن كېيىن پەستە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تېپچەكلەپ تۇرغان ئاتقا:

      — ھەي ئات ئاكا، قاراپ تۇرماي تېزرەك چىقىڭ، بۇ يەرنىڭ ئوت – چۆپلىرى ناھايىتى مول ئىكەن، — دەپ ۋارقىراپتۇ. ئۆچكىنىڭ قىيا ئۈستىدىكى چەبدەس ھالىتىنى كۆرگەن ئات شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭمۇ ئاجىز تەرەپلىرى بارلىقىنى ھېس قىپتۇ. ئۆچكىنىڭ بويى پاكار، ئاجىز بولغىنى بىلەن ئۆزى قىلالمايدىغان بەزى ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا قايىل بوپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئات ھاكاۋۇرلۇق قىلماي ئۆچكىنى ئىززەتلەيدىغان بوپتۇ.

ھۈسەن تۈردى تەييارلىغان

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر