يېقىندا قەشقەر شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ 4 – يىللىق 2 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى شىرئەلى ئۆمەر مەكتەپتە رەسىم، ھۆسنخەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى. كۆرگەزمىگە ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى دىلمۇرات تۇرسۇن ۋە ھەر قايسى مەكتەپنىڭ رەسىم ئوقۇتقۇچىلىرى، 200 دىن ئارتۇق ئاتا – ئانىلار ۋەكىلى قاتنىشىپ ياخشى باھالارنى بەردى. كۆرگەزمىگە شىرئەلى ئۆمەرنىڭ 50 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى قاتناشتۇرۇلدى.
سۈرەتتە: شىرئەلى ئۆمەر نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسەتمەكتە.
مەمەت تۇرغۇن ئابدۇكېرىم خەۋىرى، فوتوسى