باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئاغمىخان

      1. بۇرۇن خىلۋەت بىر يېزىدا پىخسىق، ھىيلىگەر، ئاچ كۆز بىر باي بولغان ئىكەن. باراتچوڭ ئىسىملىك بىر كىشى بايغا نەچچە يىل ئىشلەپ ئىش ھەققىنى ئالالمىغاننىڭ ئۈستىگە گەدىنىگىچە قەرزگە بوغۇلۇپتۇ. باي قەرز ھېسابىغا ئۇنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋاپتۇ. باراتچوڭ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ باشقا يۇرتقا قاراپ يول ئاپتۇ.

      2. ئۇ بالا – چاقىلىرى بىلەن مېڭىۋېرىپ بىر تاغقا كېلىپ قاپتۇ. تاغ ئۈستىدىكى بۇلاقتىن ئېقىپ چىققان جەينەكتەك سۇ تاغ ئېتىكىدىكى قاقاسلىققا قۇيۇلىدىكەن. باراتچوڭ نەچچە يىل تەر تۆكۈپ بۇ قاقاسلىقتا گۈزەل بوستانلىق بىنا قىپتۇ. بىر كۈنى باي بۇ ياپيېشىل بوستانلىقنىڭ بىر يالاڭتۆشنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپ باراتچوڭنى يېرىمنى تارتىۋالدى، دەپ قازىغا ئەرز قىپتۇ.

      3. ‹‹بۇ يەرنى مېنىڭ دەيدىغانغا نېمە ئاساسىڭ بار؟›› دەپتۇ باراتچوڭ. ‹‹تەڭرى گۇۋاھ›› دەپتۇ باي ھېچ تەمتىرىمەي. ‹‹ئەمىسە تەڭرىدىن گۇۋاھلىق ئالالىساڭ بۇ يەر سېنىڭ بولسۇن›› دەپتۇ باراتچوڭ. بۇنى ئاڭلىغان باينىڭ كۆزلىرى ئويناپ كېتىپتۇ. دەرھال كۆپچىلىكنى باشلاپ بوستانلىققا كەپتۇ ۋە ئاسمانغا قاراپ: ‹‹بۇ يەر كىمنىڭ؟!›› دەپ ۋارقىراپتۇ.

      4. شۇ چاغدا يەر تېگىدىن ‹‹باينىڭ›› دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ھەممەيلەن ھاڭ – تاڭ بولۇپ ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپتۇ. باراتچوڭنى كىشىنىڭ ھەققىگە چاڭ سالغان، دەپ چالما – كېسەك قىلىپ قوغلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بوستانلىق باينىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپتۇ.

      5. ئەسلىدە باي قىزىنى يوشۇرۇن بوستانلىققا ئاپىرىپ يەر ئاستىغا كۆمۈپ گەپ ئۆگىتىپ قويغانىكەن. بىراق، كىم بىلسۇن، باي ئەل ئايىغى بېسىققاندا قىزىنى كۆمۈپ قويغان يەرگە بېرىپ قارىغۇدەك بولسا ئورەكتە ئاجايىپ بىر مەخلۇق ئولتۇرغۇدەك. باي قورققىنىدىن تۇرۇپلا قاپتۇ. كىشىلەر شۇ چاغدىلا باينىڭ شۇم نىيىتىنى بىلىپتۇ.

      6. بەزىلەر بۇ ھايۋاننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرمەكچى بوپتۇ. ‹‹قىز دادىسىنى يامان يولدىن توسماي ھەقىقەتتىن ئېغىپ ئاغمىچىلىق قىلغاچقا ئۇنى ‹‹ئاغمىخان›› دەپ ئاتايلى، ئۇ تېگىشلىك جازاسىنى تارتتى، تەبىئەتكە قويۇۋېتەيلى!›› دېيىشىپتۇ بەزىلەر. بىراق، ئاغمىخان قىلغانلىرىدىن نومۇس قىلىپ كىشىلەرگە قاراشقا پېتىنالماپتۇ. يەر ئاستىنى ماكان قىلىپ كىشىلەرنى كۆرسىلا بەدەر تىكىۋېتىدىغان بوپتۇ.

(ئاپتور ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: مېھراي