باش بەت | كائىنات سىرلىرى

ئاي شارى بولمىسا يەر شارى قانداق بولىدۇ

      ئاي شارى بولمىسا يەر شارىدا ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغىنى دېڭىزدۇر. ئەگەر ئاي شارى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە، يەر شارىدىكى دېڭىز يۈزىنىڭ ئېگىزلىكىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەسىلەن: يەر شارى ئېكۋاتورىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز سۇلىرى ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە كۆتۈرۈلگەن ھالەتتە تۇرىدۇ، ئەگەر ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە، دېڭىز سۇلىرى جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپلارغا قاراپ ئېقىپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئاي شارى يەنە يەر شارى ئوقىنى مۇقىملاش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. ئەگەر ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى مۇقىم بولماي قالىدۇ - دە، قۇتۇپلاردىكى مۇزلۇقلار ئېكۋاتورغا سۈرۈلۈپ، كىلىماتنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېكۋاتور قاتتىق سوغۇق بولۇپ كېتىدۇ، ئەكسىچە جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىسسىپ كېتىدۇ. دېمەك، ئاي شارى بولمىسا يەر شارىدا ھاياتلىق داۋاملىشالمايدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان