باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

يۇقىرى ئاۋازلىق ۋېلىسىپىت قوڭغۇرىقى

    

      ئەنگلىيەلىك 41 ياشلىق جانىك رىد ئۆزىنىڭ ئامراق ۋېلىسىپىتىنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىنىڭ كىچىكلىكىدىن رازى بولماي، ئالاھىدە بىر خىل دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دېتسىبىللىق قوڭغۇراقنى ئىجاد قىلغان.

      ئۇنىڭ ۋېلىسىپىتىنىڭ قوڭغۇرىقى ئۈچ كانايدىن تۈزۈلگەن. بۇ خىل كاناي ئەسلىدە پويىزغا ئورنىتىلىدىغان بولۇپ، پويىز پارىنىڭ قوزغاتقۇچىسىغا باراۋەر، بۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى كاناينى چېلىش ئۈچۈن خېلى زور قوزغاتقۇچ كۈچ كېتىدۇ. جانىك قايتا – قايتا تەجرىبە ئىشلەش ۋە كۆپ قېتىملىق تەڭشەش ئارقىلىق، ئاخىر ئۆزى مۇستەقىل ئىجاد قىلغان ۋېلىسىپىت قوڭغۇرىقى 178 دېتسىبىللىق ئاۋاز ئارقىلىق كاناينى بىر بېسىپ قويسا، خېلى يىراتىكى ئادەممۇ بۇ قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازىنى ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىيالىغان. بۇ ۋېلىسىپىت قوڭغۇرىقىنىڭ دېتسىبىلىنىڭ يۇقىرىلىقى ئادەتتىكى بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ شاۋقۇنىغا يېتىشىپ قالغان. بۇ خىل ۋېلىسىپىت قوڭغۇرىقى ئۇزاققا قالماي مىقدارلىق ھالدا سېتىلىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر