باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

Windows 7 سىتېمىسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى: كېرەكسىز سېستىما مۇلازىمىتىنى ئۆچۈرىۋېتىش

      Windows 7نى سۈپەتلەشتۈرۈشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى

       بىلىپ - بىلمەيلا مىكروسوفتنىڭ Windows 7 سىستىېمىسى پەيدىنپەي Windows xpنىڭ ئورنىغا دەسسەپ نۇرغۇنلىغان كومپيۇتېر ئابونىتلىرىنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇشقا باشلىدى. گەرچە Windows vistaغا سېلىشتۇرغاندا Windows 7 ماسلىشىشچانلىقى، تۇراقلىقى ياكى راۋانلىقى جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ناھايىتى يۈكسىلىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن Windows xp سىستېمىسىنىڭ سىغىمى نەچچە يۈز مېگابايت بولغان قاچىلاش دېسكىسى رايونىغا سېلىشتۇرغاندا Windows 7نىڭ ھە دېسىلا ئوننەچچە گىگابايت سىغىمچانلىق ئىگىلەشتەك يۇقىرى تەلىپى بار. ھازىر نۇرغۇن ئابونىتلار قوش يادرولۇق 4 گىگابايتتىن يۇقىرى ئىچكى ساقلىغۇچ ئورنىتىلغان سەپلىمىلەرنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ، Windows 7 سىتېمىسىنى ئىشلەتكەن ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كومپىيوتېرنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى، توربەت ئېچىلىشىنىڭ ئاستىلىشى، پروگراممىلارنىڭ ئېچىلىشىنى ساقلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرۇشى دېگەندەك مەسىلىلەر كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ئالدىرىماڭ، تۆۋەندە بىز سىلەرگە كومپيۇتېرنى سۈپەتلەشتۈرۈش ‹ھەقسىز› ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

      بىرىنچى ئۇسۇل: كېرەكسىز سىستېما مۇلازىمىتىنى ئۆچۈرۈۋېتىش

      زور مىقداردىكى ئارقا سۇپا مۇلازىمىتى ۋە مول سىستېما ئۈنۈمى بولغان Windows 7 سىستېمىسىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچدا ئىگەللىۋالغان مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىچكى ساقلىغۇچى يۇقىرى بولمىغان كومپيۇتېرلارغا بولغان تەسىرى چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن Windows 7نى مۇۋاپىق سۈپەتلەشتۈرۈش زۆرۈر بولۇپلا قالماي، ئۈنۈمى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك. بۇ يەردە سىلەرگە ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالى (موفاڭ) نى تونۇشتۇرىمىز، بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق بىز تېخىمۇ ئىتتىك ھەم ئاسانلا بىر قىسىم كېرەكسىز سىستېما مۇلازىمەتلىرىنى ئېتىۋېتىپ سىستېمىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسىنىڭ ئىگەللىنىۋېلىشىنى تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، سىستېمىنڭ ئىنكاس سۈرئىتىنى تېزلىتەلەيمىز.

      موفاڭ يۇمشاق دېتالىنىڭ ئىشلىتىلىشى قولايلىق، بۇ دېتالنى ئىجرا قىلىپ، ‹سىستېمىنى سۈپەتلەشتۈرۈش← مۇلازىمەتنى سۈپەتلەشتۈرۈش›نى تاللاپ، ‹مۇلازىمەتنى سۈپەتلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش› كونۇپكىسىنى باسساق، موفاڭ يۇمشاق دېتالىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ چەكلىمەكچى بولغان مۇلازىمەتلەرنى تاللاپ ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ، ئاندىن ‹ئورۇنلاشتۇرۇشنى ساقلاپ سۈپەتلەشتۈرۈشنى تاماملاش› كونۇپكۇسىنى بېسىپ كومپيۇتېرنى قايتىدىن قوزغاتساق ئاساسلىق سىستېما مۇلازىمەتلىرىنى سۈپەتلەشتۈرۈشنى تاماملىغان بولىمىز.

      ئىككىنچى ئۇسۇل: سۈرئەتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەكسىز قوزغىتىش تۈرلىرىنى چەكلىۋېتىش.

      كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىشى بەكلا ئاستا بولۇش ئاز بولمىغان ئابونىتلارنىڭ Windows 7نى ئەيىبلەيدىغان يېرى، بۇنداق ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب كۆپ ھاللاردا Windows 7 سىستېمىسىغا نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي پروگراممىلارنىڭ قاچىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېر ئېچىلغاندىكى قوزغىلىش تاللىشىغا كۆپلىگەن ئۆزلىكىدىن قوزغىلىدىغان كېرەكسىز تۈرلەرنىڭ قېتىلىپ قالغانلىقى بولۇپ، بۇ تۈرلەر زور مىقداردىكى سىستېما ئىچكى ساقلىغۇچ بوشلۇقىنى ئىگەللىۋېلىپلا قالماستىن بەلكى سىستېمىنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سۈپەتلەشتۈرۈش تەڭشىشى ئارقىلىق ھەم Windows 7 سىستېمىسىغا قاچىلانغان دائىم ئىشلەتمەيدىغان پروگراممىلارنى چەكلىۋېتىش ئۇسۇلى بىلەن سىستېمىنڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.

      بۇ نۇقتىلارغا يېتىش ئۈچۈن، بىز يەنىلا موفاڭ يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ. بۇ دېتالنى ئىجرا قىلىپ، ‹سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇش← سىستېما قوزغىلىش يۈكلەش تۈرى› نى تېپىپ، كۆرسەتمىگە ئاساسەن دائىم ئىشلەتمەيدىغان تۈرلەرنى تاللاپ ئېلىۋەتسەك بولىدۇ. بىراق بەزى قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى ساقلاپ قېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەلۋەتتە، سىزنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا بولغان بىلىمىڭىز ئانچە چوڭقۇر بولمىغان ئەھۋالدا، 360 بىخەتەرلىك خوجىدارى، جىنشەن بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىسى، QQ كومپيۇتېر خوجىدارى قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ‹قوزغىتىش تۈرىنى باشقۇرۇش› ئىقتىدارى ئارقىلىق ئاپتوماتىك تازىلاش تۈرى بىلەن تازىلىساقمۇ بولىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان