باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئەمدى تامغا خەت يازمايمەن

(ھېكايە)

رەشىدە سېيىت

      بۈگۈن دەرس ۋاقتىدا بېشىم ئاغرىپ، كۆڭلۈم ئاينىپ زېھنىمنى يىغالمىدىم. مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلغاندەك ئولتۇرساممۇ كاللامغا ھېچ نەرسە چۈشمەيتتى، گېلىممۇ ئاغرىۋاتاتتى. توساتتىن مۇئەللىم مەندىن سوئال سوراپ قالدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئاخىر مۇئەللىم ئۇ سوئالنى باشقا بىر قىز ساۋاقدىشىمدىن سورىدى. ئۇ سوئالنىڭ جاۋابى پەقەت بىر ئېغىزلا گەپ ئىكەن. ئەسلىدە ئۇنى مەنمۇ بىلەتتىم. مۇئەللىمنىڭ رۇخسىتى بىلەن جايىمدا ئاران ئولتۇرۇۋالدىم. ھەر بىر مىنۇت، ھەر بىر دەقىقە بىر ئىزىدا توختاپ قالغاندەك ناھايىتى تەستە ئۆتۈۋاتاتتى. ئاخىر چىدىيالماي پارتىغا بېشىمنى قويۇپ كۆزۈمنى يۇمدۇم. كۆزلىرىم لازا قۇيغاندەك ئاچچىق بولۇپ كەتكەنىدى.

      – ئۇيقۇسى كەلگەنلەر ئۆيۈڭلارغا كېتىپ ئۇخلاڭلار، بۇ دېگەن دەرسخانا، – دېدى مۇئەللىم ئوقۇۋاتقان تېكىستنى توختىتىپ. بېشىمنى تەستە كۆتۈرۈپ مۇئەللىمگە قارىدىم. مۇئەللىم چىرايىمغا قاراپ سەل ئەنسىرىدىمۇ يېنىمغا كېلىپ بېشىمنى تۇتتى.

      – ئاپلا، بەك قىزىپ كېتىپسىز. بايا نېمىشقا دېمەيسىز؟ – دېدى ۋە ئىككى ساۋاقدىشىمنى قوشۇپ مېنى مەكتەپنىڭ دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتتى. دوختۇر ماڭا دورا ئىچكۈزۈپ دادامغا تېلېفون قىلدى. دادام كېلىپ مېنى ئۆيگە ئېلىپ كەتتى. دوختۇرنىڭ دېگىنى بويىچە ماڭا شوۋگۈرۈچ ئېتىپ بېرىپ، دورامنى ئىچكۈزۈپ، يوتقانغا مەھكەم چۆمكەپ قويدى. ئەتىسى تۇرسام يەڭگىللەپ ساقىيىپلا قاپتىمەن. دادامنىڭ ‹‹يەنە بىر كۈن ئارام ئال!›› دېگىنىگە ئۇنىماي مەكتەپكە باردىم. مۇئەللىم مېنى كۆرۈپ خۇشال بولۇپ كەتتى. ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇرۇشۇمغا پارتام ئۈستىگە يېزىلغان ‹‹ئەكبەر سارس›› دېگەن خەتكە كۆزۈم چۈشتى. ئاچچىقىم تازا كەلدى. لېكىن، مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپ قالغاچقا خەتنى يېڭىم بىلەن ئۆچۈرۈۋېتىپ چاندۇرماي ئولتۇردۇم. ئەتراپىمدىكى ساۋاقداشلىرىمدىن بىرقانچىسى ماڭا قاراپ كۈلۈشۈۋاتاتتى. كاللامدا ‹‹ئەكبەر سارس›› دېگەن ھېلىقى خەت ئەگىپ يۈرەتتى. ‹‹بۇنى چوقۇم مۇسا دېگەن بىرنىمە يازدى. ھاشىم يازدىمۇيا؟ ياق، ئۇ ئۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ. چوقۇم مۇسانىڭ قىلغان ئىشى. خەپ توختاپتۇر. پارتامغا خەت يازغانغا مىڭ توۋا دېگۈزمىسەم...›› دەپ ئويلايتتىم.

      – ئەكبەر! – مۇئەللىمنىڭ چاقىرىشى بىلەن قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم، – سەن سىنىپتا بارمۇ يوق؟ نەچچە قېتىم چاقىرسام ھە دېمەيسەنغۇ!

      – مەن بار، شۇ بېشىم ئاغرىپ...

      – بېشىڭ ئاغرىسا قۇلىقىڭغا گەپ كىرمەمدۇ؟ بايا دىلنار ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرگە قارىتا سېنىڭ قارىشىڭنى ئاڭلاپ باقاي دەيمەن، – دېدى مۇئەللىم. دىلنارنىڭ نېمە دېگىنىنى نەدىن بىلەي. پۈتۈن ئەس – يادىم پارتامغا يېزىلغان ھېلىقى خەتتە تۇرسا. بۇ قېتىم مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ ئوسال بولدۇم. دەرستىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتتىم. يول بويى ئۇنىڭ – بۇنىڭغا قاراپ ھېلىقى كۆڭۈلسىز ئىشنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشتىم. بىراق، قورۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تامغا يېزىلغان ‹‹ئەكبەر سارس، قۇش زۇكىمى، دۆت ئېشەك›› دېگەن خەتلەرنى كۆرۈپ ئاچچىقىمدا كۆزۈمدىن تاراملاپ ياش ئېقىپ كەتتى. تامدا يەنە باشقا بالىلارنىڭمۇ بىر – بىرىنى ناھايىتى سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ يازغان خەتلىرى تۇراتتى. يۈگۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ كارىۋىتىمغا ئۆزۈمنى تاشلاپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتىم. دادام، ئاپاملار مەندىن ئەنسىرەپ ئارقامدىنلا كىردى.

      – مۇسا مېنى تىللاپ تامغا خەت يېزىپتۇ، – دېدىم يىغلاپ تۇرۇپ. دادام بېشىمنى سىلىدى. ئاپامنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەنىدى. دادام ئاپامنى چىقىرىۋېتىپ ئىشىكنى چىڭ ئەتتى.

      – مەنمۇ كۆردۈم، – دېدى دادام، – سەن ‹‹تازنى تاز دېسە ئۆلگۈسى كېلەر، ساقنى تاز دېسە كۈلگۈسى كېلەر›› دېگەن گەپنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟ سەن ئۇلارغا پەرۋا قىلما، تامغىمۇ قارىما. شۇنداق قىلساڭ ئۇ سېنى تىللاپ تامغا خەت يازمايدىغان بولىدۇ.

– ياق، مەنمۇ ئەتە يوغان قارا بوياقنى ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭ ئۆيى بار زالنىڭ تېمىغا «مۇسا دېگەن نۆل ئوغرىسى، تاشپاقا، دۆت ئېشەك...» دەپ يازىمەن.

      – بالام، گېپىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسەن؟ تامغا خەت يېزىش ئەدەپسىزلىك. بىرەرى سېنى تىللاپ خەت يازسا مەھەللىگە ئاداۋەت ئۇرۇقى چېچىلغاندىن باشقا قورۇنىڭ گۈزەل مۇھىتىغا تەسىر يېتىدۇ. سەن دېگەن ياخشى بالا، ھەرگىز ئۇلارنى دورىما. ئۇلار بىر كۈنى قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىدۇ، – دېدى دادام. دادامنىڭ سۆزىگە ماقۇل بولدۇم. ئەتىسى سىنىپقا كىرسەم پارتامغا ئېغىزغا ئالغۇسىز بىر جۈملە يېزىلىپتۇ. ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىپ كىتابىمنى ئېلىپ خىرامان ئوقۇشقا باشلىدىم. ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆمەندە ئىدى. ئۇلار مېنى ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىدىغان بولدى، دەپ ئويلاشقانىدى. ئاخشام دادام ماڭا ياخشى سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلمىغان بولسا بۇ خەتنى كۆرۈپ نېمە بولاتتىمكىن. دەرستىن چۈشۈپ دادام دېگەندەك تامغا قەتئىي قارىماي ماڭدىم. كۆز ئالدىمدا باھارنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ ئوتقاشتەك ئېچىلىپ كەتكەن چېچەكلەر، ياپيېشىل ياپراقلار تۇرسا ئۇ بىزەپ خەتلەرگە قارايتتىممۇ؟ بىر چاغدا بىر ساۋاقدىشىم يۈگۈرۈپ كەلدى، ئۇنى مۇسا ئەۋەتكەنىدى.

      – ئەكبەر، تامغا قارىغىنە، سېنى مەدھىيەلەپ قويدۇق، – دېدى ئۇ مەسخىرە ئاھاڭىدا. ئۇنىڭغىمۇ قارىماي يولۇمغا كېتىۋەردىم.

      ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى. ئۈستىلىمگە ھېلىقىدەك خەتلەرمۇ يېزىلمىدى. دادامغا قايىل بولدۇم. ‹‹دادام ئالدىن بىلەر ئادەممۇ نېمە›› دەپ ئويلاپ كەچتە دادامغا بۇ ئەھۋالنى دېدىم. دادام مېنىڭ تامغا قارىمايدىغانلىقىمنى بىلەتتى. دادامنىڭ دېيىشىچە بۈگۈن قارىسا تامغا يېزىلغان خەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ چىرايلىق ئاقارتىپ قويۇلۇپتۇ. دادام:

      – ئەكبەر، سەن غەلىبە قىلدىڭ. ‹‹يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر›› دېگەننى ئاڭلىغان بولغىيتتىڭ. ئۇ سېنى تىللاپ تامغا خەت يازسا، سەنمۇ ئۇنى تىللاپ تامغا خەت يازساڭ، ئويلاپ باقە، بۇ قورودىكى، بۇ شەھەردىكى تاملار نېمىگە ئايلىنىپ قالار؟ مانا، ئۇلار خاتالىقىنى تونۇدى. سېنىڭ ئېسىل پەزىلىتىڭ، ئەدەبلىك بالىغا خاس روھىڭ ئۇلارنى تەسىرلەندۈردى، – دېدى. دادامنىڭ گەپلىرىگە تازا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. مۇسا ئۇنداق ئاسان بولدى قىلىۋەتمەيتتى. ئۇ مېنىڭ ‹‹خەپ توختا، تامغا خەت يازغانغا تويغۇزمىسام›› دېگەن گېپىمنى ئاسانلىقچە ئۇنتۇپ قالمايتتى. ئەتىسى سىنىپقا كىرىپ ئەمدىلا ئولتۇرۇۋېدىم ئۇنىڭ پارتىدىشى مۇرات يېنىمغا كەلدى.

      – ھەي ئەكبەر، قارا، مۇسا ئاغرىپ قالدى. قاتتىق قىزىپ ھازىر دوختۇرخانىدا ياتىدۇ. نېمە بولدى دېمەمسەن، ئۇنىڭ دادىسى ئىشتىن يېنىپ قارىسا مۇسا ھەدەپ سېنى تىللاپ تامغا خەت يېزىۋاتقۇدەك. شۇنىڭ بىلەن دادىسى ئۇنى قوغلىغان پېتى ئۆيىگە ئەكىرىپ كېتىپتۇ. لېكىن، ئۇ ئۆيدىكىلەر ئۇيقۇغا كەتكەندە يەنە تالاغا چىقىپ تامغا خەت يازماقچى بوپتۇ. شۇ چاغدا نەدىن كەلدىكىن بىر غالجىر ئىت كېلىپ تالىۋېتىپتۇ. ھېلىمۇ ياخشى، قورۇنىڭ قوغداش خادىمى قۇتقۇزۇۋاپتۇ، بولمىسا تېخىمۇ چاتاق بولاركەن.

      بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۈركىنىپ كەتتىم. مۇساغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ئۇنىڭدىن يەنە مۇسانىڭ دادىسىنىڭ ئەتىسى تامدىكى ھېلىقىدەك خەتلەرنى ئۆچۈرۈپ تامنى ئاقارتىپ قويغانلىقىنى، مۇسانىڭ ‹‹ئەمدى تامغا خەت يازمايمەن›› دەپ ئىڭراپ ياتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. ‹‹ئەمدى ھېچقايسىمىز تامغا خەت يازمايلى›› دېيىشتى ساۋاقدىشىمدىن بىرقانچىسى. قالغانلارمۇ قوشۇلغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ باش لىڭشىتتۇق.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: مېھراي