باش بەت | مەكتەپلەر

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ‹‹دۇڭۋەن›› تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى

      ‹‹دۇڭۋەن›› تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى 1997 - يىلى 5 - ئايدا قۇرۇلغان، 2007 - يىلى 9 - ئايدا دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ باھالانغان. بۇ مەكتەپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بويىچە 100 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ زامانىۋى ئوقۇتۇش تېخنىكىسى تەجرىبە مەكتەپلىرىنىڭ بىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ‹‹11 - بەش يىل››دىكى نۇقتىلىق دەرس تېمىسى بويىچە تەنتەربىيە يېڭى دەرسلىكىنى يولغا قويۇشتىكى تەجرىبە مەكتەپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ۋە ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمىتى مەھكىمىسنىڭ ساپا مائارىپى تەجرىبە بازىسى بولدى.

      يېڭى مەكتەپ رايونىغا شەھەرلىك ھۆكۈمەت 176 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان، ئىگىلىگەن كۆلىمى 175 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 106 مىڭ كىۋادرات مېتىر، مەكتەپ ئوقۇتۇش رايونى، تەجرىبە فۇنكسىيە رايونى، تۇرمۇش رايونى، تەنتەربىيە، تەنھەرىكەت رايونىدىن تەشكىل تاپقان، ئوقۇش - ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلەنگەن ۋە سەپلەنگەن. مەكتەپ تورى يۇقىرى سەۋىيەدە لايىھەلەنگەن، كۆپ ۋاسىتىلىك دەرسخانا 60تىن ئاشىدۇ، كۆپ ئىقتىدارلىق تەنتەربىيە سارىيى، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، ۋاسكېتبول، ۋالىبول، تىننس توپ مەيدانى، يۇقىرى ئۆلچەمدە سېلىنغان سەنئەت بىناسى، تەجرىبە بىناسى، كۇتۈپخانا قاتارلىقلار بار.

      بۇ مەكتەپ 2005 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىپ، ھەر يىلى شىنجاڭدىن 80 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان، ھازىر بۇ مەكتەپتە شىنجاڭلىق 650تىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. مەكتەپ ‹‹كۆيۈنۈش، قاتتىق باشقۇرۇش، خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەش››تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيە، ئۆگىنىش جەھەتتە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، تۇرمۇشتا ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، مەكتەپنى ئوقۇغۇچىلارغا گويا ئائىلىسىدەك ئىللىق ھېس قىلدۇرغان. 2009 - يىلى بۇ مەكتەپنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى 78 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ھەممىسى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى %100 كە يەتكەن.

      بۇ مەكتەپ ‹‹ھەممە ئوقۇغۇچى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلگەن، ھەممە ئاتا - ئانا رازى بولغان، دەرسخانىدا ئەركىن تەرەققىي قىلىش››تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش يېتەكچى ئىدىيەسى بويىچە، جەمئىيەتكە يۈزلىنىش مەكتەپ باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان، بۇ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ‹‹قاتتىق باشقۇرۇش، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، مول بىلىمگە ئىگە قىلىش››تەك روشەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان