باش بەت | سەيلىگاھلار

سىرلىق ۋۇگې — مەڭگۈلۈك ئەسلىمە

        ۋۇگې كامبودژا شيەنلى ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى ئەتراپىغا جايلاشقان. 45 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ تىمتاس ئورمانلىقتا 600 دىن ئارتۇق تاش ئىمارەت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇددا، ھىندى دىنى ئىبادەتخانىلىرى ۋە قەسىرلىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ سەددىچىن سېپىلى، مىسىردىكى ئەلئېھرام، ھىندۇنېزىيىدىكى بوروبۇدۇر بىلەن قوشۇلۇپ ‹‹شەرقتىكى تۆت چوڭ مۆجىزە›› دەپ ئاتالغان.

سىرلىق غايىب بولۇش ۋە قايتا بايقىلىش

      ۋۇگې ئۆزگىچە سىرلىق تۈسى بىلەن كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ كەلگەن. ۋۇگې كېخمىرلارنىڭ مەنىۋى ۋە دىنىي مەركىزى بولۇپ، ۋۇگې خاندانلىقىدىكى 25 پادىشاھ مىلادى 9 – ئەسىردىن 15 – ئەسىرگىچە كېخمىر خاندانلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. تارىختا ئۆتكەن ۋۇگې خانلىقلىرى نۇرغۇن ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشلارنى سالدۇرغان. ئەمما تايلاند (شيەنلو) گۈللەنگەن مەزگىلگە كەلگەندە، ۋۇگې خاندانلىقى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. 1431 – يىلى شيەنلو قوشۇنلىرى ۋۇگېنى ئىشغال قىلىپ تالان – تاراج قىلغان، بۇنىڭ بىلەن ۋۇگې خاندانلىقى نائىلاج شەرقتىكى فىنومپىنغا كۆچكەن. ئورمان ئىچىگە سېلىنغان كاتتا خاندانلىق بارا – بارا تەبىئەت قوينىغا سىڭىپ كەتكەن. 1860 – يىلىغا كەلگەندە فرانسىيىلىك ئېكىسپېدىتسىيىچى ھېنرى موئا نۇرغۇن مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ، بۇ قويۇق ئورمانلىققا تەۋەككۈل قىلىپ كىرىپ ئەۋرىشكە ئالغان ھەم قەدىمىي ئەسەرلەردىكى خاتىرىلەر بويىچە ئىزدەش ئارقىلىق ئاخىرى نەچچە يۈز يىل ئۇخلاپ ياتقان بۇ قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنى بايقىغان.

ۋۇگېدا قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى تاماشا قىلىش

      بىز كۈن يورۇماستىلا ۋۇگېغا قاراپ يولغا چىقىپ، قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى تاماشا قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئورۇن — ۋۇگې تاش ئۆڭكۈرى ئالدىدىكى نېلۇپەر كۆلىگە كەلدۇق. ئىزغىرىن شامال يۈزۈمنى سىيپاپ ئۆتكەن شۇ مىنۇتلاردا بىرنەچچە ئەسىر ئىلگىرىكى بۇ جاينىڭ شانلىق تارىخىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىدىم......

      قۇياش ئاستا – ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، ئۆز نۇرىنى سۈكۈتكە تولغان سېپىل خەندەكلىرى، بۈك – باراقسان ئورمانلىق، ئاپئاق بۇلۇتلارغا چېچىشقا باشلىدى، بۇلار ۋۇگې تاش ئۆڭكۈرىنى ئالاھىدە نۇرلاندۇرۇپ تۇراتتى. ۋۇگې تاش ئۆڭكۈرى ھەيۋەتلىك تاش ئىمارەتلىرى ۋە نەپىس ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى بىلەن داڭلىق. بۇ تاش ئۆڭكۈردىكى تاش پارچىلىرى ئارىسىغا ھېچقانداق لاي ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ، ناھايىتى مەزمۇت، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەر تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىدىن يىراق بولغاچقا، قەدىمىي ئىمارەتلەر ناھايىتى ياخشى ساقلىنىپتۇ.

ۋۇگېنىڭ ئاجايىپ سېھرىي گۈزەللىكى

      ۋۇگې تاش ئۆڭكۈرى چوڭ ۋۇگې ۋە كىچىك ۋۇگې دەپ ئىككى بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. چوڭ ۋۇگې ئەينى زاماندا ياسالغان خان شەھەرچىسى بولۇپ، كەڭ، ھەشەمەتلىك، شۇڭا ۋۇگې شەھەرچىسى دەپ ئاتالغان؛ كىچىك ۋۇگې ئىبادەتخانا بولغاچقا، ۋۇگې تاش ئۆڭكۈرى دەپ ئاتالغان. بۇ ئىككى جاينى بىر – بىرلەپ كۆرۈپ چىقىش ئانچە ئاسان ئەمەس، چۈنكى 45 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىگە 600 نەچچە قەدىمىي ئىمارەت تارقالغان بولغاچقا، بۇ يەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دىنىي ئىمارەتلەر توپى ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپا، ئامېرىكىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى ئالدىن بىر ھەپتىلىك كىرىش بېلىتىنى سېتىۋېلىپ، ھەركۈنى ۋېلىسىپىت مىنىپ بۇ يەرنى ئايلىنىدىكەن، بىز 800 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئايلانما كارىدورغا كەلدۇق، بۇ يەردە نۇرغۇن ھەيكەل ۋە تارىخىي ئىزنالار بار ئىدى، بىز قولىمىزدىكى ساياھەت قوللانمىسى بويىچە بۇ يەردىكى ھەيكەللەرنى بىرمۇ بىر تونۇۋېلىشقا تىرىشتۇق. بۇزۇلغان تاش تام بىلەن تاش پارچىلىرىدىكى مۇخلار ئۇزاق تارىخنى ئەسلەتسە، ئۇپرىغان راۋاقلار، كۈلرەڭ تاشلاردىكى سىياھ چېچىپ قويغاندەك رەڭگە كىرىپ قالغان چىرىندى ئىزلار ۋاقىت توختاپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. چۈشكە يېقىن چوققىدىكى ئاساسىي قەسىرگە چىقتۇق، ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولغاچقا، نۇرغۇن ساياھەتچى ئۆزلىرىنى ئاپتاپتىن دالدىغا ئالغانىدى، پەقەت بىزلا نېلۇپەرگە ئوخشايدىغان كارىدوردا ئۇزاققىچە ئايلىنىپ، ۋۇگېدىن قانغىچە ھۇزۇرلاندۇق.

كېخمىرنىڭ تەبەسسۇمى

      چوڭ ۋۇگېنىڭ جەنۇبىي قوۋۇقى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 مېتىر كېلىدىغان شەھەر قوۋۇقىنىڭ ئۈستىدە تۆت يۈزلۈك يوغان بۇت بار ئىكەن. شەھەر قوۋۇقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە 54 ئاسورا ۋە ئالۋاستى بولۇپ، قوللىرىدا يەتتە باشلىق يىلان تۇتقىنىچە شەھەر قوۋۇقىنى قوغداپ تۇرغاندەك قىلاتتى.

      شەھەر قوۋۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان مۇقەددەس قەسىر – بايۇن ئىبادەتخانىسى ساياھەتچىلەر چوقۇم كېلىدىغان جاي ئىكەن. ئىبادەتخانا 54 چوڭ – كىچىك مۇناردىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ھەر بىر مۇنارنىڭ ئۇچىدا تۆت تەرەپكە كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بۇتنىڭ باش ھەيكىلى ئويۇلغان ئىكەن. مانا بۇ مەشھۇر ‹‹ۋۇگېنىڭ كۈلۈمسىرىشى›› ئىكەن. چىرايىدىن مېھرىبانلىق يىغىپ تۇرغان بۇتنىڭ كۆزى يۇمۇلغان، كۈلۈمسىرەشلىرىدىن بىر خىل مۇلايىملىق، كەڭ قورساقلىق چىقىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ تۆت يۈزى خۇشاللىق، غەزەپ، غەم ۋە خاتىرجەملىككە ۋەكىللىك قىلىدىكەن.

كىچىك ۋۇگېدا كۈن پاتتى

      كامبودژا دۆلەت بايرىقىدىكى بەلگىگە ئوخشاش، ۋۇگې تاش ئۆڭكۈرىمۇ كامبودژالىقلارنىڭ پەخرى ھېسابلىنىدىكەن.

      بىز باكېن تېغىغا چىقىپ، قۇياشنىڭ ئولتۇرۇشىنى تاماشا قىلدۇق. تاغقا چىقىدىغان پەلەمپەي ئۇپراپ كەتكەن بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ مېڭىشى بىلەن بىر چىغىر يول پەيدا بولۇپتۇ. تاغدىكى ئىلاھ بۇتخانىسى ئاللىبۇرۇن خارابىلىككە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما ساياھەتچىلەر نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى تاش پارچىسى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، شەرق ئاسمىنىغا كۆز تىككىنىچە چوڭقۇر خىياللارغا چۆككەنىدى...

      ۋۇگېدا قۇياشنىڭ ئولتۇرۇش مەنزىرىسىنى كۆرۈش بۇ يەرگە بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بۇ يەر شۇنچىلىك تىنچ بولۇپ، مەيىن شامال ۋۇگې تاش ئۆڭكۈرىنى باشقىچە سالقىنلاشتۇرۇۋەتكەنىدى، ھەممىمىزنىڭ كۆزى قۇياش پاتىدىغان تەرەپكە تىكىلگەنىدى، ئاسمان شۇنچىلىك سۈزۈك، يىراقتىن ئۈزۈپ كېتىۋاتقان بۇلۇتلار دەممۇ دەم ئۆزگىرىپ تۇراتتى، ئولتۇرۇۋاتقان قۇياش ئاخىرقى نۇرلىرىنى چېچىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز، كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك چاقنىغان بىر نۇردىن ۋۇگېنىڭ تۆت ئەتراپى ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەندەك ئاجايىپ تۈسكە كىردى!

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر