باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

دەرسخانا ئىنتىزامىنى تۇتالماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش

  مېھرىنىسا غۇلام

      بىر سائەتلىك دەرسنىڭ مۇۋەپەقىيەتلىك، كۆڭۈللۈك، ئازادە كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئوقۇتۇش مۇھىتىدا ئوقۇغۇچىلار بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىگە تولىمۇ قىزىقىدۇ، ئاكتىپ پىكىر قانتاشتۇرىدۇ، ئوقۇتقۇچىغا ماسلىشىدۇ. ئوقۇتقۇچىمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىدۇ. جاپا تارتسىمۇ ئۆزىگە ھەرگىز بېسىم قىلىۋالمايدۇ. بۇنداق دەرسخانا مۇھىتىدا ئوقۇغۇچىلار كۆپ نەپكە ئېرىشىدۇ، دەرسخانا ئىنتىزامىنى قايتا – قايتا تەكىتلەشنىڭمۇ زۆرۈرۈيىتى بولمايدۇ. بۇنى ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىم ساپاسى، ئوقۇتۇش ماھارىتى، دەرسكە جەلپ قىلىش كۈچى، سەمىمىي، ئىللىق مۇئامىلىسى، كەڭ قورساقلىقى، ئەپۇچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىزگە دەل مۇشۇنداق دەرسخانا كەيپىياتى كېرەك، بۇ دەل بارلىق ئوقۇتقۇچىلار يەتمەكچى بولغان نىشان.

      ئوقۇتۇش مۇھىتىمىزدا شۇنداق ئەھۋاللارمۇ باركى، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىدىن ئېغىز ئېچىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامىنى باشقۇرۇشىمۇ قىيىن مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتكەندە سىنىپ ئىنتىزامىدا چېچىلىش ئېغىر بولىدۇ، دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىدىن ئىنتىزامنى بۇزغان ئوقۇغۇچىنىڭ سانى كۆپ بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. ئىنتىزام بۇزۇلغانسېرى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئەيىبلەشلىرى كۆپ بولىدۇ –دە بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئەھۋال ياخشىلىنىشتا يوق بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىدا بىزارلىق كۆرۈلىدۇ، ئوقۇتقۇچىغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى ۋە ئېتىقاد قارىشىدا تەۋرىنىش بولىدۇ، قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى بىلەن قەستەن قارشىلىشىدىغان، دەرسنىڭ نورمال كەيپىياتىغا قەستەن تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇۋالىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ.

      1. كەسپىي ساپا. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسى تۆۋەن. نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل سەۋىيەسى يۇقىرى بولغاچقا مەيلى قايسى مەكتەپ، قايسى كەسىپنى پۈتتۇرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغان بولسا ۋە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىن ئۆتسىلا ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ. بۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى يېتەرلىك ئەمەس. مەيلى ياش ئوقۇتقۇچىلار ياكى پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار بولسۇن كەسپىي سەۋىيەنى ئاشۇرۇش، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭىش توغرىسىدا ئىزدەنمەيدۇ. يۈزەكى بىلىملىرى، ئاددىي بىلىملەر بىلەنلا دەرس ئۆتۈپ ۋاقىت توشقۇزۇپ چىقىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىنى تۇتقۇزۇپ قويىدۇ – دە ئوقۇغۇچىلاردا «بۇ ئوقۇتقۇچىمۇ تايىنلىق ئىكەنغۇ» دەيدىغان قاراشنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

      2. ئوقۇتۇش مېتودى. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسى يۇقىرى بولسىمۇ ئوقۇتۇش مېتودى ياخشى بولمىغاچقا بىلىدىغانلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزەلمەيدۇ. مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئاددىي ئۇسۇل، ئاددىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن، ئەكسىچە ئاددىي مەسىلىلەرنى مۇرەككەپ ئۇسۇلدا يەتكۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنى تىرىشسىمۇ تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار ئەتراپىدىكى ئوقۇتۇش بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشنى، ئەمەلىيەت ئارقىلىق نەزەرىيەۋى بىلىمنى چۈشەندۈرۈشنىڭ يولىنى تاپالماي ئۆزىمۇ جاپا تارتىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىمۇ بىزار قىلىدۇ.

      3. يۈرۈش – تۇرۇشى، گەپ – سۆزى. قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار كىيىنىش، گەپ – سۆزلىرىگە دىققەت قىلمايدۇ. ئوقۇتقۇچىغا خاس كىيىنمەيدۇ. بىر قىسىملىرىنىڭ گەپ – سۆزلىرى تاققا – تۇققا، ئىلمىيلىك يوق، تىلى راۋان ئەمەس. ‹‹ھېلىقى... يەنە.... ئاۋۇ...›› دېگەندەك گەپلەرنى تولا قىلىپ بىلىدىغانلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا بۇ ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتكەن سىنىپتىكى بىر بۆلۈك ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ كىيىمىنى باھالاش، دوراش بىلەن بولۇپ كەتسە، بىر قىسىملىرى زېرىكىشتىن قۇرۇق گەپ قىلىپ ئولتۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرىي بويسۇندۇرۇش خاراكتېرىدىكى ھاقارەتلىك ئىبارىلەرنى، يەنى ‹‹ھوي دۆتلەر، سەنلەرگە دەرس ئۆتكۈچە بىر توپ ئىشەككە دەرس ئۆتكەن بولسام ئىمانغا كېلىپ قالاتتى›› دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. سىنىپنىڭ كەيپىياتى بۇزۇلغانسېرى ئۆز نوپوزىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بىرەر ئوقۇغۇچىنى بويسۇندۇرماقچى بولىدۇ، دەرس سائىتىنى قاخشاش بىلەن ئۆتكۈزىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرايدۇ.

      4. كەيپىياتى ناچار. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرسىخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا تومۇرۇمنى تۇتقۇزمايمەن دەپ دائىم قاپىقىنى تۈرۈپ دەرس ئۆتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلمايدۇ، تەلەپپۇزى قاتتىق، قوپال بولىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا ئوقۇغۇچىلار جاۋابىنىڭ خاتا بولۇپ قېلىپ ئەيىبلەشكە ئۇچرىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ ئوقۇتقۇچىغا ماسلاشمايدۇ، جىم ئولتۇرساملا بولىدىكەن دەپ مۈگدەپ ئولتۇرىدۇ، قىسمەنلىرى قەستەن قارشىلىشىدۇ.

     5. دەرسخانىنى جانلاندۇرۇش. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئەركىن، جانلىق، قىزغىن بولغان مۇھىت بەرپا قىلىشنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشەنمەي ئوقۇغۇچىلار دەرس ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىۋاتامدۇ ياكى قۇرۇق پاراڭ سېلىۋاتامدۇ دېگەنلەر بىلەن كارى يوق دەرس سۆزلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى مۇئەييەن دائىرىدە كونترول قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا مەركەزلەشتۈرۈش، دەرسنى يەكۈنلەش تاكتىكىسى بولمايدۇ – دە بىر سائەتلىك دەرس ھەش – پەش دېگۈچە ئۈنۈمسىز دەرسكە ئايلىنىدۇ.

      6. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەزى. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا ئائىلىۋى مۇھىت، جەمئىيەتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن مەنمەنچىلىكى كۈچلۈك، باشقىلارنى ئاغزىغا قارىتىش، ئالاھىدە بولۇۋېلىش پىسخىكىسى نىسبەتەن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلار ياۋاشراق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن قەستەن قارشىلىشىدۇ، باشقىلارنى شۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ، ئوقۇتقۇچىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ تاماشا كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار ئارتۇق ئىشلارغا ئۆزىنى ئۇپراتماسلىق ئىدىيىسىدە ئىنتىزام بىلەن كارى بولماي ئۆزى سۆزلەپ ئۆزى جاۋاب بېرىپ ۋاقىت توشقۇزۇپ چىقىپ كېتىدۇ.

      دەرسخانىدا يۇقىرىدىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تەبىئىي ھالدا دەرس ئىنتىزامىنى بۇزۈپ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانا ئىنتىزامىنى قانداق ياخشىلىشى كېرەك؟

      1. كەسپىي ساپانى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىش. ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىشى، بىلىمنى بېيىتىش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ھەر ۋاقىت تىرىشىشى كېرەك. بىلىدىغانلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا قايسى ئۇسۇلدا يەتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشى لازىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسىلا قايسى تەرەپتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى، قايسى ئۇسۇلنىڭ شۇ سىنىىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ – دە قوللانغان ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىرىنى دەرھال ئۆزگەرتەلەيدۇ.

      2. تەربىيە ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىمەن دەيدىكەن چوقۇم ئۆزىدە كەسكىن پوزىتسىيە، ھەق – ناھەق قارىشى ۋە قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە نۇتۇق سەنئىتىنى ھازىرلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. دەرسخانىدا ئۇنداق – مۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە شۇ ھامان چىراينى تۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىش ياخشى چارە ئەمەس. بۇنداق ئۇسۇل ھەم ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى چارچىتىپ قويىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئىلمىي، قايىل قىلارلىق گەپلەر بىلەن شۇ ئوقۇغۇچىغا خاتالىقىنى تونۇتۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ ئوقۇتقۇچىنى قوللايدۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئابرۇيىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

      3. تىلغا باي بولۇش. ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي بولۇشى، بىلىم بېرىش بىلەن يۇمۇرلۇق گەپ سۆزلەرنى جايىدا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل ھەرقانچە كەپسىز ياكى جىمغۇر ئوقۇغۇچىنىمۇ ئۇششاق ھەرىكەت، پاراڭدىن قول ئۈزدۈرۈپ دەرسكە جەلپ قىلىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، يۇمۇرلۇق بولدۇم دەپ چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويىدىغان، چاكىنا گەپلەرنى قىلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىپ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزۈۋالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

      4. دوستانە بولۇش. دەرس ئىنتىزامىنى قەستەن بۇزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئىللىق، سەمىمىي، دوستانە مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى پات – پات رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇش، ئايرىم پاراڭلىشىپ تەربىيە قىلىش، كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، دەرسخانىدا شۇ ئوقۇغۇچىغا ماس سوئاللارنى سوراپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بۇ قارىماققا شۇ ئوقۇغۇچىغا يالۋۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار تەربىيەنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلمىغاندەك، يەنىلا گەپ ئاڭلىماي، ئىنتىزامسىزلىق قىلىۋاتقاندەك تۇرسىمۇ ھامىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ سەمىمىيلىكى ئۇنى تەسىرلەندۈرىدۇ، بارا – بارا ئوقۇتقۇچىغا ماسلىشىدىغان، ھەتتا باشقىلارنىمۇ يېتەكلەيدىغان بولىدۇ. قىسمەن ئوقۇغۇچىلار بەلكىم ئوقۇتقۇچىنىڭ سەمىمىيىتىنى توغرا چۈشەنمەي بىلگىنىنى قىلىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن ئوقۇتقۇچىنىڭ سەمىمىي تەربىيەسى چوقۇم ئەتراپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىسى شۇنچە كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىگەن ساۋاقدىشىنىڭ يەنىلا ئىنتىزامنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تەبىئىيلا ئوقۇتقۇچىغا مايىل بولىدۇ –دە ئىنتىزامسىز ساۋاقدىشى بىلەن بىللە ئىنتىزامسىزلىق قىلماسلىققا تىرىشىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىدۇ. بۇنىڭدا يەنە كۆزلىگەن تەربىيە نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ. ئىنتىزامسىز ئوقۇغۇچى يالغۇز ئىنتىزامسىزلىق قىلىۋېرىپ زېرىكىدۇ – دە دەرس ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

      دەرسخانا ئىنتىزامىنى كونترول قىلىش ئۇنچىۋالا باش قاتۇرىدىغان مەسىلىمۇ ئەمەس. بىز پەقەت ئوقۇتۇشقا، ئوقۇغۇچىلارغا چىن قەلبىمىزدىن كۆيۈنسەكلا دەرسخانا ئىنتىزامىنى ياخشىلاشقا چارە تاپالايمىز، شۇندىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوقۇتقۇچى بولالايمىز.

(قەشقەر شەھەرلىك 25 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر