باش بەت | پىسخىكا

پىسخىك ساغلاملىقنىڭ جىسمانىي ساغلاملىق بىلەن بولغان موناسىۋىتى

      پىسخىك ساغلاملىق بىلەن جىسمانىي ساغلاملىق ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پىسخىك ساغلاملىق جىسمانىي ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

      ئالايلۇق، ئادەمدە جىسمانىي كېسەللىكلەر، بولۇپمۇ بىرقەدەر جاھىل ۋە ئېغىر بولغان جىسمانىي كېسەللىكلەر بار بولسا، بۇ كېسەللىكلەر ئۇلاردا ئارامسىزلىنىش، جىددىيلىشىش، قورقۇش، پەرىشان بولۇش قاتارلىق بىر قاتار پاسسىپ پىسخىك كەيپىياتلارنى پەيدا قىلىدۇ.

      ئەگەر بۇ پاسسىپ كەيپىياتلار ۋاقتىدا تۈگىتىلمىسە، ئۇلار بارا – بارا  پىسخىك نورمالسىزلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، بەزى ناچار پىسخىك پائالىيەتلەرمۇ ئادەمدە جىسمانىي كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

      بۇنى بىز پىسخىك فىزىئولوگىيەلىك بىرلەشمە كېسەللىكلەر دەيمىز، بۇنداق كېسەللىكلەر تۇرمۇشتا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ.

      ئادەتتە، پىسخىك فىزىئولوگىيەلىك بىرلەشمە كېسەللىكلەر تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:

      جىسمانىي كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. كېسەللىكنى ئاساسلىق ناچار كەيپىياتلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      جىسمانىي كېسەللىك ئۆزگىرىشنىڭ ئىپادىلىرى بىلەن مۇئەييەن كەيپىيات ھالىتىدىكى پىسخىك فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر ئوخشاپ كېتىدۇ. كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان ناچار كەيپىياتلارنى بىمارلار كۆپ ھاللاردا ئۆزلىرى بىلمەيدۇ. شۇڭا، كەيپىياتنى ۋاقتىدا تەڭشىيەلمەيدۇ. ئېرسىيەت ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن فىزىئولوگىيەلىك بىرلەشمە كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كېسەللىك كۆرۈلگەن ئەزالار ئاساسلىق مۇستەقىل نېرۋا سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىچكى ئەزالار بولىدۇ.

      پىسخىك فىزىئولوگىيەلىك بىرلەشمە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش پىرىنسىپى شۇكى، ناچار پىسخىك كەيپىيات نېرۋا سىستېمىسى ۋە ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ تەڭشىشى ئارقىلىق ئىچكى ئەزالاردا بىرقاتار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بۇنداق نورمال دائىرىدىن ھالقىغان فىزىئولوگىيەلىك ئىنكاسلار داۋاملىق مەۋجۇت بولىۋەرسە، پىسخىك فىزىئولوگىيەلىك بىرلەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. پىسخىك فىزىئولوگىيەلىك بىرلەشمە كېسەللىكلەرنىڭ دائىرىسىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكىنى پىسخىك ئالىملار ساغلاملىقىنى ئاسراشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمەك، پىسخىك ساغلاملىققا ئەھمىيەت بەرگەندىلا، ئاندىن جىسمانىي ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر