باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

ئادەمنى يېزىش ماھارىتى

    4 - ئادەمنى تەسۋىرلىگەندە قايسى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؟ 

 ماقالە يېزىشتا ئادەتتە ئادەمنى تەسۋىرلەش، شەيئىلەرنى تەسۋىرلەش، بىرەر ۋەقەنى تەسۋىرلەش، مەنزىرىنى تەسۋىرلەش قاتارلىق بىرقانچە مۇھىم مەزمۇنلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئادەمنى تەسۋىرلەش دېگىنىمىز، ئۆزىگە تونۇش بولغان ياكى ئۆزىگە تەڭ تەسىر قىلغان بىرەر ئادەمنى ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىن ئىچكى دۇنياسىغىچە تەپسىلىي تەسۋىرلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا ئادەمنى جانلىق، ياخشى تەسۋىرلەش ئۈچۈن قايسى جەھەتلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

      1. سىرتقى قىياپىتى، ھەرىكىتى، تىلى ۋە ئىچكى ھالىتىنى تەسۋىرلەشنى چىڭ تۇتۇش

      ساۋاقداش، سىز ئۆزىڭىزگە تونۇشلۇق بولغان ئادەمنى تاللاپ، پەقەت ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى، ھەرىكىتى، تىلى ۋە روھىي دۇنياسىنى ئىنچىكە تەسۋىرلەڭ، چىراي ئىپادىسىنى يازغاندا ئۇنىڭ چىرايىنىڭ قانداقلىقى، قانداق كىيىنگەنلىكىنى يېزىڭ. بۇنى ئۇزۇن يېزىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. پەقەت ئالاھىدىلىكىنى يازسىڭىزلا بولىدۇ. يەنى بۇ دېگەنلىك سىز يېزىۋاتقان ئادەم دەل ئۆزى بولۇشى كېرەك، باشقا ئادەمگە ئوخشاپ قالسا ھەرگىز بولمايدۇ. مەسىلەن، دادىڭىزنى يازغان بولسىڭىز، يېزىپ چىققانلىرىڭىزنىڭ دەل دادىڭىزغىلا ئوخشىشىنى، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ دادىسىغا ئوخشاپ قالماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئامال بار ئاتا – ئانىڭىزغا يارىغان بولسا، ئۆزىڭىز بىر قۇر ئۆزگەرتىپ تولۇقلاڭ. ئەلۋەتتە، سىز ئۆزىڭىزنى يېزىشنى خالىسىڭىز ئۆزىڭىزنى يازسىڭىزمۇ بولىدۇ. يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئامال بار ئاتا – ئانىڭىز ياكى ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلىرىڭىزغا بىر باھالىتىپ بېقىڭ.

      ساۋاقداشلارغا ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، سىلەر ئىمكانقەدەر باشقىلار ئىشلىتىپ بولغان كونا سۆزلەرنى يەنى ئېگىز بۇرنى، چوڭ كۆزلىرى، يۇمىلاق يۈزى، قەلەم قاشلىرى دېگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئىشلەتمەي، ئۆزۈڭلەرنىڭ تىلى بىلەن تەسۋىرلەڭلار، تىل قانچىكى ئاددىي، قانچىكى تەبىئىي بولسا شۇنچە ياخشى.

      ھەرىكەت (ھالەت) كە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاۋۋال سىز يېزىشنى خالايدىغان بىر ئادەمنى بەلگىلەڭ. ئاندىن ئىنچىكە كۆزىتىپ ئۇنىڭ ھالىتى، ھەرىكىتىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى يەنى، باشقىلار بىلەن ئوخشىمىغان يەرلىرىنى تېپىپ چىقىڭ، بولۇپمۇ بەزى ئىنچىكە ھالقىلارنى مەسىلەن، قول ئىشارىتى، كۆز ئىپادىسى، كۈلگەندىكى ھالىتى ۋە ئاۋازى يەنى، پاچىقى قىسقا ياكى ئۇزۇن ئىكەنلىكى، ئالقىنىنىڭ چوڭ ياكى كىچىك ئىكەنلىكىنى، ھەرىكىتىنىڭ تېز ياكى ئاستىلىقى، قولىنىڭ كۈچلۈك ياكى كۈچسىزلىكى، ھەرىكەتلىرىنىڭ سىلىق ياكى قوپال ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى تېپىپ، بۇلارنى ئېنىق كۆرۈپ ئاندىن قەلەم تەۋرىتىش كېرەك.

      كىچىك دوستلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ھەرىكەت تەسۋىرى پېئىلدىن ئايرىلالمايدۇ، قانداق قوللنىش ئۆزۈڭلەرگە باغلىق. يەنە بىر نۇقتا، پېئىلنى چوقۇم توغرا، دەل جايىدا قوللىنىش كېرەك. مەسىلەن، بوۋاي، مومايلارنى يازغاندا ھەرگىزمۇ ‹‹ئۇچقاندەك يۈگۈرۈش››، ‹‹بىر سەكرەپلا موللاق ئېتىش››، ‹‹چاۋاك چېلىپ سەكرەپ كېتىش...›› دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

      كىچىك دوستلار، بۇ يەردە سىلەرگە شۇنداق تەكلىپ بېرىمىزكى، سىلەر ھەربىرىڭلار بىردىن خاتىرە دەپتەر تەييارلاپ ھەرقانداق بىر قىزىقارلىق ئادەم ۋە ۋەقەنى كۆرگەندە دەرھال خاتىرىۋېلىڭلار، كۈنلەر ئۇزارغانسېرى سىلەرنىڭ خاتىرە دەپتىرىڭلار نۇرغۇنلىغان قىزىقارلىق ۋەقە، ئادەملەر بىلەن تولىدۇ. سىلەرنى قەلەم تەۋرىتىشىڭلار ئۈچۈن زور مەنبە بىلەن تەمىنلەيدىغان بۇ خاتىرە دەپتەر پۇل خەجلەپمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدىغان بايلىق.

      پىسخىك تەسۋىر پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە ئىدىيىۋى پەزىلىتىنى ئېچىپ بېرىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل ۋە پېرسوناژ خاراكتېرىنى تەسۋىرلەشتىكى مۇھىم باسقۇچ. پېرسوناژلارنىڭ پىسخىك پائالىيىتى بىلەن تىلى، ھەرىكىتى ۋە چىراي ئىپادىسى ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، پىسخىك ھالەتنى كىشىلەر بىۋاسىتە كۆرەلمەيدۇ، ئاڭلىيالمايدۇ ھەم تۇتالمايدۇ.

      پىرسوناژلارنى چوڭقۇر ۋە تەسىرلىك يېزىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بەرگەندىلا ئاندىن خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ.

      2. پاكىتنى ياخشى تاللاش، ئوبرازنى ياخشى يېزىش

      پاكىت دېگىنىمىز، شۇ كىشى قىلغان ئىشتىن ئىبارەت. دۇڭ سۈنرۈينىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى قەھرىمان بولۇشىدىكى سەۋەب، ‹‹ئۆز ھاياتى ئارقىلىق يوشۇرۇن قەلئەنى پارتقانلىقىدىن ئىبارەت›› پاكىتتۇر. قاراڭ، ئادەمنى تەسۋىرلەش ۋەكىل خاراكتېرلىك پاكىتتىن ئايرىلالمايدۇ. سىز ‹‹ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئادەم›› نى يازغاندىمۇ، مانا مۇشۇ تېكىستلەرگە ئوخشاش سىز ئەڭ ئۇنتالمايدىغان، تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان ئىشنى تاللاڭ. تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى داغدۇغىلىق چوڭ ئىشلا بولۇشى ناتايىن. لېكىن سىز بۇ ئىشلارغا يولۇقمىسىڭىز، سىز يەنىلا نەزىرىڭىزنى ئادەتتىكى ئادەم قىلغان ئاددىي ئىشلارغا سېلىڭ. بەزىدە، بەلكىم مەلۇم ئادەمنىڭ بىر ئېغىز سۆزى، بىرەر ھەرىكىتى سىزگە چوڭقۇر تەسىر قىلىشى مۇمكىن، سىز بۇلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن تاللاپ چىقىڭ.

      ئوبراز دېگىنىمىز ئەسلىي مەنىسىدىن ئالغاندا ‹‹ھالەت›› تىن ئىبارەت. شۇ ئادەمنىڭ شۇ ئىشنى قىلغاندىكى ھەرىكىتى، چىراي ئىپادىسى، سۆز قاتارلىقلارنىڭ قانداق ھالەتتە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، دۇڭ سۈنرۈينى ئالىدىغان بولساق ‹‹ئوت يالقۇنى ئۇنىڭ پولاتتەك يۈزىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. بىر سېكۇنت، ئىككى سېكۇنت... ئۇ خۇددى كىگانت ئادەمدەك تىك تۇراتتى. ئىككى كۆزىدىن نۇر چاقناپ تۇراتتى››. مانا بۇ ھالەت ئۇنىڭ مۇستەھەم ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. سىز مۇشۇنداق ماقالىلەرنى يازغاندا، چوقۇم شۇ ئادەمنڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، سىزگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان سۆز ۋە ھەرىكەتنى ئەستايىدىل شەرھلەپ بېرىڭ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئادەمنىڭ ئوبرازىنى جانلىق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.

[ئۆرنەك]

كۆيۈمچان باغۋەن

      ئوقۇتقۇچى ياش نوتىلارنى ساغلام ئۆستۈرۈپ، ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققۇچى كۆيۈمچان باغۋەندۇر. مەن ‹‹كۆيۈمچان باغۋەن›› دېگەن بۇ شەرەپلىك نامنى تىلغان ئالغىنىمدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ھاياجانغا تولىدۇ، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. بولۇپمۇ مېنىڭ ئۆگىنىشتە يۇقىرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈم ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچۇم ئىمىننىياز مۇئەللىم مېنىڭ گۆدەك قەلبىمدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرى خۇددى كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن بىر – بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلايدۇ.

      مەن مەلۇم سەۋەبتىن كومبايىن زاۋۇتى پەرزەنتلەر مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كەلدىم. مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن يەنە ئاۋۋالقىدەكلا ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن غەمخورلۇق قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم ھەم ئۆگىنىش ۋە باشقا جەھەتلەردىن كۈندىن – كۈنگە ئالغا باستىم. ئىمىننىياز مۇئەللىم بىزنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز بولۇپ، 53 ياشلار چامىسىدىكى ئېگىز بويلۇق، قامەتلىك، كېيىنىشى تولىمۇ ئاددىي – ساددا، پاكىز چىرايىدىن ئوقۇتقۇچىغا خاس مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرىدىغان سەلاپەتلىك كىشى.

      ئۇ بىزگە دەرس ئۆتكەندە دائىم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دەرس چۈشەندۈرەتتى. بوش ۋاقىتلىرىدا دائىم بىزگە مۇنداق دەيتتى: ‹‹كىتاب ئادەمنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ، كىتابنى قانچىلىك كۆپ ئوقۇساڭلار شۇنچىلىك مول بىلىمگە ئېرىشەلەيسىلەر، مېنىڭ مەقسىتىم سىلەرگە دەرسنى بىلدۈرۈش بولۇپ، ھەرگىزمۇ دەرسنى ئىتتىك ئوقۇپ كىتابنى تېز تۈگىتىش ئەمەس››. ئۇ يەنە بىزگە: ‹‹تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە مۇستەقىل، ئەستايىدىل ئىشلەڭلار، ھەرگىزمۇ كۆچۈرىدىغان يامان ئادەتنى ئۆگىنىپ قالماڭلار، ھەرقانداق بىر ئوقۇغۇچى مۇستەقىل ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك›› دەپ نەسىھەت قىلاتتى.

      بىر كۈنى ئۇ ماتېماتىكىدىن يېڭى دەرس ئۆتۈپ بولۇپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، دەرسنى چۈشەنگەن ياكى چۈشەنمىگەنلىكىمنى سورىدى. مەن دەرسكە دىققەت قىلمىغانلىقىمدىن چۈشەنمىگەن بولساممۇ ئۇنىڭ مەندىن رەنجىپ قېلىشىنى ئويلاپ: ‹‹چۈشەندىم›› دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ قانداقتۇر مېنىڭ دەرسلەرنى ھەقىقىي چۈشەنمىگەنلىكىمنى بىلدى – دە، رەنجىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ماڭا يەنە قايتىدىن سەمىمىيلىك بىلەن دەرس چۈشەندۈردى. مەن ناھايىتى خۇش بولدۇم. چۈنكى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ مەن ئويلىغاندەك رەنجىيدىغان ئادەم ئەمەسلىكى كۆز ئالدىمدا ئېنىق نامايان بولغانىدى. مەن شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغانلىقىنى، پېشانىسىدىن ئاققان تەرلەرنىڭ خۇددى يىپى ئۈزۈلگەم مارجاندەك يەرگە تامچىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىزگە ئوخشاش ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىملىك كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىدىغان ھەقىقەتەن ئالىيجاناب جاپاكەش باغۋەن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم.

      شۇڭا مەن بىلىم نۇرى بىلەن ياشنىغان پاك قەلبىمدىن تولۇپ – تاشقان ھۆرمەت ئىپتىخارىم بىلەن مېھرىبان ئۇستازىم ئىمىننىياز مۇئەللىم ۋە بارلىق ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلىرىمنى ‹‹كۆيۈمچان باغۋەن›› دەپ مەدھىيەلەيمەن، شۇنداق ئۇلارنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئەلا نەتىجىلىرىم ئارقىلىق ئاقلايمەن.

 

مەنبە: يېزىقچىلىق يېتەكچىسىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي