باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

پەزىلەتلىك ئۆسمۈر

سىدىق تۇردى، پاتىگۈل سابىر 

      يېقىندا قاغىلىق ناھىيەلىك 8 – باشلانغۇچ مەكتەپ 5 – يىللىق 1 – سىنىپنىڭ باشلىقى، ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئىتى ئالىمجان تۇرغۇننىڭ 2011 – يىلى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر›› بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇ تىرىشچان ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنى مەكتىپىگە ئىزدەپ باردىم.

      — ئالىمجان ئىسمى – جىسمىغا لايىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى، – دەپ سۆز باشلىدى ئالىمجاننىڭ سىنىپ مەسئۇلى ئاينۇر تۇرامەت مۇئەللىم، – ئالىمجان مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئۆگىنىش، ئەخلاق، ئىنتىزامدا باشقىلارغا ئۈلگە بولدى. بىر كۈنمۇ رۇخسەت سوراپ باقمىدى. دەرستە ئارقىدا قالغان 17 نەپەر ساۋاقدىشىنى يېتەكلەشنى مەسئۇلىيىتىم دەپ قاراپ ئۇلارغا ئەتىگەن ۋە كەچتە تەكرار قىلىپ بەردى. ئاغرىپ قالغان ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ دەرسلىرىنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ بەردى. ئالىمجان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياخشى ياردەمچىسى. بىز ئۇنىڭغا قانداق ۋەزىپە تاپشۇرساق ئۇ جان پىدالىق بىلەن ئورۇندايدۇ. سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، كۆڭۈل ئېچىش، تۈرلۈك مۇسابىقە، دوستلۇق ئورنىتىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەيدۇ. ئۇ ئىتتىپاقلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەچكە ھازىرغىچە بىرەر ساۋاقدىشى بىلەن ئازارلىشىپ قالمىدى. ساۋاقداشلار ئارا ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە ئۇ زىدىيەتلەرنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ ئۇلارنى قايتىدىن دوستلاشتۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا، ئۇنى ھەممىمىز ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز.

      مەن ئالىمجاننىڭ ساۋاقداشلىرى بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇ بۇلتۇر سىنىپىدىكى سەككىز ئوقۇغۇچىغا 260 يۈەن قىممىتىدە كىيىم – كېچەك، ئوقۇش ماتېرىياللىرى ئېلىپ بېرىپتۇ. ئۆيى يىراق ساۋاقداشلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىك قىلىپ بېرىپتۇ.

      ئالىمجاننىڭ شەرەپ گۇۋاھنامىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ھەربىر گۇۋاھنامىنى قولۇمغا ئالغىنىمدا ئالىمجان ماڭا مۇشۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ مەكتەپ ۋە ناھىيە بويىچە 20 نەچچە قېتىم ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە، ئىزچىل ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى›› دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشىپتۇ.

سۈرەتتە: ئالىمجان (ئوتتۇرىدا) ساۋاقداشلىرىغا كىتاب ئوقۇپ بەرمەكتە.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر