باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

تالانت ھەققىدە

      1. گۈزەل ئەخلاق تالانت ئىگىلىرى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

      2. تالانتنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىر شۇكى، ئۇ ئىجادچانلىققا ياكى مۇستەقىلىققا ئىگە. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىكى ئىدىيە ۋە غايە ئومۇملۇققا ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە. ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن بولسا بۇ ئىدىيە ۋە غايە ھازىرقى زامان تارىخىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، تالانت ئىگىلىرى ئۆز ئىجادىيىتى ئارقىلىق كىشىلەر ئاڭلاپ باقمىغان ياكى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان يېڭى، رېئال دۇنيانى يارىتىدۇ.

      3. تالانتنىڭ ئوندىن بىرى چېچەنلىك، ئوندىن توققۇزى قان – تەردىن ئىبارەت.

      4. تىرىشچانلىق — تالانتنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل، قانچىلىك تىرىشساڭ تالانتىڭنى شۇنچىلىك جارى قىلدۇرالايسەن، تالانتنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشى بىلەن تالانت ئىگىسىنىڭ تىرىشىشى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

      5. تالانت ئۇچقۇنغا ئوخشايدۇ، ئۆچۈپ قىلىشىمۇ، يېلىنجاپ يالقۇنغا ئايلىنىشىمۇ مۈمكىن.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر