باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

‹‹ئاۋۋال چىڭ، كېيىن بوش›› تۇتۇش تەربىيەسى توغرىسىدا

نۇسرەت ئابدىلىم

      بالىلارنى تەربىيەلەش بىر، ئىككى كۈنلۈك، بىراقلا تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم ئۇزۇن مەزگىللىك ئىش بولۇپ، خۇددى ‹‹ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش››قا ئوخشايدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تاكتىكىغا، مەسىلەن، ئۆزى ئۈلگە بولۇش، شەكىل، ئۇسۇل، ئۆزىنى تۇتۇش، مېھىر – مۇھەببەت قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن ۋەزىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش – قازىنالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تاكتىكىنى بېكىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. كىچىكىدىن چوڭ بولغىچە بولغان تەربىيە داۋامىدا ‹‹ئاۋۋال بوش، كېيىن چىڭ تۇتۇش›› كېرەكمۇ ياكى ‹‹ئاۋۋال چىڭ، كېيىن بوش تۇتۇش›› كېرەكمۇ؟

      1. ‹‹ئاۋۋال بوش، كېيىن چىڭ›› ۋە ‹‹ئاۋۋال چىڭ، كېيىن بوش›› تۇتۇش

      ‹‹ئاۋۋال بوش، كېيىن چىڭ›› تۇتۇش دېگەنلىك كىچىك ۋاقتىدا چىڭ باشقۇرماي، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بارا – بارا چىڭ باشقۇرۇشتۇر؛ ‹‹ئاۋۋال چىڭ، كېيىن بوش›› دېگەنلىك بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە كىچىك ۋاقتىدا چىڭ باشقۇرۇپ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بارا – بارا بوش تۇتۇشتۇر.

      دۆلىتىمىزدا نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار، بولۇپمۇ بوۋا – مومىلار ھەمىشە بالىلىرى كىچىك ۋاقتىدا ئىختىيارىغا قويۇۋېتىپ ئەركىن پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بالا تېخى كىچىك، ئىش ئۇقمايدۇ، باشقۇرغان بىلەنمۇ پايدىسى يوق، چوڭ بولغاندا باشقۇرسىمۇ كېچىكمەيدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇ ‹‹ئاۋۋال بوش، كېيىن چىڭ›› تۇتۇشنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

      بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار بالىلارنى كىچىك ۋاقتىدا چىڭ باشقۇرۇپ ئۇلارنىڭ ياخشى ھەرىكەت ئادىتى ۋە ئىدىيەۋى ئەخلاقىنى تەربىيەلەشكە ئېتىبار بېرىپ، كېيىنكى يېتىلىشىگە ياخشى ئاساس سېلىش؛ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي ھالدا بالىلارغا ئەركىن ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى ھازىرلاپ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەپ، ئەركىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، مانا بۇ ‹‹ئاۋۋال چىڭ، كېيىن بوش›› تۇتۇشنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

      بالىلار ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان بوۋاق مەزگىلىدىن ئۆسۈپ قۇرامىغا يەتكۈچە بولغان جەريانىدا ھەر جەھەتتىن زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ، مول بىلىمگە ئېرىشىدۇ، ئىقتىدارى ئاشىدۇ، تۇرمۇش تەجرىبىلىرى كۆپىيىدۇ، ئاڭلىقلىقىمۇ كۈچىيىدۇ. چوڭلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، چوڭلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ ئاتا – ئانىلاردىن ھەر ۋاقىت بالىلارغا قويىدىغان تەلەپ ۋە باشقۇرۇشنىڭ بوش ۋە چىڭلىق دەرىجىسىنى تەڭشەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

      زادى قايسى خىلدىكى تاكتىكا بەكرەك ياخشى؟ ئائىلە تەربىيەسى ‹‹تاكتىكىسى››نىڭ ياخشى – يامان بولۇشىغا باھا بېرىشتە ئالدى بىلەن ئۇسۇلنىڭ بالىلارنىڭ پىسخىكىلىق تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە ۋەزىيىتىگە ماس كەلگەن – كەلمىگەنلىكىگە، پىسخىكىلىق يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان – بولمىغانلىقىغا قاراش لازىم. بالىلارنىڭ پىسخىكىلىق يېتىلىشىگە ماس كەلگەن، ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغىنى ياخشى ئۇسۇل، ئەكسىچە بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولۇپ، ئۇلاردا قارشىلىشىش كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى ناتوغرا ئۇسۇل.

      2. ‹‹ئاۋۋال بوش، كېيىن چىڭ›› تۇتۇشنىڭ ساۋىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاش

      دۆلىتىمىز ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئەنئەنىسى ‹‹ئاۋۋال بوش، كېيىن چىڭ›› تۇتۇشتۇر. مەشھۇر مائارىپچى چېن خېچىن ئەپەندى ‹‹ئائىلە تەربىيەسى›› دېگەن كىتابىدا مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرگەن:

      بۇرۇنقى زاماندا بىر باي بولۇپ، 50 ياشقا كىرگەندە ئاندىن بىر ئوغۇللۇق بوپتۇ. ئۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بالىنى مەيلىگە قويۇۋېتىپتۇ. بالا تۆت – بەش ياشقا كىرگەندە ناھايىتى زومىگەرلىشىپ ئاچچىقى كەلسە ئادەم تىللايدىكەن، ئۇرىدىكەن، ھەممە ئەسكىلىكنى قىلىدىكەن. بۇ باي ئۇنى ھەمىشە كىچىك، ئىش ئۇقمايدۇ دەپ تەربىيە بەرمەيدىكەن. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ بالىنىڭ يۈرىكى قاپتەك يوغىناپ كېتىپتۇ. 17 – 18 ياشقا كىرگەن چاغدا ئۇ دائىم دادىسىنىڭ پۇلىنى ئوغرىلاپ قىمار ئوينايدىغان بوپتۇ. باي بۇنى بىلىپ ئەمدى باشقۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئوغلىنى تىللاپتۇ. كىم بىلسۇن ئوغلى قورقۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە دادىسىنى تىللاپ، پۇرسەت تېپىپ دادىسىنى ئولتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. باي ئوغلىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ غال – غال تىترەپ كېتىپتۇ. كۆڭلىدە: ‹‹ئوغلۇم ئاچچىقىدا بۇنداق گەپ قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشىم كېرەك›› دەپ ئويلاپتۇ. شۇ كۈنى كېچىدە ئۇ بىر كىچىك چېلەكنى ئورۇن – كۆرپىسىنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويۇپ، ئۆزى كارىۋىتىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋاپتۇ. ھايال ئۆتمەي ئوغلى ئاستا ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرىپتۇ، ئۇ كەكە كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ كارىۋاتنىڭ ئالدىغا كېلىپ رەھىمسىزلەرچە چېپىشقا باشلاپتۇ. بۇ چاغدا چېلەكتىن ‹‹تاراق›› قىلىپ ئاۋاز چىقىپتۇ، ئوغلى دادامنىڭ كاللىسى كېسىلدى دەپ ئويلاپ كەكىنى تاشلاپ قېچىپتۇ.

      كۈنلەر ناھايىتى تېز ئۆتۈپتۇ، ھەش – پەش دېگۈچە ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ، بايمۇ 80 نەچچە ياشقا كىرىپتۇ. قېرىغاندا يالغۇزلۇق تارتىپ، ئوغلىنى سېغىنىپ ناھايىتىمۇ ئازابلىنىپتۇ.

      بىر كۈنى باي ئۈجمىلىك بېغىدا يالغۇز ئايلىنىپ يۈرگەندە تۇيۇقسىز 30 ياشتىن ئاشقان بىر دېھقان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

      — بوۋا، بۇ ئۈجمە دەرىخىنىڭ شېخىنى ئېگىپ قويۇڭە، — دەپتۇ. باي:

      — چاقچاق قىلماڭ، قېرى ئۈجمە دەرىخىنىڭ شېخىنى قانداق ئەگكىلى بولىدۇ؟ — دەپتۇ. دېھقان:

      — توغرا، توغرا، ئۈجمە شېخىنى كىچىك چېغىدا ئېگىش كېرەك، بالىغا كىچىك چېغىدىن تارتىپ تەربىيە بېرىش لازىم، — دەپتۇ.

      بۇ گەپنى ئاڭلاپ باينىڭ ئېسىگە ئوغلىنىڭ كىچىك چېغىدىكى ئىشلار كېلىپ ناھايىتى پۇشايمان قىپتۇ، ئۇ ئۆزىنى بېسىۋالالماي يىغلاپ كېتىپتۇ. دېھقان يەنە بايغا:

      — ماڭا ئوبدان قاراپ بېقىڭە، مەن كىم؟ — دەپتۇ.

      باي دېھقاننىڭ ئۈستبېشىغا سىنچىلاپ قاراپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قېچىپ يۈرگەن ئوغلى ئىكەنلىكىنى تونۇپتۇ. ئاتا – بالا ئىككەيلەن قايتا جەم بولغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قۇچاقلىشىپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ئۇلار ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بالىنى كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپتۇ.

      3. ‹‹ئاۋۋال چىڭ، كېيىن بوش›› تۇتۇش ئاتا – ئانىلارنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلىشىگە پايدىلىق

      ئاتا – ئانىنىڭ ئىناۋىتى پەرزەنتلىرىنى ئوڭۇشلۇق تەربىيەلەش ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىنىڭ بىرى. ئادەتتە بالىلار كىچىك ۋاقتىدا ئاتا – ئانىسىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بولغاچقا ئىناۋىتى ئوڭاي تىكلىنىدۇ. ئەگەر بالىلار كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ ئاتا – ئانىلارنىڭ ئىناۋىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولسا كېيىن بالىلارنى باشقۇرۇپ تەربىيەلەش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.

      17 – ئەسىردىكى ئەنگلىيەلىك مائارىپچى روك: ‹‹بالىلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ تەربىيەلەشنى كۆڭلىگە پۈككەنلەر بالىنى كىچىك چېغىدىن باشلاپلا باشقۇرۇشى لازىم. ئەگەر ئوغلىڭىزنىڭ بالىلىق دەۋردىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا سىزگە بويسۇنۇشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز سىز ئۇنىڭ كىمگە بويسۇنۇشنى، كىمنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن باشلاپلا دادىل ئىناۋىتىڭىزنى تىكلىشىڭىز لازىم›› دېگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيەدە نۇرغۇن ئائىلىلىرىدە پەرزەنتلىرىگە قارىتا ‹‹ئاۋۋال بوش، كېيىن چىڭ›› تۇتۇشتەك تەربىيە ئۇسۇلى قوللىنىلاتتى. بۇنىڭغا ئۇ قارشى پوزىتسىيەدە ئىدى. ئۇ: ‹‹مېنىڭچە كۆپچىلىكنىڭ پەرزەنتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى پەقەت توغرا ئەمەس. بالىلىرىنى كىچىك چېغىدا ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىپ باشقۇرمايدۇ، چوڭ بولغاندا قاتتىق باشقۇرۇپ ئۇلارغا يېقىنلاشمايدۇ. ئەركىن قويۇۋېتىشنىڭ بالىلارغا ھېچقانداق پايدىسى يوق، ئۇلار بىرەر ئىشقا يولۇقسا پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ›› دېگەن. بالىلار چوڭ بولغاندا ئەقىل ۋە كۆزقارىشى شەكىللەنگەندىن كېيىن ئاندىن باشقۇرۇپ ۋە قاتتىق تۇتقاندا پەرزەنتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا، ئۇ ‹‹ئاۋۋال چىڭ، كېيىن بوش›› تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلغان.

      روك يەنە: ‹‹بالىلار ئەقىل – پاراسىتىنى ئىشقا سالالىغاندىن كېيىن ئۇلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇش تەدرىجى بوشىتىلىپ، دادىلارنىڭ چىرايى مۇلايىملاشسا ئاتا – بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق قىسقىرايدۇ، دادىسىنىڭ ئىلگىرىكى چىڭ باشقۇرۇشى بالىلارنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار دادىسىنىڭ ئىلگىرىكى باشقۇرۇشى ئۇلارنى ئاسرىغىنى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ›› دېگەن.

      4. ‹‹ئاۋۋال چىڭ، كېيىن بوش›› تۇتۇش بالىلارنىڭ ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشىگە پايدىلىق

      بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ياخشى – ياماننى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغىنى بىلەن ھېس قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. ئەگەر بۇنى بالدۇر تەربىيەلىگەندە ئۇلاردا ئاسانلا ياخشى ئادەت شەكىللىنىدۇ. بەزى كىچىكرەك سەۋەنلىكلىرى بولسىمۇ تۈزىتىپ كەتكىلى بولىدۇ. بالىلار يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي بوش قويۇۋېتىلگەندە ياخشى ئادىتى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلۇپ، بالىنىڭ سۆز، ھەرىكىتىنى كونترول قىلغاچقا ئادەتتە ئاسانلىقچە يولدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئادەت ئاللىبۇرۇن تەبىئىيلىككە ئايلانغان. بۇنىڭ ئەكسىچە بالىلار كىچىك چېغىدا بوش قويۇۋېتىلىپ خالىغاننى قىلسا بالىلاردا ئوڭايلا يامان ئادەت يېتىلىپ، چوڭراق بولغاندا باشقۇرماق تەس بولۇپ قالىدۇ، يامان ئادىتىمۇ تەبىئىيلىشىپ ئۆزگەرتمەك تەس بولۇپ قالىدۇ.

      5. ‹‹ئاۋۋال چىڭ، كېيىن بوش›› تۇتۇش بالىلارنىڭ پىسخىكا تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ

      ‹‹ئاۋۋال چىڭ، كېيىن بوش›› تۇتۇش بالىلارنىڭ پىسخىكىلىق تەرەققىياتىنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئەھۋالىغا ماس كەلگەچكە بالىلار ئوڭايلا قوبۇل قىلالايدۇ، ‹‹ئاۋۋال بوش، كېيىن چىڭ›› تۇتۇش ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولغاچقا بالىلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغايدۇ. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بالىلاردا مۇستەقىللىق تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچىيىپ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكىدەك قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىشىنى خالىمايدۇ، مەسىلىگە يولۇقسا مۇستەقىل ئانالىز قىلىش، ھۆكۈم چىقىرىش، بىر تەرەپ قىلىش، ھەل قىلىشنى ياقتۇرىدۇ. شۇڭا، باشقۇرۇشنى تەدرىجىي قويۇۋېتىش ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق تەلىپىگە ئويغۇن كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىسى كۆپ.

      باشقۇرۇشنى تەدرىجىي قويۇۋېتىش بالىلارنى ئەركىن ئانالىز قىلىش، ھۆكۈم قىلىش، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرگە بولغان ھۆرمەت ۋە ئىشەنچسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. بالىلار بۇنى ھېس قىلغاندىن كېيىن ئۆز ئىززىتىنى، ئابرۇيىنى ساقلاپ ئۆزلىرىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئاتا – ئانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئىناق، يېقىن بولۇپ بالىلارنىڭ كۆڭلى ئازادە بولىدۇ، ئۇلار ئاتا – ئانىلىرىنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدۇ، ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلىگە يولۇقسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتا – ئانىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ.

      ‹‹ئاۋۋال چىڭ، كېيىن بوش›› تۇتۇش ئۇسۇلى دەل بالىلارنىڭ پىسخىكىلىك يېتىلىشىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ماس كەلگەن. ‹‹ماس كېلىش›› بىردەكلىك دېگەنلىك، بىردەكلىك بالىلارنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بۇ خۇددى لەگلەك ئۇچۇرغانغا ئوخشاش. دەسلەپتە يىپ چىڭ تارتىلىدۇ، يىپ چىڭ تارتىلمىسا لەگلەك يەردىن كۆتۈرۈلمەيدۇ، لەگلەك ئۇچقاندىن كېيىن يىپنى ئاستا – ئاستا بوش قويۇپ بېرىپ ئۇنى كۆك ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرىمىز. بۇ دەل بالىلارنىڭ مۇستەقىل، دېموكراتىك ۋە چوڭلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلۇش تەلىپىگە ماس كېلىپ، ئۆزىنى تەربىيەلەش ۋە ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. كىچىك چېغىدىكى ئاساس ياخشى بولسا چوڭ بولغاندا تەدرىجىي بوش قويۇۋېتىلسە، ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدا يولدىن ئېزىپ كەتمەيدۇ.

(شىخو شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپتىن)

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر