باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

تەلەيلىك ۋە تىرىشچان

      پادىشاھ ۋەزىرىدىن: – سەن تەلەيگە ئىشىنەمسەن؟ – دەپ سوراپتۇ.

      – ئىشىنىمەن.

      – ئۇنداقتا، سەن بۇنى ئىسپاتلىيالامسەن؟

      – بولىدۇ. – دەپتۇ ۋەزىر ھەم شۇ كۈنى كەچتە ئۆينىڭ تورۇسىغا قاچىلانغان بىر خالتىنى ئېسىپ قويۇپ ئىككى ئادەمنى ئۆيگە كىرگۈزۈپتۇ.

      بۇ ئىككىيلەندىن بىرەيلەن تەلەيگە، يەنە بىرەيلەن پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىشقا ئىشىنىدىكەن.

      تەلەيگە ئىشىنىدىغان ئادەم پولدا يېتىپتۇ. ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىشقا ئىشىنىدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئاخىرى قولىنى خالتىغا يەتكۈزۈپتۇ ھەم قاراڭغۇدا سىلاپ – سىيپاپ يۈرۈپ كۆك پۇرچاقنى بىر تال بىر تالدىن تېرىپ يەۋەتكەچ، ئالماسنى پولدا ياتقان يەنە بىرەيلەنگە تاشلاپ بېرىپ: ‹‹بۇ تاشلارنى ساڭا بېرەي!›› دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تەلەيگە ئىشىنىدىغان ئادەم ئۇ تاشلارنى ئەدىيالغا قاچىلىۋاپتۇ.

      ئەتىسى سەھەردە، پادىشاھ بىلەن ۋەزىر بۇ ئۆيگە كېلىپ بۇ ئىككىيلەننى ئېرىشكەن نەرسىلىرىنى ئېلىپ كېتىشىنى ئېيتىپتۇ.

      ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىشقا ئىشىنىدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ يەۋەتكەن شۇ كۆك پۇرچاقتىن باشقا ھېچقانداق نەرسىگە ئېرىشەلمەپتۇ؛ تەلەيگە ئىشىنىدىغان ھېلىقى ئادەم بولسا ئالماسنى كۆتۈرۈپ كېتىپ قاپتۇ.

      ۋەزىر پادىشاھقا: ‹‹ئالىيلىرى، تەلەي دېگەن بۇ نەرسە ھەقىقەتەن مەۋجۇت، بىراق خۇددى كۆك پۇرچاقنىڭ ئارىسىدىن ئالماس چىقىپ قالغانغا ئوخشاش ئىش بەك ئاز ئۇچرايدۇ، شۇڭا بارلىق كىشىلەرنىڭ پەقەت تەلىيىگە تايىنىپلا كۈن ئۆتكۈزۈشىنى خالىمايمەن›› دەپتۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مەۋلان