باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

كومپيۇتېر ئاساس سالغۇچى كىم

      چارلىس باكورچ 1791 – يىلى ئەنگلىيىدە تۇغۇلغان. ئۇ تۇغما ئەقىللىق بولۇپ، 24 يېشىدىلا كامبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئۇ ماتېماتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىش جەريانىدا ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشنىڭ ئادەمنى ئىنتايىن چارچىتىۋېتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان، شۇڭا بىر خىل ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ھېسانلاش ئەسۋابىنى ئىجاد قىلىش ئارزۇسىدا بولۇپ كەلگەن.

      ئەينى چاغدا فرانسىيە ھۆكۈمىتى بەزى ماتېماتىكا جەدۋەللىرىنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈۋاتقاچقا، زور مىقداردىكى سانلارنى ھېسابلاش زۆرۈر بولۇۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن، ماتېماتىكلار مۇرەككەپ ھېسابلاش جەريانلىرىنى بىر قاتار ھېسابلاش ئۇسۇللىرىغا بۆلۈپ، ماتېماتىكىنى ئانچە چۈشەنمەيدىغان 100دىن ئارتۇق ئايالنى ئەكېلىپ ئالدىن بەلگىلەپ قويغان تەرتىپ بويىچە ئايرىم – ئايرىم ھېسابلاتقان، ئاندىن نەتىجىنى بىر – بىرلەپ يىغىنچاقلاش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىگە ئېرىشكەن.

      باكورچ بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، يېڭى ھېسابلاش ئەسۋابى بەك مۇرەككەپ بولمىسىمۇ، ئاددىي ئىقتىدارغا ئىگە بولسىلا بولدى، ئۇنىڭ بىلەن ئالدىن تۈزۈلگەن تەرتىپ بويىچە قەدەممۇ قەدەم ھېسابلاش ئېلىپ بارغاندا، مۇرەككەپ ھېسابلاش مەشغۇلاتىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان. ھازىرقى زاماندىكى كومپيۇتېر مۇشۇ نەزەرىيىگە ئاساسەن لايىھىلەنگەن ۋە ياسالغان.

      باكورچ يەنە سانلىق مەلۇماتلارنى كارتىغا خاتىرىلەشنى، يەنى كارتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا تۆشۈك ئېچىپ، شۇ ئارقىلىق ئوخشاشمىغان رەقەملەرنى ئىپادىلەشنى ئويلاپ چىققان. ھازىرقى زامان كومپيۇتېرلىرىدا ماگنىتلىق دىسكا ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى، كارتىغا تۆشۈك ئېچىش ئۇسۇلى بىلەن سانلىق مەلۇماتلار كىرگۈزۈلەتتى ۋە چىقىرىپ بېرىلەتتى.

      باكورچ كومپيۇتېرنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا ئىنتايىن چوڭ تۆھپە قوشقاچقا، كىشىلەر ئۇنى: ‹‹كومپيۇتېرنىڭ ئاساسچىسى›› دەپ ئاتىغان.

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: مەۋلان