باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

چىپار چاپان چېكەتكە

ئەخمەتجان ئابدۇللا

 (ھەرپلىك بالىلار قوشاقلىرى)

چىپار چاپان چېكەتكە

چارشەنبىدە چېكەتكە

چېنىققىلى چىقىپتۇ.

چوڭچى چاشقان چۆپلۈكتىن

چەت چۆللۈككە چېپىپتۇ.

چېچەن چىپار چېكەتكە

چېنىقىپتۇ چىملىقتا.

چاشقان چۆلدىن چىقالماي،

چىرقىراپتۇ چىتلىقتا.

چاچقۇ چېچىپ چېكەتكە،

چاك – چاك چاۋاك چېلىپتۇ.

چوڭچى چاشقان چىدامدا

چېكەتكىدىن چېنىپتۇ.

 

قورقماڭلارچۇ قۇشلىرىم

قىچىلىقتىن قۇشلارنى

قوغلار قاسىم قىزغانچۇق.

قورقماڭلارچۇ قۇشلىرىم،

قاداپ قويغان قارانچۇق.

قەست قىلماستىن قۇشلارغا،

قاسىم، قوناق قۇيساڭچۇ!

قەلبىمىزنىڭ قېتىغا

قوشۇلغىلى قويساڭچۇ!

 

ئۇستازىم

ئۇيقۇچاننى ئۇپۇقتا

ئۇچۇردىڭىز ئۇستازىم.

ئۇچۇرلارنى ئۇتۇقلۇق

ئۇقتۇردىڭىز ئۇستازىم.

ئۇنتۇمايمىز ئۇلۇغلۇق

ئۇدۇمىنى ئۇستازىم.

ئۇنتۇمايمىز ئۇۋىڭىز

ئۇدۇلىنى ئۇستازىم.

 

باغۋەن بالا

بوۋا، باغقا بارامسەن؟

بارىمەنۇ بارىمەن.

بىزگە بادام بېرەمسەن؟

بېرىمەنۇ بېرىمەن.

بۇ باغدىكى باداملار

بولۇق بوپتۇ، بەك بوپتۇ.

بېھىش باغنىڭ بەھرىدىن

باغۋەن بوۋام بەگ بوپتۇ.

بالىلارچۇ، بالىلار،

بىزمۇ باغقا بارايلى!

بىلىم بىلەن بىر بولۇپ،

بالا باغۋەن بولايلى!

 

يۇرتۇم

يېڭىلىققا يۈزلىنىپ،

يارالدىڭ يۇرتۇم.

يۈزۈڭ يورۇپ يۇلتۇزدەك،

ياساندىڭ يۇرتۇم.

يېڭىلاندى يوللىرىڭ،

يەسلى، ياتىقىڭ.

يېڭىلاندى يېلىڭىڭ،

يىرتىق – يامىقىڭ.

ياخشى يېمەك يېمىگەن

يۇرتداشلىرىڭ يوق.

يۆلەنچۈككە يەتمىگەن

يولداشلىرىڭ يوق.

يۈكسىلىشتىن يارەنلەر

يەتتى يۆلەككە.

يېتىم – يېسىر، ياۋاشمۇ

يەتتى يۈرەككە.

 

قوينىڭ قىزى

قويۇۋەتتى قوشنام قوينى

قوتىنىدىن.

قاچتى قونچاق قوزىچاقتىن

قورققىنىدىن.

قويۇپ قويدى قىزىم قويغا

قىلتىقىنى.

قورقۇتقاچقا قوينىڭ قىزى

قىزچىقىنى.

(ئاپتور قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر