باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

سىنىپ كادىرلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا

      سىنىپ كادىرلىرى قوشۇنى سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ياخشى ياردەمچىسى، سىنىپ كوللېكتىپىدا بىر قەدەر يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە سىنىپ كادىرلىرى قوشۇنىنىڭ بولۇشى مۇنەۋۋەر سىنىپ كوللېكتىپىنى بەرپا قىلىشتىكى ھالقىلىق مەسىلە. سىنىپ كادىرلىرى سىنىپ مەسئۇلى ۋە سىنىپ كوللېكتىپى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق سىنىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنى قاراتمىلىق ئىشلىگىلى بولىدۇ. سىنىپ خىزمەتلىرىنىڭ قانداق بولۇشى مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھەم نەتىجىلىك بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىنىپ كادىرلىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن دائىم بىللە تۇرىدىغان بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇش، سۆز – ھەرىكىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقتىدا ھېس قىلالايدۇ. ئوقۇغۇچىلاردىكى بىنورمال ئەھۋاللار سىنىپ مەسئۇلىغا ئىنكاس قىلىنسا ناچار خاھىشلارنى بىخ ھالىتىدىلا تۈگىتىشكە پايدىلىق.

      مۇنەۋۋەر سىنىپ كوللېكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار تىرىشچان، ئىتتىپاق، مەدەنىي، ئىنتىزامچان، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق بوي سۇنىدىغان ئوقۇغۇچىلاردۇر. بۇنداق سىنىپنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىدە سىنىپ كادىرلىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ئارقىلىق ساۋاقداشلىرىنى باشقۇرۇپ، تەربىيە بېرىپ، يېتەكلەپ ئۆز سىنىپ كوللېكتىپىنى مۇنەۋۋەر سىنىپ كوللېكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقالايدۇ.

      تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە بىر قىسىم سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارا ئۇرۇش – جېدەل كۆپ بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەشمەسلىك، خەتەرلىك ئويۇنلارنى ئويناش، ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىق، سىنىپ ئىنتىزامى ياخشى بولماسلىق، تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق، مەكتەپ تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئورۇنلانماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىشىدا سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقالماسلىقى، سىنىپ كادىرلىرى بىلەن سىنىپ مەسئۇلىنىڭ خىزمەتتە ياخشى ماسلىشالمايۋاتقانلىقى ئاساسىي سەۋەب ھېسابلىنىدىكەن. بىر قىسىم سىنىپلاردا سىنىپ كادىرلىرىنىڭ رولى ياخشى جارى قىلدۇرۇلمايدۇ، سىنىپ مەسئۇلىمۇ ئۇلار بىلەن بولغان ھەمكارلىققا سەل قاراپ، تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنىڭ سۈرۈشتىسىنى ۋاقتىدا قىلمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇنەۋۋەر سىنىپ كوللېكتىپى بەرپا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن سىنىپنىڭ نورمال خىزمەتلىرىمۇ تازا يۈرۈشمەيدۇ.

      سىنىپ خىزمىتى مەكتەپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. شۇڭا، سىنىپ مەسئۇللىرى ئۆز سىنىپىنىڭ مەكتەپنىڭ كۈندىلىك ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۈن تىرىشىشى، سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ئۆز خىزمىتىگە ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

      1. سىنىپ كادىرلىرىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاش. سىنىپ كادىرلىرىنى سايلىغاندا ئۆزىلا بېكىتىپ قويماسلىق ياكى بىر، ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ گېپى بىلەنلا بەلگىلىمەسلىك كېرەك. ئاۋاز بېرىش شەكلى ئارقىلىق سىنىپ كادىرلىرىنىڭ سىنىپتا تەسىرى ياخشى، كوللېكتىپقا كۆيۈنىدىغان، تاپشۇرغان ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئومۇمىيلىقنى كۆزلەيدىغان ئوقۇغۇچىلار سايلاپ چىقىلسا سىنىپنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشى سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

      2. سىنىپ كادىرلىرى يىغىنىنى قەرەللىك ئېچىپ تۇرۇش. سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغان – قىلدۇرمىغانلىقى ۋاقتىدا خۇلاسە قىلىنىشى، ئۇلارغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇلار ئىشلىگەن خىزمەتلىرىدىن دوكلاد بېرىشى كېرەك، بۇ كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. نۆۋەتتە ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ قەدەم باسقۇچ، تەلەپ، مەقسەت، يەتمەكچى بولغان نىشانلىرى ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. يىغىندا يەنە سىنىپ كادىرلىرىنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىغىمۇ ۋاقىت ئاجرىتىش كېرەك. ئۆزئارا ئۆگىنىشمۇ خىزمەت ئۇسۇلىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق. سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقىمۇ سىنىپ خىزمىتىدىكى مۇھىم ھالقا. يىغىندا بۇ نۇقتا تەكىتلىنىپ ئۆزئارا ھەمكارلىق قولغا كەلتۈرۈلۈشى كېرەك.

      3. پىلان بويىچە خىزمەت ئىشلەشكە يېتەكلەش. سىنىپ مەسئۇلى مەۋسۇم بېشىدا ئۇلارغا پىلان تۈزۈپ بېرىپ پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، خىزمەتلەرنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك ئىشلەنگەنلىكىنى، ئىشلەنمىگەن بولسا بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىش كېرەك. ئەگەر ئىشلەنمىگەن بولسا بىرلىكتە ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە پىكىرلىشىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا سىنىپ كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىشلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن يېتەكلەش، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش، نەتىجىسىنى مۇئەييلەنلەشتۈرۈش بىلەن ئۇلاردا ساقلىنىۋاتقان يېتەرسىزلىكلەرنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك. سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان يېتەرسىزلىكنى تونۇشىغا ياردەم بېرىش، توغرا ئۇسۇلنى كۆرسىتىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئەتراپلىق يېتەكلەنگەندىن كېيىنمۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلارنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك.

      4. سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ئابرۇيىنى تىكلەش. سىنىپ مەسئۇللىرى سىنىپ كادىرلىرىنىڭ باشقا ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ئىناۋىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. سىنىپ مەسئۇللىرى سىنىپ كادىرلىرىنىڭ توغرا بولمىغان تەرەپلىرىنى سەزگەندە ئۇلارنى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا تەنقىدلەپ ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى، ئايرىم سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك. بىرەر قېتىم كۆرۈلگەن مەسىلىگە قاراپ يەڭگىللىك بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى يوققا چىقارماي توغرا پوزىتسىيىدە تۇرۇپ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى، يېتەرسىزلىكىنى تۈزىتىشكە پۇرسەت بېرىشى كېرەك. خاتالىق كۆرۈلگەن ھامان ساۋاقداشلىرى ئالدىدىلا تەنقىدلىگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ سىنىپ كادىرىغا بولغان قارىشىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ – دە كېيىنكى خىزمەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق كېتىۋەرسە سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى تۆۋەنلەپ سىنىپ خىزمىتىدە چېچىلاڭغۇلۇق پەيدا بولىدۇ. سىنىپ مەسئۇللىرى بۇ جەھەتتە دىققەت قىلىشى كېرەك.

      5. ئىلھاملاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش. سىنىپ مەسئۇللىرى سىنىپ كادىرلىرىنى ۋاقتىدا تەقدىرلەپ ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. سىنىپ كادىرى بولغانلىق كوللېكتىپ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋەزىپىسىنىڭ كۆپەيگەنلىكى، ئۆزىنى چېنىقتۇرىدىغان پۇرسەتنىڭ كۆپەيگەنلىكىدۇر. ئۇلار سىنىپ خىزمىتى ئىشلەش جەريانىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ، نورمال ئارام ئېلىشى ۋە ئۆگىنىش قىلىشىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، سىنىپ مەسئۇللىرى ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى سىنىپتا مۇۋاپىق پۇرسەت تېپىپ مۇئەييلەنلەشتۈرۈشى، ئىلغار ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا كىرەلمىگەن سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ئىچىدىن ئىلغار سىنىپ كادىرىنى باھالاپ چىقىپ ئۇلارنىڭ خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇشى، ئۆز خىزمىتىدىن خۇشاللىق ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.

      مۇنەۋۋەر سىنىپ كوللكېتىپى بەرپا قىلىش ھەربىر سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئارزۇسى. شۇنداق ئىكەن سىنىپ كادىرلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر سىنىپ كوللېكتىپى بەرپا قىلىشتىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. يۇقىرىقى نۇقتىلاردىن باشقا سىنىپ مەسئۇللىرى سىنىپ كادىرلىرى بىلەن بولغان سىردىشىشنى كۆپەيتىشى، بۇ ئارقىلىق ئۇلار بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ ئۇلارنى ھەقىقىي تۈردە كىچىك ھەمراھىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا سىنىپ مەسئۇلى خىزمەتتە بەك چارچاپ كەتمەيدۇ، سىنىپنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىمۇ ياخشى ئىشلىنىۋېرىدۇ. بۇ سىنىپ مەسئۇلىنڭ سىنىپ كادىرلىرىدىن قانداق پايدىلىنىشىغا باغلىق.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر