باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

كۈندە چىلان يەپ بېرىڭ

      چىلان دورىلىق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىك بولۇپلا قالماي، راكقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا دائىم چىلان يەپ بېرىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بار.

      چىلاننىڭ تەركىبىدە دولانە كىسلاتاسى، ۋىتامىن C لار مول، ئۇلار راكقا قارشى تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. چىلان يەنە قان-تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، يۈرەك مۇسكۇللارنى ياخشىلايدۇ، چىلاننىڭ رىئاكسىيىگە قارشى تۇرۇش رولىمۇ بار. چىلان يەنە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىدۇ. چىلاننىڭ تەركىبىدىكى بەزى ماددىلارنىڭ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار.

      چىلان يەنە تېرىنى ئاسراش، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئادەمنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ھارغىنلىقنى يوقىتىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان