باش بەت | كائىنات سىرلىرى

مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراقنىڭ ئېرىشى يەرشارىنىڭ ئىللىشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن

      ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ 2200 - يىلىغا بارغاندا يەر شارىدىكى مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراقنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئېرىپ كېتىدىكەن ھەم ئېرىش جەريانىدا قويۇپ بېرىلگەن كاربون يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن.

      كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراق ئېرىش جەريانىدا قويۇپ بەرگەن كاربوننىڭ كېلىش مەنبەسى ئالدىنقى مۇزلۇق دەۋردە تۇپراقتا قېتىپ قالغان ئۆسۈملۈك يىلتىزلىرىنىڭ قالدۇقلىرى بولۇپ، ئۇلار توڭ تۇپراقنىڭ ئېرىشى بىلەن تەڭ ئېرىپ، ئاتموسفېراغا كاربون قويۇپ بېرىدىكەن. بۇ خۇددى كۆكتاتنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ئۇزاق يىل توڭلىتىپ ئاندىن سىرتقا قويۇپ قويساق، سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغان شارائىتتا كۆكتاتنىڭ تېزلا ئېرىپ سېسىشقا باشلىغىنىغا ئوخشايدىكەن.

      ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا ئالياسكا ۋە سىبىرىيە رايونلىرىدىكى مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراقنىڭ ئېرىپ ئاتموسفېراغا كاربون قويۇپ بېرىشكە باشلىغانلىقى بايقالغان ئىدى. بۇ قېتىم كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراقنىڭ ئېرىش ئەھۋالى ۋە قويۇپ بەرگەن كاربوننىڭ مىقدارى توغرىسىدىكى مۆلچەرىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ مۆلچەرىچە، يەرشارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ كەلگۈسى 200 يىلدا مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراق ئېرىپ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا تەخمىنەن 190 مىليارد توننا كاربون قويۇپ بېرىدىكەن، بۇنىڭ كۆپ قىسمى كەلگۈسى 100 يىلدا قويۇپ بېرىلىدىكەن، بۇ سانائەتلىشىش مەزگىلىدە قويۇپ بېرىلگەن ئومۇمىي كاربون مىقدارىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن.

      تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىردىن باشلاپ 2200 - يىلىغىچە يەرشارىدىكى مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراقنىڭ ئېرىشى جەريانىدا قويۇپ بېرىلىدىغان كاربون ھازىرقى ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى كاربوننىڭ بەشتىن بىرىگە تەڭ كېلىدىكەن. بۇ كاربونلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى يەرشارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنى تېزلىتىپ، يەرشارى ئىقلىمىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كاربون ئېلىش ۋە قويۇپ بېرىش جەريانىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئەگەر مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراقتىكى قويۇپ بېرىلگەن كاربون ئېلېمېنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئويلاشساق، ئىنسانلار تېخىمۇ ياخشى كاربون ئېلىش ۋە قويۇپ بېرىش پىلانىنى تۈزگەندىلا، ئاندىن ئۈنۈملۈك ھالدا يەرشارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان