باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئەل ئىچىدە ياسالغان قورال – ياراغلار

بەش توننىلىق ‹‹ئوت چاچار››     

      بۇ كىشىنى چۆچۈتىدىغان ‹‹ئالەمنى تىترىدىغان تانكا›› ئەسلىدە مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق تۆمۈر سەنئىتى ئىجادىيىتى ئۆمىكى ‹‹تۆمۈر رىۋايىتى›› 2011 – يىلىدىكى ئەڭ يېڭى ئىجادىي تەقلىدىي بۇيۇم بولۇپ، بۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4.5 مېتىر، كەڭلىكى 3.2 مېتىر، ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر، ئېغىرلىقى بەش توننا، ياساپ چىقىش جەريانى ئەگرى – توقايلىقلارغا تولغان بولۇپ، ئىلگىرى – كېيىن 10 قېتىم زىتلىگەن. ئۇنىڭ ‹‹ئالەمنى تىتىرىتىشتىكى ھەيۋە››سىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇلار يەنە مەخسۇس تانكىنىڭ قۇيرۇقىغا چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان ئالتە دانە ‹‹ئوت پۈركىگۈچ›› ئورناتقان.

     

چۆكمە پاراخوت

      خەنياڭنىڭ خۇڭگۇاڭ يولىنىڭ تەنلىۋەن دېگەن يېرىدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىكى بىر زاۋۇت بولۇپ، بۇ زاۋۇت جاڭ ۋۇيىنىڭ چۆكمە پاراخوت قۇراشتۇرىدىغان بازىسى ئىدى. بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن جاڭ ۋۇيى ئىلگىرى ۋۇخەندىكى بىر توقۇمىچىلىق ماشىنىسازلىق زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ، ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا پۇقرالار چۆكمە پاراخوتىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەسلىدىكى ئىشلەيدىغان زاۋۇت ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ، چۆكمە پاراخوت تەتقىق قىلىپ ياساشقا كىرىشكەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بىلەن مەبلەغ توپلاپ، بۇ چۆكمە پاراخوتنى ياساپ چىققان. ئۇ تۇنجى چۆكمە كېمىنى ساتقاندىن كېيىن، سۈرۈشتۈرۈش تېلىفونلىرى تەرەپ – تەرەپتىن كېلىشكە باشلىغان. 2012 – يىلى مارتقا قەدەر، جاڭ ۋۇيى مال زاكاز قىلىش توختامدىن ئۈچنى ئىمزالىغان. چۆكمە كېمە زاكاز قىلغان خېرىدارلار چۆكمە پاراخوتنى 200 مىڭ يۈەندىن سېتىۋالىدىغان بولغان. جاڭ ۋۇيى ياسىغان چۆكمە پاراخوت كۆپ خىل ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان .

     

دېھقان ياسىغان UFO 

      ۋۇخەن شەھىرىنىڭ جياڭشيا رايونى ليۇفاڭ كوچىسىدىكى دىېھقان شۇ مەنشېڭ ئۆيى ئالدىدا بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ياساپ چىققان ‹‹ئۇچار تەخسە (UFO)››نى سىناق قىلدى. يەنى ئۇ تولۇق ئىشەنچ بىلەن سائەتتىن ئارتۇق سىناق قىلدى. ئاخىر بۇ قېتىملىق سىناق قىلىشتىن ۋاز كەچتى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ بۇلتۇر ئىككى ئايروپىلاننى سىناق قىلىپ ئۇچۇرغان بولۇپ، سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇش جەريانىدا يارىلىنىپ يارىسى ساقايغاندىن كېيىن، ئىككى ‹‹ئۇچار تەخسە›› ياسىغان.

     

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ياسىغان يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان

      ۋۇخەندىكى بىر لىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى موتوسىكىلىتنىڭ ماتورىنى ئاۋىياتسىيە ماتورىغا ئۆزگەرتىپ ياسىغان ھەمدە بىر ئاليومىن قېتىشمىسى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇتتا بىر يېنىك ئايروپىلاننىڭ ياسىغۇچىسى خۇا لى، 25 ياش، خۇبېي گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتىۇتىنىڭ سانائەت لايىھەلەش فاكۇلتېتىنىڭ 4 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ئۇ 2007 – يىلى فېۋرالدا مەكتەپكە بىر يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان ياسايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنى مەكتەپ پۈتتۈرۈش لايىھە ئەسىرى قىلىدىغانلىقىنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن بۇ ئىلتىماس تەستىقلانغان. ئايروپىلان قۇراشتۇرۇلۇپ سىناق قىلىندىغان ۋاقىتتا، خۇاڭ لى تۇيۇقسىز ئايروپىلاننى ‹‹ئۇچۇرۇشتىن توختىتىش›› ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان. بۇ ئۇقتۇرۇشتا :مەكتەپ تەرەپنىڭ قارىشىچە، بىرىنچىدىن، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىكەن. ئىككىنچىدىن، خەلق تارماقلىرىنىڭ قارىشىچە، سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇش مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولمىغاچقا، تەستىقلانمىغان.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مەۋلان