باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

ئادەم كۈچى ئۇچقۇسىدا ئۇچۇش تارىخى يارىتىلدى

      1485 - يىلى لېئوناردو داۋېنچى ئادەم كۈچى ئارقىلىق قانىتى ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان ئۇچقۇنىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىققاندىن كېيىن، كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ خۇددى قۇشقا ئوخشاش ئاسماندا پەرۋاز قىلىشىنى ئىزچىل سىناپ كەلگەنىدى. يېقىندا ‹‹كەكلىك›› ناملىق ئۇچقۇ كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىدە ئۆزىنىڭ رېكورت ياراتقان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.

      تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مېخانىكا كافېدراسىدىكى دوكتور تود رېيكېرت بۇ قاناتلىق ئۇچقۇنى ھەيدەپ، مەلۇم ئېگىزلىك ۋە تېزلىكتە 19.3 سېكۇنتتا 145 مېتىر ئۇچقان. ئۇ ئۇچقۇنى پېدال ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۇچۇرغان. تود رېيكېرت مۇنداق دەيدۇ: ‹‹كەكلىك›› ناملىق ئۇچقۇ ئىنسانلارنىڭ ئاسماندا پەرۋاز قىلىشتەك قەدىمىي ئارزۇسىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

      ‹‹كەكلىك››نىڭ ئېغىرلىقى 42.46 كىلوگىرام كېلىدىكەن، قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 32 مېتىرغا يېتىدىكەن. گەرچە ئۇنىڭ قانىتى بوئېئېڭ 737 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ قانىتى بىلەن تەڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئېغىرلىقى بوئېئېڭ 737 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقىدىن كۆپ يېنىك ئىكەن. 

      بوشلۇقتىكى ھەرىكەتنى ۋە دۇنيا ئاۋىياتسىيە رېكورتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل خەلقئارا ئاۋىياتسىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېيكېرتنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى دەلىللىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئۇچقۇ ھەقىقىي كارغا كېلىدىغان قاتناش قورالى بولمىسىمۇ، ئۇنى كەشىپ قىلىشتىكى مەقسەت كىشىلەرنىڭ ئۆز كۈچى ۋە كاللىسىدىكى ئىجادىيەتتىن پايدىلىنىپ ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىشتۇر.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان