باش بەت | مەكتەپلەر

جۇخەي شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ

      گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى 2000 - يىلى سېنتەبىردە قۇرۇلغان دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مەكتەپ، جۇخەي شەھىرىگە بىۋاسىتە قاراشلىق نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، جۇخەي شەھىرىدىكى يۇقىرى پەللە، يۇقىرى نىشان، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلغار مەكتەپ. بۇ مەكتەپتە ھازىر 97 سىنىپ، 350 مەخسۇس ئوقۇتقۇچى بار، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا يېتىش نىسبىتى %100.

      مەكتەپنىڭ ‹‹جىنۋەن›› مەكتەپ رايونى (تولۇق ئوتتۇرا)نىڭ كۆلىمى 300 مو بولۇپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت 2004 - يىلى ئاۋغۇستتا 180 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ بىر قېتىمدىلا قۇرغان. ئوقۇتۇش رايونى، تۇرمۇش رايونى، تەنھەرىكەت رايونى سىستېمىلىق ھەم مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەكتەپ مەركىزىدە سۈنئىي كۆل بار، ھەممە يېرى يېشىللىققا پۈركەنگەن، مۇھىتى گۈزەل.

      بۇ مەكتەپ 2005 - يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئاچقان، ھازىر 650 نەچچە ئوقۇغۇچى بار. بۇ مەكتەپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس 40 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ زامانىۋى ‹‹شىنجاڭ بىناسى›› سېلىپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئوقۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى. ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پائال تىرىشىشى نەتىجىسىدە، بۇ مەكتەپنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى خىزمىتى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى مەملىكەتلىك، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە گەۋدىلىك نەتىجە قازىنىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مىللىي تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، جۇخەي شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. شىنجاڭ سىنىپى ‹‹گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار، نەمۇنىلىك كوللېكتىپ››، ‹‹گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ‹4 - ماي› قىزىل بايراقدار ئىتتىپاق ياچېيكىسى››، ‹‹جۇخەي شەھەرلىك ئىلغار ئىتتىپاق ياچېيكىسى››، ‹‹جۇخەي شەھەرلىك ئىلغار ئاساسىي قاتلام ئىتتىپاق تەشكىلاتى›› بولۇپ باھالاندى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان