باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

ئاپا، ئارزۇيىڭىزنى چۈشەندىم

دىلرابا تۇرسۇنجان

      ‹‹تېجەشلىك بولۇڭ قىزىم، پۇلنى بۇزۇپ چاچماڭ››، ‹‹نېمانداق پۇل خەجلەشكە ئامراق سىز؟››، ‹‹سىزگە بەرگەن پۇل يېنىڭىزدا تۇرسا بېقىنىڭىزغا ئۈسۈپ كېتەمدىكەن، خەجلەپ بولمىغۇچە ئارام تاپمايدىكەنسىز›› مانا بۇلار ئاپامنىڭ دائىم ماڭا دەيدىغان گەپلىرى. ئاتا - ئانام باشقا ئاتا - ئانىلارغا ئوخشاش مېنى ھېچنەرسىدىن قىسماي ياخشى يېگۈزۈپ، ياخشى كىيدۈرۈپ چوڭ قىلىۋاتىدۇ. پارچە - پۇرات خىراجىتىمگە پۇل بېرىدۇ. ئەمما بەرگەن ھەر بىر يۈەن پۇلنىڭمۇ ھېسابىنى ئېلىپ ‹‹نېمە ئالدىڭىز؟ نېمىگە ئىشلەتتىڭىز›› دەپ سورايدۇ. بۇنداق چاغدا مېنىڭ بەك ئاچچىقىم كېلىدۇ. دېمىسىمىغۇ مەن يېنىمغا پۇل كىرسىلا تېزلا خەجلىۋىتىمەن. چۈنكى، مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق خىراجىتىم بار - دە. ئوقۇش ماتېرىياللىرى ئالىمەن، باشقا بالىلارغا ئوخشاش مېنىڭمۇ مەكتەپتىن قايتقاندا ئوششاق - چۈششەك يېمەكلىك ئېلىپ يېگۈم كېلىدۇ. شۇڭا بەزىدە مېنىڭ ئاتا - ئانام نېمىشقا پىخسىقلىق قىلىدىغاندۇ؟ مەن بىرلا بالىغۇ، ئۇلارنىڭ مائاشى بار، شارائىتىمىزمۇ ياخشى، ماڭا ئازراق پۇل بەرگەنگە ئۆيدە پۇل ئازلاپ قالامتى؟ نېمىشقا باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئاتا - ئانىسىدەك ماڭا جىق - جىق پۇل بەرمەيدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالاتتىم. بىر كۈنى ئاپام بىلەن بۇ ئىش توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدۇق.

      ـــ قىزىم، سىزنى كىچىكىدىن ئىقتىساتچىل ئادەم بولسۇن، بۇزۇپ - چېچىشقا ئۆگىنىپ قالمىسۇن دەپ، بۇ جەھەتتە چىڭ باشقۇرۇپ كەلدىم. لېكىن سىز مېنىڭ تەربىيەلىرىمگە تازا قايىل ئەمەستەك قىلىسىز. بۇ جەھەتتە سىزنىڭمۇ چوقۇم ئويلىغىنىڭىز، كاللىڭىزدىن ئۆتمىگەن يەرلىرى بار. قېنى بۈگۈن مەن ئاڭلاي، كۆڭلىڭىزدىكى سۆزلىرىڭىزنى ئېيتىپ بېقىڭ، ـــ دېدى ئاپام.

      ـــ ئاپا، سىزنىڭ مېنى ياخشى ئادەم بولسىكەن دەپ، شۇنداق تەربىيە قىلىدىغىنىڭىزنى بىلىمەن. لېكىن... باشقا ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا نېمە دېسە شۇنى ئېلىپ بېرىدىكەن. پۇل دېسە نەچچە ئون يۈەن، ھەتتا 100 يۈەن بېرىدىكەن. سىز ئۇنداق قىلمايسىز، مېنىڭ باشقا ساۋاقداشلىرىمدىن نەرىم كەم، ھېچ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ، ـــ دېدىم مەن كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتىپ.

      ـــ بالام، مەن سىزگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي. ئاۋال ئاڭلاڭ، ئاندىن ھېس قىلغانلىرىڭىزنى ماڭا دەڭ بولامدۇ؟ ـــ دېدى ئاپام.

      مەن ‹‹ھەئە›› دېگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم.

      ـــ شۇنداق بىر قىز بولغان ئىكەن، ـــ دەپ ھېكايىسىنى باشلىدى ئاپام، ـــ ئۇ كىچىكىدىن ناھايىتى ئاددىي - ساددا، تېجەشلىك، جاپا - مۇشەققەتكە چىدايدىغان، راھەت - پاراغەتكە بېرىلمەيدىغان قىز بولۇپ چوڭ بولغان ئىكەن. ئۇ باشقىلار بىلەن كىيىم كىيىش، يەپ - ئىچىشتە ئەمەس، ئۆگىنىشتە، ئەمگەكتە بەسلىشىدىكەن. ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان يىلى كېسەلچان دادىسى ئالەمدىن ئۆتۈپتۈ. قىز قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئۆزى ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىپتۇ. ئوقۇشقا بارغاندىن كېيىن، ھەر ئايدا ياشىنىپ قالغان ئانىسى ئۇنىڭغا تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن 50 يۈەنلا ئەۋەتەلەيدىكەن. بۇنىڭغا مەكتەپتىن بېرىدىغان 29 يۈەن تاماق پۇلىنى قوشۇپ بىر ئاينى چىقىرىدىكەن. باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن ئاز دېگەندە 100 يۈەن، 200 يۈەن، 300 يۈەن پۇل كېلىدىكەن. ھەتتا بەزىلىرىگە ئايدا 500 يۈەن ئەۋەتىدىكەن. ئۇ ئەزەلدىن ئۇلار بىلەن ئۆزىنى بۇ جەھەتتە سېلىشتۇرمايدىكەن. سېلىشتۇرسىمۇ ئۆگىنىشتە سېلىشتۇرىدىكەن. ئۇ كىچىكىدىن شۇنداق تېجەشلىك، پىلانلىق چوڭ بولغاچقا ھەم بۇنىڭغا ئادەتلەنگەچكە گەرچە ئانىسى يېنىدا بولمىسىمۇ، ئۇنى باشقۇرۇپ تۇرمىسىمۇ ئۆزى باشقۇرۇپ ئاددىي - ساددا ياشاپ ياخشى ئوقۇپتۇ. ئۇ يەنە كېلىپ شۇنداق غورۇرلۇق قىزكەن. ئەزەلدىن باشقىلاردىن پۇل سورىمايدىكەن. ساۋاقداشلىرى بىر نەرسە سېتىۋېلىپ ‹‹سەنمۇ ئال›› دېسە، مەندە ‹‹پۇل يوق›› دېمەي، ‹‹مەن ئۇنى ياقتۇرمايمەن›› دەيدىكەن. سىنىپىدىكى بەزى ساۋاقداشلىرى كىچىكىدىن چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ بۇزۇپ - چېچىپ چوڭ بولغاچقا، بۇ چوڭ شەھەردە ئويۇن - تاماشىغا بېرىلىپ ياخشى ئوقۇيالماي ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومىنىمۇ ئالالماپتۇ. ھەتتا بەزى قىزلار پۇلغا بەك بېرىلىپ كەتكەچكە يولدىن چىقىپ مەكتەپتىن ھەيدىلىپتۇ. ئۇ قىز بولسا پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى قەدىرلەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدا سىنىپ بويىچە 3 - بولۇپ، شەرەپ بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپتۇ ۋە ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئىگە بوپتۇ. قانداق قىزىم، بۇ قىز بولامدىكەن؟ ـــ دېدى ئاپام.

      ـــ ئاپا، مەن بىلىۋالدىم. ئۇ سىزكەنسىز. چۈنكى چوڭ ئانام سىز ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان يىلى چوڭ دادامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، سىزنىڭ شۇنداق تىرىشچان، قەيسەر قىز ئىكەنلىكىڭىزنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن، ـــ دېدىم مەن ھاياجانلىنىپ.

      ـــ مەن سىزنى مەندىنمۇ قەيسەر، مەندىنمۇ ياراملىق قىز بولسىكەن، دەيمەن بالام، ـــ دېدى ئاپام.

      ـــ ئاپا، مەن چۈشەندىم. سىز مېنى كىچىكىمدىن ياخشى بىر ئېتىقاد، ياخشى بىر ئادەت يېتىلدۈرسىكەن. بىزدىن كېيىن قالغاندىمۇ شۇ ئېتىقادنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇپ، ئاددىي - ساددا، ئەخلاقلىق ياخشى قىز بولسىكەن دەپ، ماڭا تۇرمۇشتا تېجەشلىك بولۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىپ كەپسىز. بۇنى مەن ئەمدى ياخشى بىلىۋالدىم، ــــ دېدىم مەن. ئاپام سۆزلىرىمدىن مەمنۇن بولۇپ كۈلۈمسىرىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، مەندىمۇ كۆپ ئۆزگىرىش بولدى. قالايمىقان پۇل خەجلىمەيدىغان، كىيىم - كىيىشتە، پۇل خەجلەشتە باشقا ساۋاقداشلىرىم بىلەن بەسلەشمەيدىغان بولدۇم. مەن يەنە شۇنىمۇ ئويلاپ قالدىم. بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار بالىلارغا كۆيۈنۈش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىدىن پەرزەنتلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىپ قويىدىكەن. ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويغاچقا، بالىلاردا ‹‹پۇل ھەممىگە قادىر›› دەيدىغان ئىدىيە شەكىللىنىپ قالىدىكەن. ئۇلار ياخشى ئوقۇمىساقمۇ ئاتا - ئانىمىز پۇل خەجلەپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتالايدۇ. كېيىن يەنە پۇل خەجلەپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ دەپ ئويلاپ، پەقەت تىرىشىپ ئوقۇمايدىكەن، ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنى يەنە ئۆزى بولىدىكەن.

      شۇڭا ئاشۇنداق ئاتا - ئانىلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلغۇم كېلىدۇ: سۆيۈملۈك ئاتا - ئانىلار بىز سەبىي بالىلارنى قانداق يېتەكلىسەڭلار بىز شۇنداق چوڭ بولىمىز، بىز سىلەرگە مۇھتاج. مۇھەببىتىڭلارغا تېخىمۇ مۇھتاج. ئەمما بىزنىڭ پارلاق ئىستىقبالىمىزغا زىيان يەتكۈزىدىغان زىيادە كۆيۈمچانلىقىڭلار ھەرگىزمۇ مۇھتاج ئەمەس.

(ئاپتور: كورلا شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ 6 - يىللىق 4 - سىنىپتا)

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: مەۋلان