باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

جۇاڭزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى

     

      ئەپكەش سوقۇش ئويۇنى

      بۇ ئويۇن تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، جۇاڭزۇلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان. بۇ ئويۇننى ئويناش ئۈچۈن ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر، كەڭلىكى 20 - 30  سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر ئۇزۇن ئورۇندۇق ۋە ئەپكەش تەييارلىنىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار قولىدا ئەپكەش تۇتۇپ ئەپكەشنى ئۇزۇن ئورۇندۇققا ياكى ئەپكەشنى ئەپكەشكە سوقۇپ ئوينايدۇ.

       كۆك تارغاق ئۇسسۇلى

      جۇاڭزۇلار ياخشى كۆرىدىغان ئەل ئىچى تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 200 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بۇ خىل تەنھەرىكەت پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلار ئەركىن پەرۋاز قىلىش، يەم ئىزدەش، بېلىقنى قوغلاپ يۈرۈپ تۇتۇش، سۇغا چۆمۈلۈش، دەرەخ شېخىغا چىقىپ دەم ئېلىش قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان نەپىس ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ ئۇسسۇل ئويناپ، تاماشىبىنلارنى ئۆزلىرىگە جەلپ قىلىدۇ.

       ئېگىزلىكتە ‹‹شىر›› ئوينىتىش

      جۇاڭزۇلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى. بۇ ئويۇندا بەش - ئالتە چاسا ئۈستەل قەۋەتمۇ-قەۋەت دەستىلەپ قويۇلىدۇ. ئەڭ ئۈستۈنكىسى بولسا، ياتقۇزۇپ قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ‹‹شىر›› يېتەكلىگۈچى ‹‹شىر››نى ئۈستىگە يېتەكلەپ چىققاندىن كېيىن، قايتىپ چۈشىدۇ. «شىر» ئېگىزلىكتە قىزىقارلىق ئويۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.

      ‹‹شىر›› ئوينىتىش ئويۇنى

      جۇاڭزۇلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ھېيت - بايرام كۈنلىرى ئېلىپ بارىدىغان ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. جۇاڭزۇلارنىڭ ‹‹شىر›› ئوينىتىش ئۇسسۇلى ئۆزگىچە بولۇپ، بىر قاتار ئويۇنلىرى بار.

       ‹‹شىر››نىڭ ‹‹ئالتۇن تاغ››قا چىقىشى

      جۇاڭزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنى. بۇ ئويۇندا 35 دانە ئۇزۇن ئورۇندۇق ئۈستى - ئۈستىگە قويۇلۇپ 17 قەۋەت تىزىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 8.5 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ‹‹شىر›› يېتەكلىگۈچى ئىككى ‹‹شىر››نى ‹‹ئالتۇن تاغ››قا باشلاپ چىقىپ ئۆزى چۈشۈپ كېتىدۇ. ‹‹شىر››لار ھەر خىل ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئويۇن كۆرسىتىدۇ.

       پاختەك ئۇسسۇلى

      جۇاڭزۇلار ئىچىدە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئاساسلىقى مېھمانلارنى كۈتۈۋالغاندا ئېلىپ بارىدىغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە ئوينىلىدۇ.

       چىراقتىن سەكرەش ئويۇنى 

      نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ ئويۇن كېچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن 72 دانە چىنىگە پىلىك چىراق يېقىلىپ، توققۇز قاتار قىلىپ تىزىلىدۇ. ھەربىر قاتارغا سەككىز دانە چىراق قويۇلىدۇ. ھەربىرىنىڭ ئارىلىقى 80 سانتىمېتىر بولىدۇ. قاتناشقۇچىلار يۈزىگە نىقاب تارتىپ، ھەر خىل سازلارنى چېلىپ چىراقلارنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ، ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى ئىشلەيدۇ.

       ئۈستەل ئۈستى ماھارىتى

      جۇاڭزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنى بولۇپ، نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ ئويۇن ھەر يىلى بايرام كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئويۇن كۆرسەتكەندە، مەيدان مەركىزىگە سەككىز كىشىلىك چاسا ئۈستەل قويۇلىدۇ. ئويۇن كۆرسەتكۈچى داقا - دۇمباق، مۇزىكا، پوچاڭزىلارنىڭ ساداسى ئىچىدە ئۈستەل ئۈستىدە مايمۇن، توخۇ، ئۆردەك، پاقا، قىسقۇچپاقا، قاغا، كارپ بېلىقى قاتارلىق جانلىقلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى دوراپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. ھەرىكىتى چاققان، جانلىقلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئوخشىتىپ دورىيالىغانلار ماھىر ھېسابلىنىپ، ھەر قايسى يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ ئويۇن كۆرسىتىشكە تەشكىللىنىدۇ.

      گۈللۈك پومزەك ئېتىش

      جۇاڭزۇ يىگىت - قىزلىرىنىڭ بىر خىل مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ۋاستىسى بولۇپ، كېيىنكى چاغلاردا بۇ ئويۇن ياشلارنىڭ ئالاقە قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىسى ۋە ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت پائالىيىتى بولۇپ قالغان.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر