باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

ساياھەتچى

       كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خەۋەر 1892 – يىلى ياۋروپانى زىل - زىلىگە ساپتۇ. ياپونىيەنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارى فۇداۋ بىر توپ نېمىس ھەربىي ئەمەلدارلىرى بىلەن قول باغلىشىپتۇ: فۇداۋ ئۆزىنىڭ ئېتىغا مىنىپ، بېرلىندىن خەيشېنۋېيغا (ۋلادىۋوستوكقا) بارماقچى بوپتۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ گېزىتلىرى بۇ ھەقتە مۇنداق خەۋەر قىپتۇ.

      — فۇداۋ جاناب، بۇ مۇمكىن ئەمەس، – بىر نېمىس جۇڭشياۋ ھاراق رۇمكىسىنى تۇتقان ھالدا فۇداۋغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ، — بېرلىندىن ۋلادىۋوستوكقىچە (خەيشېنۋېينى دېمەكچى) بولغان ئارىلىق بەك ئۇزاق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرمۇنچە خەتەرلىك تاغ – دەريالار بار. سىزنىڭ بۇ دادىن قاچقان ئورۇق ئېتىڭىز بىلەن ئەمەس، دۇلدۇلغا مىنىپ ماڭسىڭىزمۇ يېتىپ بارالمايسىز، بۇ ئىشقا چاقچاق قىلماڭ...، — دەپتۇ.

       ئۇنىڭ سەبداشلىرىمۇ ۋارقىرىشىپ ئۇنىڭغا ماسلىشىپتۇ.

      — فۇداۋ پوچىلىق قىلىۋاتىدۇ، راستتىن مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇ بىر ئەپسانە بولۇپ قالمامدۇ؟

       — مۇمكىن ئەمەس، ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.

      — بۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز، ئۇنىڭ بۇ گېپىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، بۇ پەقەت مەستلىكتە دېگەن گەپ.

      — ئەپەندىلەر، مېنىڭچە قۇرۇق گەپ بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. قېنى كېلىڭلار، گۇۋاھچى چاقىرايلى، چىقىرىدىغان پۇلۇڭلارنى چىقىرىڭلار، كىمنىڭ ئۇتۇپ، كىمنىڭ ئوتتۇرىدىغانلىقىنى بىرنەچچە ئايدىن كېيىن كۆرەيلى.

      ھاراق فۇداۋنىڭ چىرايىنى قىزارتىۋەتكەنىكەن، ئۇنىڭ رومكا تۇتقان قولىمۇ بىرئاز تىترەشكە باشلاپتۇ.

      — بولىدۇ، مەن ئون مىڭنى تىكتىم.

      — مەن ئون ئىككى مىڭنى...

      نېمىس ھەربىي ئەمەلدارلىرى كەينى – كەينىدىن كۆپ پۇل تىكىپتۇ. ئۇلار، فۇداۋ دېگەن بۇ ھاراقكەش چوقۇم ئوتتۇرىدۇ، دېگەن خىيالدا بوپتۇ.

      كىشىنى ھەيراق قالدۇرىدىغان بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان كىشى پۈتۈن دىققىتى بىلەن بۇ ئىشقا قىزىقىپ، قانداق ئاخىرلىدىشىدىغانلىقىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپتۇ. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمىتى فۇداۋنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئوڭايلىق يارىتىپ، ئۇنى قوللاپتۇ.

      شۇنداق قىلىپ، فۇداۋ كىشىلەرنىڭ ھۆرمەت ۋە ياخشى تىلەكلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئورۇق ئېتىغا مىنىپ بۇ ساياھىتىنى باشلاپتۇ.

       فۇداۋ يول بويى گويا رىۋايەتلەردىكى قەھرىمانلارغا ئايلىنىپتۇ، بارغانلا يېرىدە كىشىلەرنىڭ بەك قىزغىن قارشى ئېلىشى ۋە كۈتۈۋېلىشقا ئېرىشىپتۇ. ئەر – ئايال، قېرى – ياشلارنىڭ ھەممىسى بۇ ساياھەتچىنى كۆرۈپ  بوپتۇ.

      رۇسىيە تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي ساھەسىدىكىلەر يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تېخىمۇ قىزغىن بوپتۇ. چۈنكى، بۇ ياپونلۇق ساياھەتچىنىڭ ساياھەت مۇساپىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى رۇسىيە تەۋەسىدە بولۇپ، بۇ ساياھەتچىنىڭ ئېتىغا مىنىپ بېرلىندىن خەيشېنۋېيغىچە بولغان دۇنيا بويىچە مۆجىزە خاراكتېرىنى ئالغان بۇ سەپىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىش – ئايلىنالماسلىقى مۇشۇ يەردە بىر تەرەپ بولىدىكەن. قىزىقىش ۋە شۆھرەت تۇيغۇسى سانسىزلىغان رۇسىيە ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ ئىشقا تارتىپتۇ، ئۇلار فۇداۋنىڭ ماڭىدىغان يولىدا ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار خىلمۇخىل قارشى ئېلىش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن قېتىم چوڭ – كىچىك زىياپەتلەرنى ئويۇشتۇرۇپ، ئۇنى قارشى ئاپتۇ. ئۇلار بۇ باتۇرغا ھەمراھ بولۇپ ئۆزلىرى ئىپتىخارلىنىدىغان مۇشۇ زېمىننى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بەختلىك ھېسابلاپتۇ، ئۇلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن بۇ ساياھەتچىگە ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپتۇ. فۇداۋ رۇسچە بىلىدىكەن، ئۇ ھەر ساھەدىكىلەر بىلەن ئىككى تەرەپ رازى بولغۇچە سۆھبەتلىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ فۇداۋ 15 ئاي ۋاقىت ئىچىدە، ئۆزىنىڭ ئېتىغا مىنىپ، رۇسىيە، سىبىرىيەدىن ئۆتۈپ، توپتوغرا خەيشېنۋېيغا يېتىپ كەپتۇ.

بۇ قېتىملىق قول باغلىشىشتا فۇداۋ ئۇتۇپتۇ.

      توكيودىكى ھەر ساھە كىشىلىرى فۇداۋنىڭ بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتنى قىزغىن تەبرىكلەۋاتقاندا، بىرمۇنچە مۇھىم ھەربىي ئاخبارات بۇ ساياھەتچىنىڭ قولىدىن باش شىتاپتىكى ياپونىيە ھەربىي ئاخبارات ئىشلىرى كاتتىبېشىنىڭ قولىغا ئۆتۈپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا بۇ ساياھەتچىنى قارشى ئېلىۋاتقاندا، ساياھەت پەردىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىشپىيونلۇق ھەرىكىتىنى نەدىنمۇ بىلسۇن. بۇ مەزگىل دۇنيانى تەۋرەتكەن بۇ ‹‹ساياھەت››نىڭ كىشىلەردە قالدۇرغان ساۋىقى نېمىدېگەن چوڭقۇر – ھە!

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل - پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەردىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي