باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

جۇڭگونىڭ ئالەم بوشلۇقى ئاتىسى

      1. چيەن شۆسېن جۇڭگونىڭ ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنىڭ يول باشچىسى ۋە ئاساسلىق ئۇل سالغۇچىسىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئاتاقلىق ئىستىراتېگىيە ئالىمى. ئۇ 1911 – يىلى 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى شاڭخەيدە تۇغۇلغان.

      2. 1934 – يىلى چيەن شۆسېن ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شىتاتلىق تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتوتىنىڭ ئايروپىلان ياساش كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. ئۇ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە كۈچلۈك مىللىي غۇرۇرى بىلەن جاپالىق ئۆگەندى.

      3. 1936 – يىلى چيەن شۆسېن ئاتاقلىق مېخانىكا ئۇستىسى فېڭ. كامەننى ئۇستاز تۇتتى. ئۇ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىرلىكتە تەسىس قىلغان ‹‹كامەن — چيەن شۆسېن يېقىنلىق›› فورمۇلاسى ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشتا ھازىرغىچە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. چيەن شۆسېن ئوتتۇرىغا قويغان راكېتا ۋە ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدىكى مۇھىم ئۇقۇم، تەسەۋۋۇر ئۇنىڭ مېخانىكا ۋە رېئاكتىپ ئىلگىرىلىتىش ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئىگە.

      4. 1950 – يىلى چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىدى. چيەن شۆسېن فېڭ . كامەننىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى ھەم ئامېرىكىدا ئەڭ بۇرۇن راكېتانى تەتقىق قىلغان تەشكىلاتتىكى بەش ئەزانىڭ بىرى بولۇپ نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بىلگەچكە بىرقانچە يىل نازارەت ۋە نەزەربەنت قىلىندى.

      5. 1955 – يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى چيەن شۆسېن بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەخپىي رازۋېتچىكلىرىنىڭ نازارىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ تاماكا قەغىزىگە ۋەتەننىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىنى ئۆتۈنۈپ خەت يېزىپ، ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. بىرقانچە ئايدىن كېيىن چيەن شۆسېن قاتمۇقات قارشىلىقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى.

      6. دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن 1956 – يىلى 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد تەتقىق قىلىش ئورگىنى — دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 5 – تەتقىقات ئاكادېمىيەسى قۇرۇلدى، چيەن شۆسېن ئاكادېمىيە باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە دۆلىتىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلغان يېقىن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد 1960 – يىلى 10 – ئايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالدى.

      7. 1964 – يىلى دۆلىتىمىز ياسىغان ئاتوم بومبىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىپ پارتلىتىلدى. 1967 – يىلى چيەن شۆسېن تۇنجى ۋودورود بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلاتتى. چيەن شۆسېن مەملىكىتىمىزگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، ئاتوم بومبىسى قويۇپ بېرىش مۇساپىسى ئاز بولغاندىمۇ 20 يىل ئالدىغا سۈرۈلدى.

      8. 1965 – يىلى چيەن شۆسېن دۆلەتكە دوكلات ۋە پىلان يوللاپ سۈنئىي ھەمراھنى تەتقىق قىلىش پىلانىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1970 – يىلى دۆلىتىمىز ‹‹شەرق قىزاردى 1›› سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقاردى.

      چيەن شۆسېن دۇنياغا كەلگەنلىكىگە يۈز يىل بولغان پەيتتە بىز ئۆزىنىڭ تەقدىرى بىلەن ۋەتەننىڭ تەقدىرىنى مۇستەھكەم باغلىغان بۇ ئالىمنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەيمىز.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر