باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

پائالىيەت ئارقىلىق ھېسسىيات يېتىلدۈرۈش

خۇڭ بىڭفاڭ

      ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىدىيەۋى ئاڭ يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپلا قالماي يەنە ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، ئەمەلىي ئېھتىياجى ۋە قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنى ئويلاشقان ھالدا ئىلمىي ئۇسۇلغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئالاھىدە پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇپ، تەربىيەنى كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان، ئۆسمۈر – بالىلار ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇقۇمنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، تىلنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشنى ئەكس ئەتتۈرگەندە پىيونېرلار مول مەزمۇنلۇق، ھەر خىل تېمىلىق تەربىيە پائالىيەتلىرىدە تاۋلىنىپ، تونۇش، ھەرىكەت جەھەتتىن ۋەتەننى، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش ھەقىقىي ئىشقا ئېشىپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ.

      1 . ‹‹كىچىك ئەترەت يىغىنى›› ئارقىلىق ‹‹ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش››ئىددىيەسىنى تاۋلاش

      تونۇش ھەقىقەتكە، ھېسسىيات ئۇرغۇتۇشقا ئېھتىياجلىق. تېمىلىق ئەترەت يىغىنى ئەڭ ئاساسىي پائالىيەت شەكلى، شۇنداقلا پىيونېرلارغا ئىدىيەۋىي ئەخلاق تەربىيەسى ئېلىپ بارىدىغان ئۈنۈملۈك يول. ئەترەت تەشكىلاتى مۇھىم بايرام، تارىخىي خاتىرە كۈن قاتارلىق پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەربىر مەزگىلىدىكى پائالىيەتنىڭ تېمىسىنى چورىدەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان، دەۋرچانلىققا ئىگە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ. مەسىلەن، ھەر يىلى 2 – ، 3 – ئايدا ‹‹جۇڭخۇا روھىنى تەشۋىق قىلىپ، ›تۆتتە ياخشى‹ئۆسمۈر بولۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ قەدىمكى ۋە ھازىرقى شەخسلەرنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشى؛ 4 –، 5 – ئايدا ‹‹مەن پارتىيە تارىخىغا ئائىت بىلىملەرنى بىلىمەن›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ پارتىيەنى سۆيىدىغان ناخشىلارنى ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەرنى چۈشىنىپ، ئىنقىلابىي روھنى ھېس قىلىشى؛ 6 –، 7 – ئايدا ‹‹قىزىل 7 – ئاي كىلاسسىكلىرىنى ھېس قىلىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ قىزىل مەدەنىيەتنى تەرغىپ قىلىپ، مەدەنىي شەھەرنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشى؛ 9 –، 10 – ئايدا ‹‹ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، غايىسىنى ئەركىن – ئازادە سۆزلەش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، غايىسىنى ئەركىن – ئازادە سۆزلىشى؛ 11 –، 12 – ئايدا ‹‹تارىخنى قايتا ھېس قىلىپ، روھقا ۋارىسلىق قىلىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنى خاتىرىلەپ، مەدەنىي، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ياخشى مۇھىتنى يارىتىشى كېرەك.

      مەزمۇنى مول، شەكلى ھەر خىل ئەترەت پائالىيەتلىرى ئەخلاق تونۇشىنىڭ شوتىسى، پىيونېرلارنىڭ ئەخلاق ھېسسىياتىنى تاۋلايدىغان ئوچاق، پىيونېرلارنىڭ ئەخلاق ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىدىغان كۈچ.

      2 . ‹‹كىچىك ئەمەلىيەت›› ئارقىلىق ‹‹چوڭ ھەقىقەت››نى ھېس قىلىش

      ئىنچىكە، تەپسىلى لايىھەلەنگەن، تەشكىللەنگەن، مەزمۇنى مول، شەكلى ھەر خىل ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ پىيونېرلارنى كىچىك مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ۋەتەننىڭ تەرەققىياتىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلىگەندە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قاتارلىق ھەقىقەت بالىلارنىڭ ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتنىشىش جەريانىدا قەلبىگە ئورنايدۇ. مەسىلەن، ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار باھارنى زىيارەت قىلىدۇ››، ‹‹جۇڭخۇا ئەۋلادلىرى جۇڭگونى كۆرىدۇ›› قاتارلىق كىچىك مۇخبىرلار زىيارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پىيونېرلارنى ھەرقايسى كەسىپ، ساھەلەرگە بېرىپ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى تەدبىرنى چۈشىنىشكە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىشقا، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرۇمۇشقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا تەشكىللەش كېرەك. پىيونېرلارنىڭ كەلگۈسى غايىلىرىنى پىلانلاشقا، ھەرىكەت پىلانىنى بەلگىلەشكە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىختىساسلىق ئادەم بولۇشقا ئىرادە تىكلىشىنى ئۇرغۇتۇپ، ۋەتەنگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

      3 . ‹‹كىچىك سەھنە››دىن ‹‹شەرەپلىك تارىخ››نى ھېس قىلىش

      ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى چىقىش قىلىپ، ھەر خىل تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش ئۇسۇلىنىڭ ھەرقايسى ياشتىكى بالىلارغا تەسىر قىلىشىنى تەتقىق قىلىپ تېلېۋىزىيە ئۆسمۈرلەر قانىلى، قىزىل گالىستۇكلۇقلار رادىيو ئۇزېلى، تور، يانفون قىسقا ئۇچۇرى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئېلانى قاتارلىق ئاممىۋى تاراتقۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇلارغا بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىش كېرەك. مەسىلەن، چوڭ ئەترەت بىلوگىنى قۇرۇش ئەترەتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى كۈچەيتىپلا قالماي پىيونېرلارنى توردىن توغرا پايدىلىنىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خاراكتېرى ۋە قابىلىيىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە QQ توپى ئارقىلىق يۈرەك سادالىرىنى سۆزلىشىپ، ئۆزئارا نازارەت قىلىپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىپ ھەم دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈردى ھەم تور بايلىقىدىن توغرا پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋالدى.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر