باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

ئىلگىرىلەش

       بىر نەچچە ئىستۇدېنت تاغقا يامىشىشى جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن بىر تاغقا يامىشىش مۇتەخەسسىسىنى زىيارەت قىلدىم ۋە ئۇنىڭدىن مۇنداق سوئال سورىدىم:

      – ئەگەر بىز تاغقا يامىشىپ، تاغنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە جۇدۇنغا ئۇچراپ قالساق، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

      – تاغنىڭ چوققىسىغا قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك، – دەپ جاۋاب بەردى مۇتەخەسسىس.

      – نېمىشقا تۆۋەنگە قاراپ يۈگۈرمەيمىز؟ تاغنىڭ چوققىسىدا جۇدۇن تېخىمۇ كۈچلۈك ئەمەسمۇ؟

      – تاغنىڭ چوققىسىغا قاراپ ماڭغاندا، گەرچە جۇدۇن قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، بىراق ھاياتىمىزغا ئۇنچىلىك زور تەھدىت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ؛ تاغدىن تۆۋەنگە قاراپ يۈگۈرگەندە، قارىماققا، بىخەتەردەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بىز بۇ جەرياندا تۇيۇقسىز كەلگەن قىيانغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا جۇدۇندىن قاچماقچى بولىدىكەنمىز، جۇدۇنغا قارشى ئىلگىرىلىسەكلا، مېنىڭچە، قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشىمىزدىن ئۈمىد زور! دېدى مۇتەخەسسىس.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مەۋلان