باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

سەبىيلەرنىڭ پەرۋانىسى

ئايشەمگۈل جاپپار (مۇخبىرىمىز)

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئادىلە مەمەت مۇئەللىم 2001 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو – تېلېۋىزىيە مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 – باشلانغۇچ مەكتەپكە تەقسىم قىلىنىپ خەنزۇ تىلى دەرس بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇ تۇنجى سائەتلىك دەرستىن كېيىن ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ پېشقەدەم خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇستاز تۇتتى. ئۈلگىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىدىن ئۆرنەك ئالدى. كىتاب، توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. خەنزۇچە ھېكايە، چۆچەكلەرنى يادلاپ ئوقۇغۇچىلارغا ئېيتىپ بەردى، خەنزۇچە ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار بۇ ياش مۇئەللىمنى ناھايىتى تېزلا ياقتۇرۇپ قالدى.

سۈرەتتە: ئادىلە مۇئەللىم ئوقوغۇچىلار بىلەن بىللە.

      رەھبەرلىك ئادىلە مۇئەللىمنىڭ ئەستايىدىللىقى، تىرىشچانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭغا 1 – يىللىقنىڭ سىنىپ مەسئۇلىلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. ئادىلە مۇئەللىم يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە كۆندۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە كىرىشتى. بالىلارنى چۈشىنىشتە ئۇلارغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ ئۇلار بىلەن دوستلۇق ئورناتتى. ئائىلە سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش، ئۆزئارا پىكىرلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىزىقىشى، ئالاھىدىلىكى، يېتەرسىزلىكلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئارخىپىنى تۈزۈپ چىقتى. ھەرقانداق ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىدى، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىشىگە قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بەردى. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىلمىنۇر، مېھرىگۈل قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب – ماتېرىيال پۇللىرىنى تۆلەپ بەردى. ئادىلە مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا كوللېكتىپنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن ‹‹ئولېمپىكنى كۈتۈۋېلىپ، ئىناق جەمئىيەت قۇرايلى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايلى››، ‹‹يۈرەك سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ بېقىڭ›› قاتارلىق تېمىلاردا ئايدا بىر قېتىم ‹‹قوش تىل››دا ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

        ئادىلە مۇئەللىم خىزمەتكە قاتناشقان 12 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى مەكتەپ، تىيانشان رايونى، شەھەر بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، ‹‹ئىلغار سىنىپ مەسئۇلى››، ‹‹ئىلغار تەربىيەچى››، ‹‹كەسپىي ئەخلاق نەمۇنىچىسى›› بولۇپ باھالاندى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرس پىلانى تۈزۈش، نەق مەيداندا ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشتى. ئۇ مەسئۇل بولغان سىنىپ ‹‹ئىلغار سىنىپ كوللېكتىپى›› بولۇپ تەقدىرلەندى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر