باش بەت | پىسخىكا

ئاكتىپ كەيپىيات

      بىر ئادەم بويتاق چېغىدا ناھايىتى تار ھەم كىچىك بىر ئېغىز ئۆيدە بىرقانچە ئاغىنىسى بىلەن بىللە تۇرىدىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ دائىم ناھايىتى خۇشال يۈرىدىكەن. بەزىلەر ئۇنىڭدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغانىكەن، ئۇ: ‹‹دوستلىرىم بىلەن بىللە تۇرسام ئۇلار بىلەن ھەرۋاقىت پىكىر ئالماشتۇرالايمەن، دوستلۇقىمنى چوڭقۇرلاشتۇرالايمەن، ئەجەبا بۇ خۇشال بولغۇدەك ئىش ئەمەسمۇ؟›› دەپتۇ.

      بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشلۇق بولۇپ ئۆيدىن كۆچۈپ كېتىپتۇ. بۇ ئۆيدە ئۆزى يالغۇز قالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھەربىر كۈنى يەنىلا ناھايىتى خۇشال ئۆتۈپتۇ. بىرەيلەن بۇ ئادەمدىن: ‹‹بۇ ئۆيدە يالغۇز تۇرۇپ، سەن نېمىشقا يەنە شۇنچە خۇشال؟›› دەپ سوراپتۇ. ئۇ ‹‹مېنىڭ نۇرغۇن كىتابلىرىم بار، مەن ئۈچۈن ھەربىر كىتاب بىر مۇئەللىم، بۇنداق ياخشى شارائىتتا مەن نېمىشقا خۇشال بولماي؟›› دەپتۇ.

      نەچچە يىلدىن كېيىن بۇ ئادەم ئۆي – ئوچاقلىق بولۇپ، يېڭى بىنانىڭ 1 – قەۋىتىگە كۆچۈپ كىرىپتۇ. شۇ چاغدىمۇ ئۇ يەنىلا شۇنداق خۇشال يۈرۈپتۇ بەزىلەر ئۇنىڭدىن ‹‹سەن 1 – قەۋەتتە ئولتۇرغىنىڭدىن شۇنچە خۇشالمۇ؟›› دەپ سوراپتۇ. ئۇ ‹‹شۇنداق! 1 – قەۋەت نېمىدېگەن ياخشى، ئۆيگە ئاسانلا كىرگىلى بولىدۇ، نەرسە – كېرەكلەرنى يۆتكىمەكمۇ ئاسان، دوستلار كەلسىمۇ قولايلىق. ھەممىدىن ياخشى بولغىنى، ئىشىك ئالدىدىكى بىكار يەرلەرگە گۈل، كۆكتات تېرىغىلى بولىدۇ، ئەجەبا بۇلار خۇشاللىق ئەمەسمۇ؟›› دەپتۇ.

      يەنە بىر يىل ئۆتۈپ، ئۇ 1 – قەۋەتنى پالەچ بىر كىشىگە بېرىپ، ئۆزى بۇ بىنانىڭ ئەڭ يۇقىرى قەۋىتىگە كۆچۈپ چىقىپتۇ. بۇ ۋاقىتتىمۇ ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئىلگىرىكىدەكلا خۇشال ئۆتۈپتۇ. بىر دوستى ئۇنىڭغا: ‹‹ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىۋالغاننىڭ نېمە پايدىسى، بۇنىڭ خۇشال بولغۇدەك نەرى بار؟›› دەپتۇ. ئۇ: ‹‹ياخشى تەرىپى كۆپ، يەنى ھەر كۈنى قەۋەتتىن چۈشۈپ چىقىشنىڭ ساغلاملىققا پايدىسى بار، ئۆي يورۇق، يەنە مەيلى كۈندۈز ياكى كېچە بولسۇن ناھايىتى جىمجىت›› دەپتۇ.

     دېمەك، ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى بەلگىلەيدىغىنى روھىي ھالەت.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر