باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

تۇخۇمنىڭ پايدىسى كۆپ

      تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر كۆپ خىل ئالكامىنلار بار، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىلنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇمنى يۇقىرى قان بېسىمى، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەنىدى. ئەمەلىيەتتە، تۇخۇم يۈرەك قان تومۇرىنى ئاسرايدۇ.

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ئوزۇقشۇناسلار تۇخۇم ئارقىلىق ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكىلىق ئوزۇقشۇناسلار يۈرەك قان تومۇرى كېسىلى بارلارغا تۇخۇمدىن ئېلىنغان لېتستىننى يېگۈزگەن، نەتىجىدە ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئاغرىقنىڭ قان زەردابىدىكى خولېستېرىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى تېببىي ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. كۆپ قىسىم دۆلەتلەر ئارقا - ئارقىدىن بۇ ئۇسۇلنى كىلىنىكىدا قوللىنىپ، بىردەك ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

      ئامېرىكا كانزاس ئىشىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار ئادەم بەدىنى بىيولوگىيەسىگە تەقلىد قىلىنغان بىر تەجرىبىدىن لېتستىننىڭ خولېستېرىننىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى روشەن ئازايتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئامېرىكىنىڭ بوستۇن شەھىرىدىكى ئىچكى كېسەللەر دوختۇرى بېرمان بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن 400 نەچچە ساقچىغا بىر تۈرلۈك ئورۇقلىنىش رېتسېپى تۈزۈپ بەرگەن. بۇنىڭدا ھەر كۈنى چوقۇم تۇخۇم يېيىش بۇيرۇلغان. سەككىز يىلدىن كېيىن، بۇ 400دىن ئارتۇق ساقچىنىڭ ئىچىدە قاندىكى خولېستېرىن تەركىبى يۇقىرىلاپ كەتكەنلەر بايقالمىغان، شۇنداقلا، يۈرەك كېسىلى بولغانلارمۇ بايقالمىغان.

      يېقىندا، تۈركىيە دۆلەتلىك ئوتتۇرا يەر دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا ئىنستىتۇتى يۈرەك كېسەللىرى ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ئېسانىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇخۇم تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدىكەن، شۇڭا، خولېستېرىنى يۇقىرىلاپ كەتكەن ئاغرىقلار ھەر كۈنى بىر تۇخۇم يېسە، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بولىدىكەن.

      تۇخۇم ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق كېسەلدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. تۇخۇمدا ئاقسىل، B تۈرىدىكى ۋىتامىنلار، ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن A ، D مول، مىنېرال ماددىلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارمۇ ناھايىتى مول. تۇخۇم سېرىقىدا مول لېتستىن بار، ئۇ بىر خىل كۈچلۈك ئىمۇلسىيەلەشتۈرگۈچى دورا بولۇپ، ياغ ۋە خولېستېرىن دانچىسىنى كىچىكلىتىپ، قاندىكى خولېستېرىننى ئازايتىدۇ، لېتستىن مېڭىدە ئاتسېتلىخولىنغا ئايلىنىپ، ئەستە قالدۇرۇش، تەپەككۇر قىلىش ۋە تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مېڭە فۇنكسىيەسىنىڭ زەئىپلىشىشىنى كېچىكتۈرىدۇ.

      تۇخۇم تەركىبىدە، يەنە كىسانتوفىل ۋە كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى بار بولۇپ، بۇ ئىككى ماددىنىڭ كۆزدىكى سېرىق داغ ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رولى بار. بىر كۈندە نەچچە تۇخۇم يېگەن ياخشى؟ بۇنىڭدا ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراش كېرەك.

      ئۈچ ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا ئوبدان پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقىنى ئېزىپ، دەسلەپتە ئازراق، كېيىنچە كۆپەيتىپ بەرسە بولىدۇ.

      ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەرىكىتى كۆپ بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ھەر كۈنى بىر - ئىككى تۇخۇم يېسە، بەزىدە ئۇنىڭدىن كۆپرەك يېسىمۇ بولىدۇ. چوڭلارنىڭ بىر كۈندە قانچە تۇخۇم يېسە بولىدىغانلىقى، كۆپىنچە شۇ ئادەمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەھۋالى، ساغلاملىق ئەھۋالى، خىزمەت خاراكتېرى، يېمەك - ئىچمەك ئادىتى، كۆتۈرۈش دەرىجىسىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. مەسلەن: ئاياللار ھامىلىدارلىق، بالا ئېمىتىش مەزگىللىرىدە ئوزۇقلۇقنى كۆپەيتىشى كېرەك. قاندىكى ياغ تەركىبى يۇقىرىراق بولغانلار ھەپتىسىگە ئۈچ تۇخۇم يەپ بەرسە بولىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان