باش بەت | كائىنات سىرلىرى

ئاي شارى تۇپرىقىنى ئېچىشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق

      ئاي شارى يەر شارىنىڭ تەبىئىي ھەمراھى شۇنداقلا يەر شارىغا ئەڭ يېقىن ئاسمان جىسىمى. ھازىر كىشىلەر ئاي شارىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ۋە بايلىقلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاي شارىنىڭ تۇپراق بايلىقىنى تەكشۈرۈش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

      مول بايلىق ئامبىرى

      ئاي شارى تۇپرىقى يەر شارى تۇپرىقىغا ئوخشاشلا بىر قەۋەت شېغىل، چاڭ - توزان، قىرلىق قورام تاشلار ۋە ئۇششاق دانىچە شەكلىدىكى كىرىستال ماددىلاردىن تەشكىل تاپقان. ئاي شارى تۇپرىقىنىڭ قېلىنلىقى ھەرقايسى ئورۇنلاردا ئوخشاش ئەمەس، ئويمانلىقلاردا تۆت - بەش مېتىر، تۈزلەڭلىكلەردە ئون مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

      ئاي شارىدا ئاتموسفېرا ۋە ماگنىت مەيدانى بولمىغاچقا، يۇقىرى تېزلىكتىكى زەرەتلىك زەررىچىلەر ئېقىمىدىن شەكىللەنگەن قۇياش بورىنى ئاي شارى يۈزىگە بىۋاسىتە چۈشىدۇ. شۇڭا، ئاي شارى تۇپرىقىدا قۇياش بورىنى زەررىچىلىرىنىڭ توپلىنىشىدىن شەكىللەنگەن ھىدروگېن، گېلىي، نېئون، ئارگون ۋە ئازوت قاتارلىق ئېلېمېنتلار مول. بۇلارنىڭ ئىچىدە گېلىي ئۈچ گازى يادرو يىغىلىش رىئاكسىيەسىدىن توك چىقىرىشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماتېرىيالى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاي شارى تۇپرىقىدىكى ئومۇمىي مىقدارى بىر مىليون توننىدىن بەش مىليون توننىغىچە كېلىدۇ.

      رۇسىيە ئالىملىرى ئاي شارى تۇپرىقىنى تەكشۈرۈپ، بۇ تۇپراقتا تەبىئىي ھالەتتىكى دانىچە شەكلىدىكى تۆمۈر، ئالتۇن، كۈمۈش، قوغۇشۇن، سىنك، مىس رۇدىلىرى ھەم كادمىي سىنك، تۆمۈر ۋە مانگان قاتارلىقلار بىلەن گۈڭگۈرتنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن كادمىي سۇلفىت رۇدىلىرى، يەنە يەر شارىدا بولمىغان رودىي يودىدلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.

      ‹‹ ئاي شارى بېتونى›› پولاتتەك مۇستەھكەم

      بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدا كۆپ خىل قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، بولۇپمۇ كۆپ مىقداردا بېتون ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. توشۇغۇچى راكېتالارنىڭ ھازىر يۈك توشۇش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا، سۇ، سېمونتلارنى يەر شارىدىن ئاي شارىغا توشۇش مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئاي شارىدىكى بايلىقلاردىن ياساشقا توغرا كېلىدۇ.

      خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئالەم ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىدىكى ئالىملار تەجرىبىخانىدا ئاي شارى تۇپرىقىدىن بېتون ئىشلەپچىقارغان. تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يەر شارىدا ئادەتتىكى بېتوننىڭ ھەر كىۋادرات سانتىمېتىر يۈزى 200 كىلوگىرام بېسىم كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلىسە، ئاي شارى تۇپرىقىدىن ئىشلەنگەن بېتوننىڭ ھەر كىۋادرات سانتىمېتىر يۈزى 407 كىلوگىرام بېسىم كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن.

      ئامېرىكا ئالاباما ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى ۋە مۇھىت قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ئامېرىكا ئالەم ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ماشېر ئۇچۇش مەركىزى ھەمكارلىشىپ، ئاپوللو پىلانىدا ئاي شارىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ھەقىقىي ئاي شارى تۇپرىقىدىن كىچىك بېتون تاياقچە ياساپ، قىزدۇرۇش، سوزۇش، قىسىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە سىناق قىلىپ كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

      ئاي شارى تۇپرىقىنى ئۆزگەرتىپ زىرائەت تېرىش

      تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئاي شارى تۇپرىقىغا ئوخشاش بولمىغان باكتېرىيەلەرنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تۇپراقنى ياخشىلاپ، يەر شارى ئۆسۈملۈكلىرىنى باراقسان ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن. ئاي شارى تۇپرىقىدا كالتسىي، ماگنىي، فوسفور قاتارلىق كۆپ خىل مىنېرال تەركىبلەر بولغاچقا، ئۇ يەرگە تېرىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر يەر شارى كۆچمەنلىرىنى يېمەكلىك كاپالىتى بىلەن تولۇق تەمىنلىيەلەيدىكەن. ئەگەر تولۇق يېپىق ھالەتتىكى ئاي شارى بازىسىغا ئۆسۈملۈك تېرىغىلى بولسىلا، ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن زۆرۈر ئوكسىگېنمۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن؛ ھەتتا ئىنسانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە كېرەكلىك سۇنىمۇ ئاي شارى تۇپرىقىدىن ئېلىشقا بولىدىكەن.

      ئاي شارىدا ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، ئەڭ چوڭ خىرىس سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغان بىر خىل ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىپ، بازىدىكى خادىملار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش. ھازىر تەتقىق قىلىنىۋاتقىنى ئاي شارى تۇپرىقىدىكى تەركىبلەردىن سۇ ھاسىل قىلىشنىڭ تەننەرخى يۇقىرى ئىكەن. بەزى تەتقىقاتچىلار ئاي شارىدا مۇزلۇقلار بولسا، ئىچىدىغان ۋە يەر سۇغىرىدىغان سۇلارنى مۇزلۇقلاردىن ئالساق، دەپ پەرەز قىلىشىۋاتىدۇ، شۇڭا بۇ جەھەتتىكى سىناقلارمۇ جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ.

      ياۋروپا بوشلۇق ئىدارىسىدىكى ئالىملار بىرنچى تۈركۈمدە ئاي شارىدا تېرىقچىلىق قىلىدىغان ‹‹دېھقان››لار ئوكسىگېن بىلەن نەپەسلىنىشكە ئېھتىياجلىق بولمىغان ماشىنا ئادەملەر بولىدۇ، بۇ ماشىنا ئادەملەر ئاي شارى بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئاساسەن تۈگەتكەندە، بىر قىسىم تېخنىكلار ئاي شارىغا كۆچۈپ چىقىپ، بازا قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېلىپ بارىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان