باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق 2 – نۆۋەتلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر›› نامزاتلىرىنىڭ قىسقىچە ئىش –پائالىيەتلىرى

      ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىن

      ماجى، خۇيزۇ، 13 ياش، قورغاس ناھىيەسى سۈيدۈڭ بازىرى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      سىنىپ باشلىقى ما جى سىنىپ كادىرلىرىنى يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەخسۇس تام گېزىتى ئىشلەپ، سىنىپدىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەزمۇن قىلىنغان ماقالە يېزىشىنى تەشەببۇس قىلدى. يۈشۇ ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئۆزى يىغقان 30 يۈەننى باشلامچىلىق بىلەن ئىئانە قىلدى.

      ماجى مەملىكەتلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلى مۇسابىقىسى شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىنىڭ 3 – يىللىقلار گۇرۇپپىسى بويىچە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچى ئۆسمۈر» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

      دۇەن شۈفېڭ، 16 ياش، كۈيتۈن شەھەرلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 3 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان جاۋ يۈەنپېينىڭ داۋالىنىش ھەققىگە نۇرغۇن پۇل كېتىدىغان بولغاچقا ئائىلىسىدىكىلەر ئامالسىز قالدى. دۇەن شۈفېڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال پارچە خىراجەت پۇلىنى ئىئانە قىلدى، ئۇ يەنە مىكروبلوگدا مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ باشقا ساۋاقداشلىرىنى يېتەكلەپ، مېھىر – مۇھەببىتىنى بىلدۈردى. بۇلتۇر قىشلىق تەتىلدە كۈلشات ئىسىملىك قازاق موماينىڭ ئىگە – چاقىسىز قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، تېجەپ يىغقان پارچە خىراجەت پۇلىغا سوۋغات سېتىۋېلىپ، ئاپىسى بىلەن بىللە بۇ موماينى يوقلىدى. ئۇ ھەر كۈنى مەكتەپكە پىيادە بېرىپ بىر يۈەن كىرا پۇلىنى تېجەپ ھەر ئايدا مومايغا بىر يەشىك سۈت ئاپىرىپ بەردى.

      دۇەن شۈفېڭ كۆپ قېتىم مەكتەپ بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرى››، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

      نارلان قاخار، قازاق، 12 ياش، كۈنەس ناھىيەلىك 3 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      نارلان قىيىنچىلىقى بار ساۋاقداشلىرىدىن ياردىمىنى ئايىمايتتى. ئادەتتە ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى ئۇنتۇپ قالغان ساۋاقداشلىرىغا ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى ئارىيەت بېرەتتى. مەسىلىلەرنى چۈشىنەلمىگەن ساۋاقداشلىرىغا مەسىلىلەرنى قىزغىن ھەم سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ قوياتتى. مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان مەجبۇرىيەت ئەمگىكىدە ئۆزى باشلامچى بولۇپلا قالماي باشقا ساۋاقداشلارنىمۇ ئەمگەك قىلىشقا پائال يېتەكلەيتتى.

      نارلان كۆپ قېتىم مەكتەپ بويىچە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹سەنئەت يۇلتۇزى››، ‹‹ئەمگەك يۇلتۇزى›› قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

      نەفىسە دىلشات، 12 ياش، غۇلجا ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

       نەفىسە دىلشات ئەلاچى ئوقۇغۇچى، ئۇ ساۋاقداشلىرى قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرەتتى. دەرستىن سىرتقى ۋاقتىدا ئۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدىغان ساۋاقدىشى شۈ كۇەنيۆنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىپ ئۇنى ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان دەرىجىگە يەتكۈزدى.

       نەفىسە مەكتەپ بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى››، ناھىيە بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر›› دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

      تارباغاتاي ۋىلايىتىدىن

      ئاقلا ئېزات، قازاق، 17 ياش، تولى ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 1 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      بۇ مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 1 – يىللىقىدا ئوقۇيدىغان مەدىنە 2011 – يىلى 12 – ئايدا ئۈرۈمچىگە سۈنئىي بىلەك سالدۇرۇش ئۈچۈن بارىدىغان بولۇپ، كىرا ھەققى، بىلەك سېلىش ھەققىنىڭ غېمىنى قىلىۋاتقاندا، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئاقلا مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، مەدىنەگە مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ئىئانە توپلاش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى.

ئاقلا مەكتەپ بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرى›› قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.

      گۈلپىيە، 15 ياش، ساۋەن ناھىيەلىك 4 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 3 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      گۈلپىيەنىڭ قوشنىسى قارىغۇچىسى يوق خەنزۇ موماي ئىدى. ئۇ مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن بۇ موماينىڭ ئۆيىگە كىرىپ مۇڭدىشاتتى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇدى، بىراق ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۆيىگە قايتىپ كېلىپلا موماينىڭ ئۆيىگە كىرىپ چېچىنى تاراپ، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى.

      ئۇ 2010 –، 2011 – يىللىرى ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى بولدى. 2010 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر›› نامزاتىغا كۆرسىتىلدى.

      يۈگۇەن شۆبىن، 12 ياش، قوبۇقسار مۇڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى چېڭگۈن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 5 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      يۈگۇەن شۆبىن ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە دارىلئېتام ۋە ساناتورىيەگە بېرىپ شۇ جايدىكى بالىلار ۋە ياشانغانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن دائىم ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئۆگەندى.

      يۈگۇن شۆبىن ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى مۇسابىقىسى››دە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، مەكتەپ دەرىجىلىك ‹‹ئەلاچى ئوقۇغۇچى›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر