باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

مېۋە ئارقىلىق ماغدۇرسىزلىقنى داۋالاش

      تاتلىق ئانار سۈيىدە شەربەت ياساپ، كۈندە بىر قېتىمدىن بىر قانچە كۈن ئىچىپ بەرسە، قاننى كۆپەيتىپ، ماغدۇرسىزلىقنى يوقىتىدۇ.

      بېھىنى پاكىز يۇيۇپ، يالپاقلاپ مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قوشۇپ مۇراببا ياساپ، كۈندە ئىككى، ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 گىرامدىن بىر قانچە كۈن ئىستېمال قىلسا، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ماغدۇرسىزلىقنى تۈگىتىدۇ.

      ناشتىدا ئەنجۈر بىلەن بادام مېغىزى يېيىشنى بىر قانچە كۈن داۋاملاشتۇرسا، بەدەننى كۈچەيتىپ، ماغدۇرسىزلىققا شىپا بولىدۇ.

      بادام مېغىزى 60 گىرام، ئاق جىگدە، ياڭاق، ئۆرۈك، گازىر مېغىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 20 گىرامنى سوقۇپ، كۈندە بىر قېتىمدىن يېيىشنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ ھەم ماغدۇرسىزلىقنى تۈگىتىدۇ.

      كۈندە بەش، ئالتە دانە ياڭاق يېيىشنى داۋاملاشتۇرسا، بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ .

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان