باش بەت | مەكتەپلەر

شيامىن چەت ئەل تىلى مەكتىپى

      شيامىن چەت ئەل تىلى مەكتىپى 1981 - يىلى قۇرۇلغان، فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك ئۆلچەمگە يەتكەن ئوتتۇرا مەكتەپ، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىنىدىغانلار نىسبىتى ئەڭ كۆپ مەملىكەت بويىچە 17 چەت ئەل تىلى مەكتىپىنىڭ بىرى.

      بۇ مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا بۆلۈمى دايۇ ئارىلىدىكى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ‹‹دېڭىز ئۈستى باغچىسى›› گۇلاڭيۈ بىلەن بىر - بىرىگە بېقىشىپ تۇرىدۇ، بۇ، تاغ، دېڭىز ۋە كۆل مەنزىرىسى مۇجەسسەملەنگەن ئۆزگىچە مەنزىرىلىك رايون. بۇ مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا بۆلۈمىدە زامانىۋى خىزمەت بىناسى، ئوقۇتۇش بىناسى، پەن - تېخنىكا بىناسى، زامانىۋى تەلىم - تەربىيە تېخنىكا مەركىزى، كۇتۇپخانا، سەنئەت بىناسى، تەنتەربىيە سارىيى، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى قاتارلىق ئەسلىھەلەر بار. مەكتەپ رايونىدا مۇھىت كۆركەم، ئۈسكۈنىلەر ئىلغار، زامانىۋى پۇراق قويۇق.

      بۇ مەكتەپ ‹‹ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىش، بارلىق ئوقۇغۇچىغا يۈزلىنىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش››تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ‹‹چەت ئەل تىلىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي پەنگىمۇ، تەبىئىي پەنگىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش››تىن ئىبارەت يېتەكچى ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دەرسلىك ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ساپاسى يۇقىرى، بىلىم قۇرۇلمىسى مول ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ تەربىيەلىدى.

      بۇ مەكتەپ 2005 - يىلىدىن باشلاپ فۇجيەن ئۆلكىسى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭ سىنىپى تەسىس قىلغان مەكتەپلەرنىڭ بىرى، ھازىر بۇ مەكتەپتىكى تۆت سىنىپتا شىنجاڭلىق 170 نەچچە ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. بۇ مەكتەپ شىنجاڭ سىنىپى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ سىنىپى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى، شىنجاڭ سىنىپىنى باشقۇرۇش بۆلۈمى قۇرۇپ، تەجرىبىسى مول ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس ئۆتۈشكە ۋە باشقۇرۇشقا قويدى، بۇ مەكتەپ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش شارائىتى ھازىرلاشقا قۇربىنىڭ يېتىشىچە تىرىشتى.

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەكتەپ مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر چەت ئەل تىلى مەكتىپى، مەملىكەت بويىچە چەت ئەل تىلى مەكتەپلىرى خىزمىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرىيىتى، مەملىكەت بويىچە چەت ئەل تىلى ئوقۇتۇشى تەتقىقات خىزمىتىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ، مەملىكەت بويىچە زامانىۋى مائارىپ تېخنىكا تەجرىبە مەكتىپى، مەملىكەت بويىچە خەنزۇ تىلىنى كېڭەيتىش بازىسى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئاتا - ئانىلار مەكتىپى قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولدى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان