باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

ئۇچالايدىغان يەل كېمە

    

      يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر شىركەت يېڭى تىپتىكى يەل كېمىنى ياساپ چىققان. بۇ خىل يەل كېمىنى سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ ھەيدىگىلى بولىدىكەن. ھەتتا بۇ يەل كېمىنى ھاۋا بوشلۇقىدىمۇ ھەيدىگىلى بولىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەل كېمە 16 مېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلۈپ ئۇچالايدىكەن. بۇ يەل كېمىسى قارلىق دالالاردا، قۇملۇقلاردا ماڭالايدىكەن، سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن، ئۇنىڭغا 270 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى قۇرامىغا يەتكەن ئۈچ ئادەم سىغىدىكەن، نۆۋەتتە بۇ خىل يەل كېمىگە 190 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى باھا قويۇلغان.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مەۋلان